Genel

«كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ۋە سوئاللىرىنى قوزغىغان «تۆت كىچىك مەسىلە

ئون ئالتىنچى لەمئا

بِاسْمِهِ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾

اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّٰهِ وَ بَرَكَاتُهُ

  ئەزىز، سىددىق قېرىنداشلىرىم خوجا سابرى، ھافىز ئەلى، مەسئۇد، مۇستافالار، خۇسرەۋ، رەئفەت، بەكىر ئەپەندى، رۈشدۈ، لۈتفۈلەر، ھافىز ئەھمەد، شەيخ مۇستافا ۋە باشقىلارسىلەرگە كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ۋە سوئاللىرىنى قوزغىغان «تۆت كىچىك مەسىلە»نى مەلۇمات شەكلىدە، قىسقىچە بىر سۈرەتتە بايان قىلىشقا قەلبىمدە بىر ئەسكەرتمە ھېس قىلدىم.

  بىرىنچىسى: قېرىنداشلىرىمىزدىن چاپراززادە ئابدۇللاھ ئەپەندىگە ئوخشاش بەزى ئادەملەر: ئەھلى كەشىف (ئەۋلىيالار) بۇ ئۆتكەن رامىزاندا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئۈچۈن بىر زەپەر، بىر مۇۋەپپىقىيەت بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ ۋۇجۇتقا چىقمىدى. بۇنداق ئەھلى ۋەلايەت ۋە ئەھلى كەشىف نېمىشقا ئەمەلىيەتكە زىت خەۋەرلەرنى بېرىدۇ؟ دەپ مەندىن سورىدى. بۇنىڭغا سۈنۇھات(قەلبكە كەلگەن مەنە) شەكلىدە بەرگەن جاۋابىمنىڭ خۇلاسىسى شۇدۇر:

  ھەدىسى شەرىفتە باركى: «بەزەن بالا چۈشىدۇ، كەلگىچە قارشىسىغا سەدىقە چىقىدۇ، قايتۇرىدۇشۇ ھەدىسنىڭ سىرى كۆرسىتىدۇكى: تەقدىر، ۋۇجۇتقا كېلىۋېتىپ بەزى شەرتلەر سەۋەبلىك كەينىگە قايتىدۇ. دېمەك بۇ، ئەھلى كەشىفنىڭ خەۋىرى بولغان تەقدىرنىڭ مۇتلەق ئەمەسلىكىنى، بەلكى بەزى شەرتلەر بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ شەرتلەرنىڭ مەيدانغا كەلمەسلىكى بىلەن ئۇ ھادىسىنىڭمۇ مەيدانغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما ئۇ ھادىسە، ئەجەلى مۇئەللەققە ئوخشاش، لەۋھى ئەزەلىينىڭ بىر تۈرلۈك دەپتىرى ھۆكمىدە بولغان لەۋھى مەھۋى ئىسباتتا (يازاربۇزار دوسكىسىدا) تەيىن قىلىنىپ يېزىلغاندۇر. لەۋھى ئەزەلىيگە قەدەر كەشىف* چىقىشى ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپىنچىسى ئۇ يەرگە چىقالمايدۇ. مانا بۇ سىرغا بىنائەن، ئۆتكەن رامىزانى شەرىفتە، قۇربان ھېيىتتا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئىستىخراجغا** بىنائەن ۋەيا كەشفىيات تۈرىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەر، مۇئەللەق بولغان شەرتلەرنى تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن مەيدانغا چىقمىغاندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەۋەر بەرگەنلەرنى يالغانغا چىقارمايدۇ. چۈنكى بەلگىلەنگەندۇر. ئەمما شەرتى ئورۇنلانمىغاچقا ئۇمۇ مەيدانغا كەلمىگەن. شۇنداق، رامىزانى شەرىفتە بىدئەتلەرنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتتىكى كۆپ سانلىقنىڭ خالىس دۇئاسى بىر شەرت ۋە مۇھىم بىر سەۋەب ئىدى. ئەپسۇسكى مەسجىدلەرگە رامىزانى شەرىفتە بىدئەتلەر كىرگەنلىكى ئۈچۈن، دۇئالارنىڭ قوبۇل بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى ۋە زەپەرمۇ كەلمىدى. يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ سىرى بىلەن، سەدىقە بالانى يوقاتقاندەك، كۆپچىلىكنىڭ خالىس دۇئاسىمۇ ئومۇمىي راھەتلىكنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ. تارتىش كۈچى مەيدانغا كەلمىگەنلىكتىن، غەلىبىمۇ بېرىلمىدى.