!قىزلارغا خوش خەۋەر

!قىزلارغا خوش خەۋەر

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ھەقىقەتكە ناھايىتى قىسقا بىر ئىشارەت

   بەزى ھەدىسى شەرىفلەردە ئىشارەت قىلىنغانكى، «ئاخىرزاماندا ئاياللار تائىپىسىدە ئىمان ھەقىقەتلىرى كۆپرەك نامايەن بولىدۇ. ئۇ زاماننىڭ زالالەت خەتەرلىرىدىن قىسمەن قۇتۇلۇپ قالىدۇ بىر ھەدىسى شەرىفتە پەرمان قىلىدۇكى: عَلَيْكُمْ بِدِينِ الْعَجَائِز يەنى، «ئاخىرزاماندا ياشانغان ئاياللارنىڭ دىنىغا ئەگىشىڭلار دېمەك، شەپقەت قەھرىمانلىرى بولغان ئاياللارنىڭ شۇ شەپقەت خىسلىتىدىن چىققان سەمىمىيەت ۋە ئىخلاسى، شۇ زاماننىڭ رىياكارانە زالالەت خەتەرلىرىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئىسلامىيىتىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.

  يەنە بىر ھەدىسى شەرىف پەرمان قىلىدۇكى: اَبِى الْبَنَاتِ مَرْزُوقٌ يەنى «قىزلارنىڭ دادىسىنىڭ رىزقىغا بەرىكەت كىرىدۇ دېمەك، ئاخىرزاماندا قىز پەرزەنتلەر كۆپىيىدۇ. ھەمدە ئۆزلىرى خەيرلىك، رىزىقلىرى بەرىكەتلىك بولىدۇ. مەن خېلىدىن بېرى بۇ خىل ھەدىسلەرنىڭ سىرىنى بىلمەيتتىم. جانابى ھەقكە شۈكۈر بولسۇنكى، ئاخىرقى پەيتلەردە ئۇ سىرنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندىم. ناھايىتى قىسقا بىر ئىشارەت قىلىمىز:

  ئىىنسان بالىلىرى، باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش قىسقا ۋاقىتتىلا ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمىغانلىقتىن، ياشاشتا ھايۋانلاردەك ئىككىئۈچ ئاي ئەمەس، بەلكى ئون يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت شەپقەتلىك بىر ھىمايىگە مۇھتاج بولىدۇ. مانا بۇ سىر، ھايۋان تائىپىسىگە زىت ھالدا، ئىنسانلاردا ئۆز پەرزەنتلىرىگە بولغان شەپقەت ھېسسىنىڭ، بىر فىترىي خىسلەت شەكلىدە داۋام قىلىشىنى تەقەززا قىلغان. ھەمدە ئىقتىدارسىز بالىلارغا ۋە زەئىپ ئانىلىرىغا ھەقىقىي ياردەم قىلىش ۋە ھىمايىچى بولۇش ھىكمىتىگە بىنائەن، ئەرلەرنىڭ تەبىئىتىدىمۇ شەرەپ ۋە ئىززەت خىسلىتى قويۇلغان. بۇ ئىززەتنىڭ ئىچىدىمۇ خالىس، بەدەلسىز، مىننەتسىز ۋە سەمىمىي بىر قەھرىمانلىق قويۇلغان. لېكىن ئۇ خىسلەت، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقى ئۈچۈن، سەمىمىي ۋە خالىس قەھرىمانلىق خىسلىتى كۆپىنچىسىدە زەئىپلەشكەن. ئەمما ئاياللاردا ئۇ فىترىي خىسلەت بولغان شەپقەت قەھرىمانلىقى بۇزۇلمىغان. بۇ فىترىي خىسلەتنىڭ ئەھلى ئىسلام ئارىسىدا، ئاخىرزاماندا كاتتا بىر خىزمەتكە ۋاستە رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا، ئىسلامىيەت دائىرىسىدە بىر ئاساس بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدەك ھەدىسى شەرىفلەر كۆرسىتىپ رەمىز (زەئىپرەك ئىشارەت) بىلەن خەۋەر بېرىدۇ.

سەئىد نۇرسى

ئەزىز، مەسۇم ئەۋلادلىرىم!

  قۇرئاننى ئۆگىنىش ئۈچۈن دەرس ئېلىۋېتىپسىلەر. سىلەر بىلىدىغان يېڭى ھەرپلەردە يېتەرسىزلىكلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇمكىن بولۇشىچە يېڭى ھەرپتىن ئوقۇماسلىق كېرەك.

  ھەم، قۇرئان ئوقۇشنىڭ پايدىسى پەقەتلا قارىي بولۇش، دۇنيادا ئۇنىڭ بىلەن مەرتىۋە قازىنىش ۋە مائاش ئېلىش ئەمەس، بەلكى ھەربىر ھەرپىنىڭ ھېچ بولمىسا ئوندىن تارتىپ تا يۈزگىچە، تا مىڭلارغا قەدەر جەننەت مېۋىلىرىنى ۋە ئاخىرەتلىك ساۋاپلارنى بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئەبەدىي ھاياتتىكى ھۇزۇر ۋە بەختسائادەتنى تەمىنلەش نىيىتىدە ئوقۇش لازىم.

  شۇنداق، مەكتەپلەردە دۇنيا تىرىكچىلىكى ياكى مەرتىۋىسى ئۈچۈن پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ، بۇ قىسقىغىنە دۇنياۋىي ھاياتتىكى دەرىجىسى ۋە پايدىسى بىر بولسا؛ ئەبەدىي ھاياتتا، قۇرئان ۋە قۇرئاننىڭ مۇقەددەس كەلىمىلىرىنى، ھەمدە نۇرلۇق ۋە ئىمانىي مەنالىرىنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭدىن مىڭلارچە ھەسسە تېخىمۇ قىممەتلىكتۇر. ئۇلار شىشە ھۆكمىدە، بۇلار بولسا ئالماس ھۆكمىدىدۇر.

  ھەم ئاتائاناڭلارغا ھەقىقىي، پايدىلىق ئەۋلادلاردىن بولالايسىلەر. سىلەر، مادام مەسۇمسىلەر، تېخى گۇناھىڭلار يوق؛ مۇشۇنداق مۇقەددەس بىر نىيەت بىلەن ئوقۇساڭلار، سىلەر رىسالەئى نۇرنىڭ مەسۇم شاگىرتلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلىنىپ، بارلىق شاگىرتلارنىڭ دۇئالىرىدىن ھەسسىدار بولىسىلەر. ھەمدە نۇرلۇق ۋە مۇبارەك ئىلىم تالىپى سانىلىسىلەر.

  ھەم ئۇستازىڭلارنى، ھەم سىلەرنى، ھەم ئاتائاناڭلارنى، ھەم يۇرتۇڭلارنى تەبرىكلەيمەن.

سەئىد نۇرسى


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.