شەپقەت كاچاتلىرى

شەپقەت كاچاتلىرى

ئونىنچى لەمئا

شەپقەت كاچاتلىرى رىسالىسى

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

﴿يَوْمَ تَجِدُ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ مِنْ خَيْرٍ مُحْضَرًا وَمَا عَمِلَتْ مِنْ سُوءٍ تَوَدُّ لَوْ اَنَّ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُ اَمَدًا بَعِيدًا

وَيُحَذِّرُكُمُ اللّٰهُ نَفْسَهُ وَاللّٰهُ رَؤُفٌ بِالْعِبَادِ﴾

(ئەل ئىمران:30)

ئايىتىنىڭ بىر سىرىنى، قۇرئان خىزمىتىدىكى دوستلىرىمنىڭ ئىنسانلىقنىڭ تەقەززاسى يۈزسىدىن ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە يېگەن شەپقەت كاچاتلىرىنى بايان قىلىش بىلەن تەپسىر قىلىدۇ. قۇرئان خىزمىتىنىڭ بىر كارامەت زەنجىرى ۋە ئۇ مۇقەددەس خىزمەتنىڭ ئەتراپىدا ﷲنىڭ ئىزنى(رۇخسىتى) بىلەن نازارەت قىلغان، ھەمدە ھىممەت ۋە دۇئاسى بىلەن ياردەم قىلغان غەۋسۇل ئەئزەمنىڭ بىر تۈرلۈك كارامىتى بايان قىلىنىدۇ. مەقسەت، بۇ مۇقەددەس خىزمەتتە بولغانلار ئەستايىدىللىقلىرىدا، خىزمەتلىرىدە سەبات (چىدامچانلىق) كۆرسىتىشلىرى ئۈچۈندۇر.

بۇ مۇقەددەس خىزمەتنىڭ كارامىتى ئۈچ تۈرلۈكتۇر:

  بىرىنچى تۈرى: ئۇ خىزمەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە خادىملىرىنى ئۇ خىزمەتكە رىغبەتلەندۈرۈش جەھەتىدۇر.

  ئىككىنچى قىسىم: توسقۇنلۇقلارنى دەپئى قىلىش ۋە زىيانداشلارنىڭ شەررىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى كاچاتلاشتۇر.

  بۇ ئىككى قىسىمنىڭ ھادىسىلىرى كۆپتۇر، ھەم ناھايىتى ئۇزۇندۇر.* بۇنى باشقا ۋاقىتقا قويۇپ تۇرۇپ، ئەڭ يېنىك بولغان ئۈچىنچى بىر قىسىمدىن سۆزلەيمىز.

  ئۈچىنچى قىسىم شۇدۇركى: خىزمەتتە خالىس تىرىشقانلار بىپەرۋالىق قىلغان ۋاقىتتا، شەپقەتلىك بىر كاچات يەيدۇ، كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ يەنە ئۇ خىزمەتكە كىرىدۇ. بۇ قىسىمنىڭ ھادىسىلىرى يۈزدىن ئارتۇقتۇر. پەقەت يىگىرمە ھادىسىدىن ئون ئۈچئون تۆتى شەپقەتلىك كاچات يىگەن، ئالتەيەتتىسى غەزەپ كاچىتى يىگەندۇر.

  بىرىنچىسى: بۇ بىچارە سەئىدتۇر. قاچانكى خىزمەتتە پاسسىپلىشىپ، «بولدىلا» دەپ خۇسۇسىي ۋە نەفسىمگە ئائىت ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ۋاقىتىمدا كاچات يېدىم. ھەم بىپەرۋالىقىمدىن كاچات يېگەنلىكىمگە قانائىتىم بار. چۈنكى قايسى مەقسىتىم مېنى ئالدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەكسى بىلەن كاچات يەيتتىم. باشقا خالىس دوستلىرىمنىڭ يېگەن شەپقەت كاچاتلىرىمۇ دىققەت قىلغانسېرى، مېنىڭدەك قايسى مەقسەت ئۈچۈن ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئۇنىڭ ئەكسى بىلەن كەلگەنلىكتىن قانائىتىمىز كەلدىكى: ئۇ ھادىسىلەر، قۇرئان خىزمىتىنىڭ كارامىتىدىندۇر.

