ھۈزۈن(كۆڭۈلسىزلىك–غەم) ۋە نەشئە(خۇشاللىق–شاتلىق)
ھۈزۈن–غەم بولسا ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. فاقدۇل ئەھباب يەنى يا ياخشى كۆرگەن سىردىشى ۋە جان دوستى يېقىن كىشىلىرى يوقلۇقتىن كىلىدۇ. يەنى جان دوستى يوق، ساھىپسىز باش پاناھسسىز قېلىشتىن كىلىدىغان قاراڭغۇلۇق بىر ھۈزۈندۇركى، ئازغۇنلۇق قاپلىغان، تەبىئەتپەرەستلىكتىن كەلگەن ۋە غەپلەت باسقان بىر ھالەتتىكى مەدىنىيەتنىڭ ئەدىبىياتىنىڭ بەرگەن ھۈزۈنىدۇر.
ئىككىنچى ھۈزۈن: فىراقۇل ئەھباب يەنى جان–دوسىت يېقىنلىرىدىن ئايرىلىشتىن كەلگەندۇر. يەنى جان دوسىتلىر بار، فىراقىدىن (كۆرگۈسى كەلگەنلىكتىن) بىر ھۈزۈن بىرىدۇ. دېمەك بۇ ھۈزۈن ھىدايەت بىرىدىغان، نۇر چېچىپ تۇرىدىغان قۇرئاننىڭ بەرگەن ھۈزۈنىدۇر.
ئەمما نەشئە بولسا، ئۇمۇ ئىككى قىسىمدۇر. بىرىسى نەپسىنى ھەۋايى ھەۋەسكە تەشۋىق قىلىدۇ. بۇ بولسا تىياتىرچىلار، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر، رومان يازغۇچى مەدىنىيەتنىڭ ئەدىبىياتىنىڭ دىتىغا ياقىدىغىنىدۇر.
ئىككىنچى نەشئە: نەپسىنى جىمىقتۇرۇپ، رۇھىنى، قەلبىنى، ئەقلىنى ۋە سىررىنى كېرەكسىز بوش نەرسىلەردىن تارتىپ ئالىيلىققا، ئەسلى ۋەتىنىگە، ئەبەدى قالىدىغان قارارگاھلىرىغا، ئاخىرەتلىك قېرىنداشلىرىغا يىتىشىش ئۈچۈن لاتىف ۋە ئەدەپلىك مەسۇم بىر تەشۋىقتۇركى، بۇمۇ جەننەت ۋە ئەبەدىي سائادەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە ئىنساننى باشلايدۇ ۋە شوق–ئىشتىياق ئېلىپ كىلىدىغان، بايانى مۇئجىزىلىك بولغان قۇرئاننىڭ بەرگەن نەشئەسى يەنى خۇشاللىقى–شاتلىقىدۇر.