!مۇئمىنلەرگە خۇش بىشارەت

!مۇئمىنلەرگە خۇش بىشارەت

مۇئمىنلەرگە خۇش بىشارەت!

اللەنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ!

وَعَدَ اللّٰهُ الَّذ۪ينَ اٰمَنُوا مِنْكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِى اْلاَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذ۪ينَ مِنْ قَبْلِهِمْۖ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ د۪ينَهُمُ الَّذِى ارْتَضٰى لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُمْ مِنْ بَعْدِ خَوْفِهِمْ اَمْنًۜا يَعْبُدُونَن۪ى لاَ يُشْرِكُونَ ب۪ى شَيْئًۜا وَمَنْكَفَرَ بَعْدَ ذٰلِكَ فَاُو۬لٰٓئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ{٥٥}

  «ئەي شانى ئەڭ ئۈستۈن رەسۇل! ئىنسانلارغا خىتابەن دېگىنكى: (اللە سىزلەردىن ئىمان ئېيىتقان) مۇئمىن ھالدا دۇنياغا كەلگەن ۋە مۇئمىن بولۇپ ياشىغان ۋەياكى كۇفىرىنى تەرك قىلىپ ئىسلامىيەتنى راستچىللىق بىلەن قوبۇل قىلغان(ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلارغا) ئىمانلىرىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ۋە گۈزەل ھال-ھالەتلىرىگە ھۆسۈن قوشۇپ، ياخشى ئىبادەتلەر بىلەن داۋاملاشتۇرغانلارغا(ۋەدە قىلىغان بولۇپ، ئەلۋەتتە ئۇلارنى) ئۇ مۇئمىن سالىھ قۇللىرىنى(يەردە خەلىپىلىككە تەيىن قىلىدۇ) ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قائىم قىلىپ تۇرغۇزۇپ، كۆپ يەرلەرگە ھاكىم قىلدۇرىدۇ. ئۇلار يەر زىمىندا ئىلاھى ئەھكاملارنى ئىجىرا قىلىدۇ ۋە تەتبىقلايدۇ. (ئۇلاردىن بۇرۇنقىلىرىنى خەلىپەلىككە تەيىن قىلغىنىغا ئوخشاش)» ئۇلاردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ئارىسىدا ئاشۇنداق خەلىپىلىك بەرپا قىلىنغان. مەلۇمدۇركى، پىرئەۋىننىڭ ۋە بىر قىسىم زالىم جاببارلارنىڭ ھالاكىتىدىن كىيىن، بەنى ئىسرائىلنىمۇ مىسىرغا ۋە شام تەرەپلەرگە ھاكىم قىلپ، ئۆزلىرىنى ئۇ ھالاك بولغان كىشىلەرنىڭ ئورنىغا خەلىپە قىلغان. ئۇنڭدىن بۇرۇنمۇ نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋىملىرىنىڭ ھالاكىتى بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقىلىرىنى قائىم قىلغان. بىر توپ دىندار بولغان قەۋىملەر، ئۇ دىنسىزلارنىڭ يەرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇ زىمىنلاردا ھۆكۈمران بولغاندۇر. (ۋە ئەلبەتتە ئۇلارغا) ئۇ مۇئمىن، سالىھ قۇللارغا(ئۆزلىرى ئۈچۈن) جانابى ھەقنىڭ(رازى بولغان دىنلىرىنى،) يەنى ئىسلام دىنىنى(تەمكىنلەشتۈرىدۇ) ئۇ دىنى مۇبىننى ئۇلارنىڭ قەلىپلىرىدە ۋە ھاياتلىرىدا سابىت قىلىدۇ ۋە قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ مۇبارەك ئەھكاملىرىغا رىئايەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمرى بىل مەئرۇپ(شەرئى ياخشىلىققا بۇيرۇپ) ۋە نەھيى ئەنىل مۇنكەر(شەرئى يامانلىقتىن تۇسۇش) ۋەزىپىسىنى ھەقىقى تۈردە ۋە لايىقىدا ئۇرۇندايدۇ. (ۋە ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنى) ئۇ خالىس مۇئمىنلەرنى دۈشمەنلىرىگە قارشى(قۇرقۇنچلىرىدىن كىين بىر خاتىرجەملىككە ئېرىشتۇرىدۇ.) ئۇ قورقۇنچتىن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار كامىل خاترجەملىك بىلەن ۋە قەلىپ ھۇزۇرى سۈرۈپ ياشايدۇ. نىتەكىم بۇ ئىلاھى ۋەدە، بىر ئاز مۇددەتتىن كىيىن تەجەللى قىلغاندۇر. (سۇرە نۇر:55)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.