  مەسىلەن: بۇ بىچارە سەئىد، ۋاندا قۇرئان ھەقىقەتلىرى دەرسى بىلەن مەشغۇل بولغان ۋاقتىمدا، شەيخ سەئىد ھادىسىلىرى زامانىدا ۋەسۋەسىلىك ھۆكۈمەت، ھېچبىر جەھەتتە ماڭا چېقىلمىدى ۋە چېقىلالمىدى. دەل «بولدىلا» دېگەن، ئۆز نەفسىمنى ئويلىغان، ئاخىرىتىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەرەك تېغىدا خارابە غاردەك بىر يەرنى ماكان تۇتقان چېغىمدا مېنى سەۋەبسىز ئۇ يەردىن ئېلىپ، سۈرگۈن قىلدى. بۇردۇرغا ئەكەلدى. ئۇ يەردە يەنە مەن قۇرئان خىزمىتىدە بولغان ئارىلىقتا (ئۇ چاغدا سۈرگۈنلەرگە بەك دىققەت قىلاتتى، سۈرگۈنلەر ھەر ئاخشام ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولسىمۇ،) مەن ۋە خالىس تالىپلىرىم مۇستەسنا قالدۇق. مەن ھېچبىر ۋاقىت يوقلىمىغا ئۆتۈشكە بارمىدىم، ھۆكۈمەتنى تونىمىدىم. ئۇ يەرنىڭ ۋالىيسى، ئۇ يەرگە كەلگەن فەۋزى پاشاغا شىكايەت قىپتۇ. فەۋزى پاشا: «ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، ھۆرمەت قىلىڭلار» دەپتۇ. بۇ سۆزنى ئۇنىڭغا سۆزلەتكۈزگەن، قۇرئان خىزمىتىنىڭ مۇقەددەسلىكىدۇر. قاچانكى نەفسىمنى قۇتقۇزۇش، پەقەتلا ئاخىرىتىمنى ئويلاش پىكرى ئۈستۈن كەلسە؛ قۇرئان خىزمىتىدە پاسسىپلىق ھاسىل بولسا؛ مەقسىتىمنىڭ ئەكسى بىلەن كاچات يېدىم. يەنى بىر سۈرگۈن قىلىنغان يەردىن باشقىسىغا (ئىسپارتاغا) ئەۋەتىلدىم. ئىسپارتادا يەنە خىزمەتنى قولۇمغا ئالدىم. يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بەزى قورقۇنچاق ئىنسانلار: «بۇ خىل ئەھۋالنى ھۆكۈمەت ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن، بىرئاز ئېھتىياتچان بولساڭ تېخىمۇ ياخشىدېدى. مەندىمۇ پەقەتلا ئۆزىنى ئويلاش ئويى قايتىدىن كۈچلەندى. «كىشىلەر كېلىپ قالمىسۇن» دېدىم. يەنە ئۇ يەردىن ئۈچىنچى قېتىم سۈرگۈن قىلىنىپ بارلاغا كەلتۈرۈلدۈم. بارلادىمۇ قاچان ماڭا ھورۇنلۇق كەلسە، پەقەت ئۆزۈمنى ئويلاش ئويى كۈچلەنسە، بۇ ئەھلى دۇنيانىڭ يىلانلىرىدىن، مۇناپىقلىرىدىن بىرسى مېنىڭ چىشىمغا تەگدى. بۇ سەككىز يىلدا سەكسەن ھادىسىنى، ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ھېكايە قىلالايمەن، زېرىكتۈرمەسلىك ئۈچۈن قىسقارتتىم.

  ئەي قېرىنداشلىرىم! بېشىمغا كەلگەن شەپقەت كاچاتلىرىنى سۆزلىدىم. سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارغا كەلگەن شەپقەت كاچاتلىرىنى رۇخسەت قىلساڭلار ۋە رازى بولساڭلار سۆزلەيمەن. ئاغرىنماڭلار. ئاغرىنىدىغانلار بولسا ئىسمىنى ئاشكارىلىمايمەن.

  ئىككىنچىسى: ئۆز قېرىندىشىم بولغان، ئەڭ بىرىنچى، يۈكسەك ۋە پىداكار بىر تالىپىم ئابدۇلمەجىدنىڭ ۋان شەھرىدە گۈزەل بىر ئۆيى بار ئىدى. ئىشئوقىتى جايىدا، ھەم مۇئەللىم ئىدى. قۇرئان خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ راۋاج تاپقان بىر يېرى بولغان چىگراغا بېرىشىم ئۈچۈن تەشەببۇس قىلغانلارغا، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرى بويىچە ئارزۇيىمغا قارشى ھالدا خۇددى مېنىڭ مەنپەئەتىمنىلا ئويلىغاندەك ئىشتىراك قىلمىدى، مايىللىق كۆرسەتمىدى. يەنى، مەن چىگراغا بارىدىغان بولسام، ھەم قۇرئان خىزمىتى سىياسەتسىز، ساپ بولمايدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ ۋاندىن چىقىرىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ دەپ قاراپ، ئىشتىراك قىلمىدى. مەقسىتىنىڭ ئەكسى بىلەن شەپقەتلىك بىر كاچات يېدى. ھەم ۋاندىن، ھەم ئۇ گۈزەل ئۆيىدىن، ھەم يۇرتىدىن ئايرىلدى، ئەرغانىيگە كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

  ئۈچىنچىسى: قۇرئان خىزمىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر ئەزاسى بولغان خۇلۇسىي ئەپەندى، ئەغرىدىردىن يۇرتىغا قايتقان ۋاقىتتا، دۇنيالىق سائادەتنى ھېس قىلدۇرىدىغان ۋە تەمىن قىلىدىغان شارائىتلار مەۋجۇت بولغانلىقتىن، پەقەتلا ئاخىرەت ئۈچۈن بولغان قۇرئان خىزمىتىدە بىرئاز پاسسىپلىشىپ قېلىش سەۋەبلىرى ھازىرلاندى. چۈنكى ھەم كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئاتائانىسى بىلەن كۆرۈشتى، ھەم يۇرتىنى كۆردى، ھەم شەرەپلىك، ئەمەل ساھىبى بولغان بىر سۈرەتتە بارغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا ئۇنىڭغا كۈلدى، گۈزەل كۆرۈندى. ھالبۇكى قۇرئان خىزمىتىدە بولغان ئادەمگە، ئىخلاس بىلەن، ئەستايىدىللىق بىلەن قۇرئان خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن يا دۇنيا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىشى ۋەياكى ئۇ دۇنيادىن يۈز ئۆرىشى كېرەك.

  خۇلۇسىينىڭ قەلبى گەرچە تەۋرەنمەس ئىدى. ئەمما بۇ ۋەزىيەت ئۇنىڭغا پاسسىپلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن شەپقەتلىك بىر كاچات يېدى. مۇناپىقلار بىرئىككى يىل ئۆزلۈكسىز ئۇنىڭ چىشىغا تەگدى. دۇنيانىڭ لەززىتىنىمۇ قاچۇردى. ھەم دۇنيانى ئۇنىڭدىن، ھەم ئۇنى دۇنيادىن زېرىكتۈردى. ئۇ ۋاقىت مەنىۋى ۋەزىپىسىدىكى ئەستايىدىللىققا ھەقىقىي شەكىلدە يېپىشتى.

  تۆتىنچىسى: مۇھاجىر ھافىز ئەھمەدتۇر. ئۇ ئۆزى بايان قىلىدۇ: شۇنداق، مەن ئېتىراپ قىلىمەنكى: قۇرئان خىزمىتىدە ئاخىرىتىم نوقتىئىنەزىرىدە خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ سەۋەنلىك قىلدىم. خىزمەتكە زىيان يېتىدىغان بىر ئارزۇدا بولدۇم. شەپقەتلىك، ئەمما شىددەتلىك ۋە كاپپارەتلىك بىر كاچات يېدىم. يەنى: ئۇستازىم يېڭى ئىجادلارغا** تەرەپدار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، (مېنىڭ مەسجىدىم ئۇنىڭ قوشنىسى ئىدى، مۇبارەك ئۈچ ئايلار (رەجەپ، شەئبان، رامىزان ئايلىرى) كېلىۋاتاتتى. مەسجىدىمنى تەرك قىلسام، ھەم مەن كۆپ ساۋاپتىن مەھرۇم قالاتتىم، ھەم مەھەللىدىكىلەر نامازسىزلىققا كۆنۈپ قالاتتى. يېڭىچە ئۇسۇلدا قىلمىسام، مەنئى قىلىناتتىم، مانا بۇ ھۆكۈمۈم بويىچە) روھىم قەدەر سۆيگەن ئۇستازىمنىڭ ۋاقتىنچە باشقا بىر يېزىغا كېتىشىنى ئارزۇ قىلدىم. ئۇ ئورنىنى ئالماشتۇرسا، باشقا بىر يەرگە كەتسە، قۇرئان خىزمىتىگە ۋاقىتلىق زىيان يېتىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن. دەل شۇ پەيىتتە مەن كاچات يېدىم. شەپقەتلىك، ئەمما شۇنداق دەھشەتلىك بىر كاچات يېدىمكى، ئۈچ ئايدىن بېرى ئەقلىم تېخى بېشىمغا كەلمىدى. ئەمما ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۇستازىمنىڭ، كەلگەن ئەسكەرتىش نەتىجىسىدە قەتئىي خەۋەر بېرىشى بىلەن، ئۇ مۇسىبەتنىڭ ھەر مىنۇتى بىر كۈن ئىبادەت ھۆكمىدە بولغانلىقىغا ﷲنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋارمىز. چۈنكى ئۇ خاتالىق بىر غەرەزگە بىنائەن ئەمەس ئىدى. پەقەتلا ئاخىرىتىمنى ئويلاش نۇقتىسىدا ئۇ ئارزۇ كەلگەنىدى.

  بەشىنچىسى: ھەققى ئەپەندىدۇر. ھازىر بۇ يەردە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇلۇسىيغا ۋەكىل بولۇپ سۆزلىگىنىمدەك، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەنمۇ دەيمەنكى: ھەققى ئەپەندى تالىپلىق ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىۋاتقاندا، ئەخلاقسىز بىر ھاكىم كەلدى. ئۇ ھەم ئۇستازىغا ھەم ئۆزىگە زەرەر كەلمەسلىكى ئۈچۈن، يازغانلىرىنى يوشۇردى. نۇر خىزمىتىنى ۋاقتىنچە تەرك قىلدى. بىردىنلا شەپقەت كاچىتى مەنىسىدە مىڭ لىرا تۆلەيدىغان بىر دەۋا بېشىغا ئېچىلدى. بىر يىل ئۇ تەھدىت ئاستىدا قالدى. بۇ يەرگە كەلدى، كۆرۈشتۇق، قايتىشىدا قۇرئان خىزمىتىگە تالىپلىق ۋەزىپىسىگە ئەستايىدىل كىرىشتى. شەپقەت كاچىتىنىڭ ھۆكمى كۆتۈرۈلدى، ئاقلاندى. كېيىن قۇرئاننى يېڭى بىر شەكىلدە*** يېزىش بويىچە تالىپلارغا بىر ۋەزىپە چۈشتى. ھەققى ئەپەندىگىمۇ ئۈلۈش بېرىلدى. ھەقىقەتەن ئۇمۇ ئۈلۈشىنى قوبۇل قىلدى. بىر پارىسىنى مۇكەممەل يازدى. ئەمما تىرىكچىلىك دەردىنىڭ زۆرۈرىيىتى بىلەن ئۆزىنى مەجبۇر بىلىپ، دەۋاگەر ۋاكالەتچىسى بولۇشقا يوشۇرۇن تەشەببۇس قىلدى. بىردىنلا يەنە بىر شەپقەت كاچىتى يېدى. قەلەمنى تۇتقان بارمىقى سۇنۇپ كەتتى. بۇ بارماق بىلەن ھەم دەۋا ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىش، ھەم قۇرئاننى يېزىش ئەپلەشمەيدۇ، دەپ مەنىۋى جەھەتتىن ئەسكەرتىلدى. دەۋا ۋاكالەتچىلىكىگە تەشەببۇس قىلغانلىقىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بارمىقىغا ھەيران بولغان ئىدۇق. كېيىن چۈشەندۇقكى، مۇقەددەس، ساپ بولغان قۇرئان خىزمىتى، ئىنتايىن پاك بولغان، ئۆزىگە خاس بارماقلارنى باشقا ئىشقا ئارىلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. شۇنداق، خۇلۇسىي ئەپەندىنى ئۆزۈمدەك كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۆزلىدىم. ھەققى ئەپەندىمۇ ئەينەن ئۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر مېنىڭ ۋاكالىتىمگە رازى بولمىسا، ئۆزىنىڭ كاچىتىنى ئۆزى يازسۇن.

  ئالتىنچىسى: بەكىر ئەپەندىدۇر. ھازىر بۇ يەردە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مەن قېرىندىشىم ئابدۇلمەجىدكە ۋەكىللىك قىلغىنىمدەك، ئۇنىڭ ئىشەنچ ۋە ساداقىتىگە ئىشىنىپ، ھەمدە شاملىق ھافىز ۋە سۇلايمان ئەپەندىدەك پۈتۈن خاس دوستلىرىمنىڭ ھۆكۈملىرىگە(بىلگەنلىرىگە) تايىنىپ تۇرۇپ دەيمەنكى: بەكىر ئەپەندى، ئونىنچى سۆزنى باستۇردى. قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرىگە دائىر يىگىرمە بەشىنچى سۆزنى يېڭى ھەرپ چىقماستىن بۇرۇن باستۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەۋەتتۇق. ئونىنچى سۆزنىڭ مەتبەئە ھەققىنى ئەۋەتكىنىمىزدەك، ئۇنىمۇ ئەۋەتىمىز دەپ يازدۇق. بەكىر ئەپەندى مېنىڭ پېقىر ھالىمنى ئويلاپ مەتبەئە ھەققى تۆتيۈز لىرا ئەتراپىدا بولارمىكىن دەپ مۇلاھىزە قىلىپ ئۆز يېنىدىن بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كېيىن بەلكىم ئۇستاز رازى بولمايدۇ، دەپ نەفسى ئۇنى ئالدىدى، باستۇرمىدى. قۇرئان خىزمىتىگە چوڭ بىر زەرەر بولدى. ئىككى ئاي كېيىن توققۇز يۈز لىراسىنى ئوغرى ئالدى. شەپقەتلىك ۋە شىددەتلىك بىر كاچات يېدى. ئىنشائاللاھ زايا كەتكەن توققۇز يۈز لىرا سەدىقە ھۆكمىگە ئۆتتى.

  يەتتىنچىسى: شاملىق ھافىز تەۋپىقتۇر. ئۇ ئۆزى بايان قىلىدۇ: شۇنداق ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن بىلمەي ۋە خاتا ئويلاپ، قۇرئان خىزمىتىگە زىيان بېرىدىغان ھەرىكىتىم سەۋەبى بىلەن ئىككى شەپقەتلىك كاچات يېدىم. بۇ كاچاتلارنىڭ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتدارلىق بىلەن كەلگەنلىكىگە شۈبھەم قالمىدى.

  بىرىنچىسى: ئەلھەمدۇلىللاھ، مېنىڭ ئەرەپچە خېتىم قۇرئانغا خېلى ئۇيغۇن بىر شەكىلدە ئىھسان قىلىنغانىدى. ئۇستازىم ئەڭ ئاۋۋال ئۈچ پارىنى ماڭا يازدۇرۇش بىلەن بىللە باشقا دوستلارغىمۇ تەقسىم قىلدى. قۇرئان يېزىش ئىشتىياقى، رىسالىلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىش خىزمىتى جەھەتتىكى ئارزۇيىمنى سۇندۇردى. ھەم ئەرەپچە يازالمايدىغان باشقا دوستلىرىمدىن ئېشىپ كېتىمەن دەپ مەغرۇرانە بىر ھالەتتە بولدۇم. ھەتتا ئۇستازىم ماڭا يېزىشقا ئائىت بىر ئۇسۇل سۆزلىگەن ۋاقىتتا «بۇ مېنىڭ ئىشىم، مەن بۇنى بىلىمەن، دەرس ئېلىشقا ئېھتىياجىم يوقدېگەندەك مەغرۇرانە گەپ قىلدىم. مانا بۇ سەۋەنلىكىم بىلەن، ھېچ ئەسكە كەلمەيدىغان بىر كاچات يېدىم. ئەرەپچە يېزىشنى ئەڭ ئاز بىلىدىغان بىر قېرىندىشىمغا (خۇسرەۋگە) يېتىشەلمىدىم. بىز ھەممەيلەن ھەيران قالدۇق. كېيىن ئۇنىڭ بىر كاچات ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.

  ئىككىنچىسى: مەن ئېتىراپ قىلىمەنكى: قۇرئان خىزمىتىدىكى كامالى ئىخلاس ۋە پەقەتلا ﷲ ئۈچۈن بولۇشنى ئىككى ۋەزىيىتىم بۇزۇۋاتاتتى. نەتىجىدە شىددەتلىك بىر كاچات يېدىم. چۈنكى مەن بۇ يۇرتتا غېرىب ھۆكمىدىمەن، يالغۇزمەن. ھەم شىكايەت بولمىسۇن، ئۇستازىمنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر دەستۇرى بولغان ئىقتىسادچىللىققا ۋە قانائەتكە رىئايە قىلمىغانلىقىمدىن پېقىر ھالغا دۇچارمەن. مەنمەنچى، ھاكاۋۇر ئىنسانلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىمدىن (جانابى ھەق ئەپۇ قىلسۇن) ئادەمىگەرچىلىك دەپ رىياغا ۋە خوشامەتچىلىككە مەجبۇر بولاتتىم. ئۇستازىم كۆپ قېتىم مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەسكەرتىپ، تەنبىھ بېرىپ تۇراتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۆزۈمنى قۇتقۇزالمايۋاتاتتىم. ھالبۇكى قۇرئانى ھەكىمگە ئائىت خىزمەت روھىغا زىت بولغان بۇ ۋەزىيىتىمدىن ئىنسى ۋە جىننى شەيتانلار پايدىلىنىش بىلەن بىللە خىزمىتىمىزگىمۇ بىر سوغۇقلۇق، بىر زىيان بېرىۋاتاتتى.

  مانا مەن بۇ قۇسۇرۇمغا قارشى شىددەتلىك، ئەمما ئىنشائاللاھ شەپقەتلىك بىر كاچات يېدىم. بۇ كاچاتنىڭ ئۇ قۇسۇرۇمغا بىنائەن كەلگەنلىكىگە شۈبھىمىز قالمىدى. بۇ كاچات شۇدۇر: سەككىز يىلدىن بېرى مەن ئۇستازىمنىڭ ھەم مۇخاتابى، ھەم بىرىنچى بولۇپ يازغۇچى كاتىپى، ھەم كوپىيەچىسى بولغان تۇرۇقلۇق، سەككىز ئايچىلىك نۇرلاردىن پايدىلىنالمىدىم. بۇ ھالغا ھەيران قالدۇق. مەن ۋە ئۇستازىممۇ «بۇ نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟» دەپ سەۋەب ئىزدەيتتۇق. ئەمدى قەتئىي قانائىتىمىز كەلدىكى، ئۇ قۇرئان ھەقىقەتلىرى نۇردۇر، زىيادۇر. ساختىپەزلىك، خوشامەتچىلىك ۋە خارلىق زۇلمەتلىرى بىلەن بىرلەشمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نۇرلارنىڭ ھەقىقەتلىرىنىڭ مەزمۇنى ماڭا ياتلىشىۋاتقاندەك بىر ھالغا كېلىپ، ماڭا ناتونۇش كۆرىنىپ مەندىن يىراقلىشىۋاتاتتى. جانابى ھەققە دۇئا قىلىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن جانابى ھەق ماڭا ئۇ خىزمەتكە لايىق ئىخلاس ئىھسان قىلسۇن، ئەھلى دۇنياغا ساختىپەزلىك ۋە رىياكارلىق قىلىشتىن قۇتقازسۇن. باشتا ئۇستازىم ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ دۇئالىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ناھايىتى قۇسۇرلۇق

  شاملىق ھافىز تەۋپىق

  سەككىزىنچىسى: سەيرانىيدۇر. بۇ زات، خۇسرەۋگە ئوخشاش نۇرغا مۇشتاق ۋە زېرەك تالىپىم ئىدى. قۇرئان سىرلىرىنىڭ ۋە جىفر ئىلمىنىڭ مۇھىم بىر ئاچقۇچى بولغان تەۋافۇقلارغا دائىر ئىسپارتادىكى تالىپلارنىڭ پىكىرلىرىنى سورىغانىدىم. ئۇنىڭدىن باشقىلىرى كامالى قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلدى. ئۇ زات باشقا بىر پىكىردە ۋە باشقا بىر قىزىقىشتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىراك قىلماسلىق بىلەن بىللە، مېنىمۇ مەن قەتئىي بىلگەن ھەقىقەتلەردىن ۋاز كەچۈرۈشنى خالىدى. ھەقىقەتەن مېنى رەنجىتىدىغان بىر مەكتۇپ يازدى. ئاپلا، بۇ تالىپىمنى يوقىتىپ قويىدىغان بولدۇم! –دېدىم. گەرچە پىكرىنى ئايدىڭلىتىشنى خالىغان بولساممۇ، باشقا بىر مەنىمۇ ئارىلىشىپ قالدى. نەتىجىدە بىر شەپقەت كاچىتى يېدى. بىر يىلغا يېقىن خىلۋەتخانىدا (يەنى تۈرمىدە) قالدى.

  توققۇزىنچىسى: چوڭ ھافىز زۈھدۈدۇر. بۇ زات، ئاغرۇستىكى نۇر تالىپلىرىنىڭ بېشىدا ئۇلارنىڭ يىتەكچىسى ھۆكمىدە بولغان بىر زاماندا، سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش ۋە بىدئەتلەردىن قېچىشنى مەسلەك قىلغان تالىپلارنىڭ مەنىۋى شەرىپىنى يېتەرلىك كۆرمەي ۋە ئەھلى دۇنيانىڭ نەزىرىدە بىر مەرتىۋە قازىنىش ئۈمىدى بىلەن چوڭ بىر بىدئەتنىڭ مۇئەللىملىكىنى ئۈستىگە ئالدى. مەسلىكىمىزگە پۈتۈنلەي زىت بىر خاتالىق ئۆتكۈزدى. بەكمۇ ئېغىر بىر شەپقەت كاچىتى يېدى. جەمەتىنىڭ شەرىپىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغان بىر ھادىسىگە دۇچ كەلدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى كىچىك ھافىز زۈھدۈ كاچاتقا ھېچ لايىق ئەمەس تۇرۇقلۇق، ئۇ ئەلەملىك ھادىسە ئۇنىڭ بېشىغىمۇ كەلدى. ئىنشاﷲ ئۇ ھادىسە، ئۇنىڭ قەلبىنى دۇنيادىن قۇتقۇزۇپ، پۈتۈنلەي قۇرئانغا بېرىش ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئوپراتسىيە ھۆكمىگە ئۆتكۈسى.

  ئونىنچىسى: ھافىز ئەھمەد(رەھمەتۇللاھى ئەلەيھ) ئىسىملىك بىر ئادەمدۇر. بۇ زات، رىسالىلەرنى يېزىشتا ئىككىئۈچ يىل باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىغان بىر سۈرەتتە بولىۋاتاتتى ۋە فەيز ئېلىۋاتاتتى. كېيىن ئەھلى دۇنيا ئۇنىڭ بىر ئاجىزلىق نۇقتىسىدىن پايدىلاندى. ئۇ قىزغىنلىق زېدىلەندى. بەلكى ئۇ جەھەتتىن ئەھلى دۇنيانىڭ زەرەرىنى كۆرمەسلىكى، ئۇلارغا سۆزىنى ئۆتكۈزەلىشى ۋە بىر تۈرلۈك مەرتىۋە قازىنىشى، ھەمدە تار بولغان تىرىكچىلىكىنىڭ قولايلىشىشى ئۈچۈن ئەھلى دۇنياغا ئارىلاشتى. ئۇ سەۋەبتىن قۇرئان خىزمىتىگە ئۇ شەكىلدە كەلگەن توسقۇنلۇق ۋە زەرەرگە مۇقابىل ئىككى كاچات يېدى. بىرى، تار تىرىكچىلىكى بىلەن بىللە يەنە بەش نوپۇس قېتىلدى، پەرىشانلىقى تېخىمۇ ئاشتى. ئىككىنچى كاچات، شەرەپ ۋە ئىناۋەت نۇقتىسىدا ناھايىتى زىل ۋە ھەتتا ھېچبىر ئادەمنىڭ تەنقىد ۋە ئېتىرازىنى ئاسان كۆتۈرەلمەيدىغان ئۇ زات، ئۆزى بىلمەستىن بەزى ھىيلىگەر ئىنسانلار ئۇنى شۇنداق بىر سۈرەتتە ئۆزلىرىگە پەردە قىلدىكى، شەرىپى يەر بىلەن يەكسان بولدى، يۈزدە توقسىنىنى يوقاتتى ۋە يۈزدە توقسان ئادەمنى ئۆزىگە قارشى قىلىۋالدى. نېمىلا بولسۇنﷲ كەچۈرسۇن، بەلكى ئىنشائاللاھ بۇنىڭدىن ھۇشىنى تاپار، يەنە قىسمەن ۋەزىپىسىگە قايتار.

   ئون بىرىنچىسى: بەلكى رازىلىقى يوق دەپ يازمىدۇق.

  ئون ئىككىنچىسى: مۇئەللىم غالىپتۇر(ر.ھ). شۇنداق، بۇ زات سادىقلىق بىلەن، ئالقىشلىغان ھالدا نۇرلارنىڭ يېزىلىشىدا كۆپ خىزمەت قىلدى ۋە ھەر قانداق مۈشكۈلات قارشىسىدا زەئىپلىك كۆرسەتمىدى. كۆپىنچە كۈنلەردە يېنىمغا كېلەتتى، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلايتتى ۋە كۆپەيتىپ يازاتتى. كېيىن ئوتتۇز لىرا پۇل بېرىش بەدىلىگە ئۆزىگە پۈتكۈل «سۆزلەر»نى ۋە «مەكتۇبات»نى يازدۇردى. ئۇنىڭ مەقسىتى يۇرتىدا تارقىتىش، ھەمدە يۇرتداشلىرىنى نۇرلاندۇرۇش ئىدى. كېيىن بەزى ئويلار نەتىجىسىدە رىسالىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەك تارقاتمىدى، ساندۇقتا قويۇپ قويدى. بىردىنلا ئەلەملىك بىر ھادىسە سەۋەبىدىن بىر يىل غەمغۇسسە چەكتى. رىسالىلەرنى تارقىتىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭغا ئاداۋەت تۇتىدىغان رەسمىي(ھۆكۈمەتكە باغلىق) بىر قانچە دۈشمەنلەرگە بەدەل، زالىم، ئىنساپسىز نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى تېپىۋالدى؛ بىر قىسىم دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

  ئون ئۈچىنچىسى: ھافىز خالىدتۇر(ر.ھ). ئۆزى بايان قىلىدۇ: «ئېتىراپ قىلىمەنكى، ئۇستازىمنىڭ قۇرئان خىزمىتىدە تارقاتقان ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلىشىدا ناھايىتى قىزغىن بىر سۈرەتتە مەشغۇل بولىۋاتقان ۋاقتىمدا مەھەللىمىزدە بىر مەسجىد ئىماملىقى بار ئىدى. كونا ئىماملىق ۋەزىپەم بويىچە سەللە يۆگەش نىيىتى بىلەن، ۋاقتىنچە نۇر خىزمىتىگە بىپەرۋالىق قىلىپ بىلمەستىن ئۆزۈمنى تارتتىم. مەقسىتىمنىڭ ئەكسى بىلەن شەپقەتلىك بىر كاچات يېدىم. سەككىزتوققۇز ئاي ئىماملىق قىلغان بولساممۇ، مۇپتىنىڭ كۆپلىگەن ۋەدىلىرى بار تۇرۇقلۇق، كۈتۈلمىگەن يەردىن سەللە يۆگىيەلمىدىم. شۈبھىمىز قالمىدىكى، بۇ ئۇ قۇسۇردىن كەلگەن شەپقەتلىك بىر كاچات ئىكەن. مەن ئۇستازىمنىڭ ھەم بىر مۇخاتابى، ھەم بىر كاتىپى ئىدىم. مېنىڭ ئۆزۈمنى تارتىشىم بىلەن يازدۇرۇش مەسىلىسىدە قىينىلىپ قالغانىدى. نېمىلا بولمىسۇنيەنە شۈكۈركى، قۇسۇرىمىزنى چۈشەندۇق، بۇ خىزمەتنىڭمۇ نەقەدەر مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى بىلدۇق ۋە شاھى گەيلانىدەك ئارقىمىزدا قوغدىغۇچى پەرىشتىدەك ئۇستازىمىزنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشەندۇق.

قۇللارنىڭ ئەڭ زەئىپى ھافىز خالىد

  ئون تۆتىنچىسى: ئۈچ مۇستافانىڭ كىچىك «ئۈچ كاچات» يېيىشلىرىدۇر.

  بىرىنچىسى: مۇستافا چاۋۇش(ر.ھ) سەككىز يىلدىن بېرى مېنىڭ كىچىك مەسجىدىمگە، مەشىدىن تارتىپ كىرسىن، سەرەڭگىسىگە قەدەر خىزمەت قىلاتتى. ھەتتا كىرسىن ۋە سەرەڭگىسىنى سەككىز يىلدىن بېرى ئۆز يېنىدىن سەرپ قىلىپ ئالغانلىقىنى كېيىن بىلدۇق. جامائەتكە، خۇسۇسەن جۈمە كېچىلىرىدە ناھايىتى زۆرۈر بىر ئىش بولمىسا كېيىن قالمايتتى. كېيىن ئەھلى دۇنيا ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ساپلىقىدىن پايدىلىنىپ دېدىكى: «سۆزلەرنىڭ بىر كاتىپى بولغان ھافىزنىڭ سەللىسىگە چېقىلىشلىرى مۇمكىن. ھەم يوشۇرۇن ئەزان ۋاقتىنچە تەرك قىلىنسۇن. سەن كاتىپقا دە، مەجبۇرلىنىشتىن بۇرۇن سەللىسىنى ئېلىۋەتسۇنئۇ، قۇرئان خىزمىتىدە بولغان بىرسىنىڭ سەللىسىنى ئالغۇزىۋېتىشكە دائىر سۆزنى دېيىشنىڭ، مۇستافا چاۋۇشقا ئوخشاش يۈكسەك روھلۇقلارغا ناھايىتى ئېغىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەي قاپتۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى دەپتۇ. ئۇ كېچە چۈشۈمدە، مۇستافا چاۋۇشنىڭ قوللىرى مەينەت، ھاكىمنىڭ ئارقىسىدىن مىڭىپ ھۇجرامغا كەلگىنىنى كۆرۈپتىمەن. ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭغا دېدىم: مۇستافا چاۋۇش، سەن بۈگۈن كىم بىلەن كۆرۈشتۈڭ؟ سېنى قولۇڭ مەينەت بىر ھالەتتە ھاكىمنىڭ ئارقىسىدا كەلگەنلىكىڭنى كۆردۈم. ئۇ دېدى: «ۋاي ئېسىت! ماڭا مۇنداق بىر سۆزنى كاتىپقا سۆزلە! دەپ كەنت باشلىقى دېگەنىدى. نەتىجىسىنىڭ نېمە بولىشىنى بىلەلمىدىمھەم ئەينى كۈندە بىر كىلوغا يېقىن كىرسىننى مەسجىدكە ئېلىپ كەپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ كۈن مەسجىدنىڭ ئىشىكى ئوچۇق قالغاچقا، ئىچىگە بىر ئوغلاق كىرىپ قاپتۇ. كېيىن بىر ئادەم كەپتۇ، ئوغلاقنىڭ جاينامىزىمغا يېقىن تۇرغان كىرلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىۋرىقتىكى كىرسىننى سۇ دەپ ئويلاپ، ئۇ كىرسىننىڭ ھەممىسىنى تازىلىق قىلىمەن دەپ مەسجىدنىڭ ھەر تەرىپىگە چېچىپتۇ. ئاجايىپتۇركى، پۇرىقىنى سەزمەپتۇ. دېمەك ئۇ مەسجىد ئەھۋال تىلى بىلەن مۇستافا چاۋۇشقا: «سېنىڭ كىرسىنىڭ بىزگە لازىم ئەمەس، قىلغان خاتالىقىڭ ئۈچۈن كىرسىنىڭنى قوبۇل قىلمىدىمدەپ ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئادەمگە پۇراق سەزدۈرۈلمەپتۇ. ھەتتا ئۇ ھەپتە ئىچىدە جۈمە كېچىسىدە ۋە بىر قانچە مۇھىم نامازدا، ئۇ قەدەر تىرىشقان تۇرۇقلۇق جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىدى. كېيىن جىددى بىر نادامەت، بىر ئىستىغفاردىن كېيىن ئەسلى ساپلىقىنى تاپتى.

  ئىككىنچى مۇستافالار: كۇلەئۆنۈدىكى قىممەتدار، تىرىشچان، مۇھىم بىر تالىپىم بولغان مۇستافا بىلەن ئۇنىڭ ناھايىتى سادىق ۋە پىداكار دوستى ھافىز مۇستافادۇر(ر.ھ). مەن ھېيىتتىن كېيىن، ئەھلى دۇنيا بىزنى بىئارام قىلىپ، قۇرئان خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلمىسۇن، دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنىدىم. ناۋادا كېلىدىغان بولسا، بىربىردىن كەلسۇن دېگەنىدىم. ھالبۇكى بۇلار ئۈچ ئادەم بىراقلا بىر كېچىدە كەلدى. بامداتتىن بۇرۇن ھاۋا ياخشى بولسا قايتىش نىيەت قىلىندى. ھېچ كۆرۈلمىگەن بىر شەكىلدە ھەم مۇستافا چاۋۇش، ھەم سۇلايمان ئەپەندى، ھەم مەن، ھەم ئۇلار ئوچۇق بىر تەدبىر ئويلىمىدۇق، بىزگە ئۇنۇتتۇرۇلدى. ھەربىرىمىز باشقىسىغا قويۇپ ئېھتىياتسىزلىق قىلدۇق. ئۇلار بامداتتىن بۇرۇن كەتتى. شۇنداق بىر شىۋىرغان ئۇلارنى ئىككى سائەت توختىماستىن كاچاتلىدىكى، بۇ شىۋىرغاندىن قۇتۇلالمايدىغان بولدى، دەپ ئەندىشە قىلدىم. ھازىرغا قەدەر بۇ قىشتا بۇنداق بىر شىۋىرغان چىقمىغانىدى ۋە مەنمۇ ھېچكىمگە بۇ قەدەر ئىچ ئاغرىتمىغانىدىم. كېيىن سۇلايماننى ئېھتىياتسىزلىقىنىڭ جازاسى قىلىپ كەينىدىن ئەۋەتىپ ساقسالامەتلىكلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئەۋەتمەكچى ئىدىم. مۇستافا چاۋۇش دېدى: «ئۇ بارسا، ئۇمۇ شىۋىرغاندا قالىدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ ئىزدىسەم بولىدۇ، مېنىڭ كەينىمدىن ئابدۇللاھ چاۋۇشنىڭ بېرىشى كېرەك بولىدۇشۇنىڭ بىلەن «تەۋەككەلنا ئەلەللاھ»(ﷲقا تەۋەككۇل قىلدۇق) دېدۇق، ئامانلىق خەۋىرىگە تەقەززا بولدۇق.

  سوئال: خاس دوستلىرىمىزغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى، كاچات دەپ قۇرئان خىزمىتىدىكى پاسسىپلىقلىرى جەھەتىدە بىر جازا دەپ قاراۋاتىسەن. ھالبۇكى، سىلەرگە ۋە قۇرئان خىزمىتىگە ھەقىقىي دۈشمەنلىك قىلغانلار ساقسالامەت يۈرىۋاتىدۇ. نېمىشقا دوستقا كاچات ئۇرىلىدۇ، دۈشمەنگە چېقىلىلمايدۇ؟

  جاۋاب: اَلظُّلْمُ لاَ يَدُومُ وَالْكُفْرُ يَدُومُ سىرى بويىچە: دوستلارنىڭ خاتالىقلىرى، خىزمىتىمىزگە بىر تۈرلۈك زۇلۇم ھۆكمىگە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، تېزلا پېشكەللىككە ئۇچرايدۇ. شەپقەتلىك كاچات يەيدۇ، ئەقلى بولسا ھۇشىنى تاپىدۇ. دۈشمەن بولسا، ئۇلارنىڭ قۇرئان خىزمىتىگە قارشىلىقى، توسقۇنلۇق قىلىشى زالالەت ھېسابىغا ئۆتىدۇ. بىلىپ ياكى بىلمەي خىزمىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلىشى، دىنسىزلىق ھېسابىغا ئۆتىدۇ. كۇفۇر داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار كۆپىنچە ئالدىراپ كاچات يېمەيدۇ. كىچىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جازاسى ناھىيەلەردە بېرىلگىنىدەك، چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەنلەر چوڭ مەھكىمىلەرگە ئەۋەتىلگەندەك، ئەھلى ئىماننىڭ ۋە خاس دوستلىرىمنىڭ ھۆكۈم جەھەتتىن كىچىك خاتالىقلىرىنىڭ جازالىرى، تېزدىن ئۇلارنى پاكلاش ئۈچۈن قىسمەن دۇنيادا ۋە تېزلا بېرىلىدۇ. ئەھلى زالالەتنىڭ جىنايەتلىرى ئۇ قەدەر بۈيۈكتۇركى، قىسقىغىنە دۇنيالىق ھاياتلىرى جازالىرىنى سېغدۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئادالەتنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە باقىي ئالەمدىكى چوڭ مەھكىمىگە تەخىر قىلىندىغانلىقى ئۈچۈن، كۆپىنچە بۇ يەردە جازاغا ئۇچرىمايدۇ.

  ھەدىسى شەرىفتىكى اَلدُّنْيَا سِجْنُ الْمُؤْمِنِ وَجَنَّةُ الْكَافِرِ مەزكۇر ھەقىقەتكىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ. يەنى: دۇنيادا مۆئمىن، قىسمەن قۇسۇرلىرىنىڭ جازاسىنى تارتقانلىقى ئۈچۈن دۇنيا ئۇنىڭ ھەققىدە بىر جازا يېرىدۇر. دۇنيا، ئۇلارنىڭ سائادەتلىك ئاخىرەتلىرىگە نىسبەتەن بىر زىندان ۋە جەھەننەمدۇر. كاپىرلار بولسا مادەم جەھەننەمدىن چىقالمايدۇ، ياخشىلىقلىرىنىڭ مۇكاپاتلىرىنى قىسمەن دۇنيادا كۆرگەنلىكلىرى ۋە چوڭ يامانلىقلىرىنىڭ تەخىر قىلىنىدىغانلىقى جەھەتىدىن، ئۇلارنىڭ ئاخىرىتىگە نىسبەتەن دۇنيا، جەننەتلىرىدۇر. بولمىسا مۆئمىن بۇ دۇنيادىمۇ كاپىرلاردىن مەنىۋى جەھەتتىن ۋە ھەقىقەت نۇقتىئىنەزىرىدە ناھايىتى بەك بەختىياردۇر. گويا مۆئمىننىڭ ئىمانى، مۆئمىننىڭ روھىدا بىر مەنىۋى جەننەتتەك بولىدۇ؛ كافىرنىڭ كۇفرى، كافىرنىڭ ماھىيىتىدە مەنىۋى بىر جەھەننەمنى ئوت ئالدۇرىدۇ.

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

————————————————————-

*مەسىلەن: خەلق پارتىيسى، نۇر تالىپلىرىغا بەرگەن ئىسكەنجە، قىيناش ۋە ئاھانەتلىرى نەتىجىسىدە، ئۆزلىرى دۇنيادا تېخىمۇ زىيادە جازاسىنى تارتتى، ئەينىسىنى كۆردى.

**يەنى: تۈركچە ئەزانغا ئوخشاش ئىسلام شەئائىرلىرىغا زىت بىدئەتلەرنى دېمەكچى.

*** تەۋافۇق مۆجىزىسىنى (ئاستىئۈستى قۇردىكى كەلىمىلەرنىڭ بىربىرىگە دەل كېلىدىغانلىقىنى) كۆرسىتىدىغان بىر سۈرەتتە دېگەنلىكتۇر.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.