مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ تىنىچلىق ئورنىتىشى پەقەتلا مۇمكىن بولمامدۇ؟

مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ تىنىچلىق ئورنىتىشى پەقەتلا مۇمكىن بولمامدۇ؟

  كائىناتتاقاراڭغۇلۇق بىلەن نۇرنىڭ، مەلەك بىلەن شەيتاننىڭ، زىيا بىلەن زۇلىمەتنىڭ، كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ، قىش بىلەن باھارنىڭ ئەپلىشىپ بىر يەرگە كىلىشى مۇمكىن بولمىغىنىغا ئوخشاش، كاپىر بىلەن مۇسۇلماننىمۇ ئەپلەشتۈرۈپ بىر يەرگە ئېلىپ كىلىش يولى بىلەن ئۇلارنى دوسىت ۋە قېرىنداش قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەستۇر.

  بۇ خىل ئەھۋالدا مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسىبۇ زىتلىقلارنى بىر يەرگە كەلتۈرۈش ئەمەس، چۈنكى بۇ مۇمكىن ئەمەستۇر. ئىسلام دىنى بىلەن ئىناقلاشمىغان ۋە ئىتىقادىغا زىت بولغان كۇپۇر ۋە كۇپۇرنىڭ تەمسىل قىلغۇچىللىرى بىلەن ئىچىمىزدە بولسا ئىلمى جەھەتتىن كۆرەش قىلىپ، سىرتىمىزدا بولسا تەبلىغ قىلىشتىن كىيىن قىلچ بىلەن جىھاد قىلىش سۈرىتى بىلەن يەريۈزىنى ئۇلاردىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىشتۇر. بۇ جىھاد قىلىش ئەمرى بولسا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئەمرىدۇر. بىزنىڭ ئەمرىمىز ئەمەستۇر.

  جانابى ھەق(جەللە جەلالۇھۇ) باشتا رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسالاتۇ ۋەسسالام بولۇش بىلەن بىرگە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا جىھاد ھەققىدە:

يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ

دەپ ئەمىر بۇيىرىغاندۇر:

  ئەي ئالىي شانلىق پەيغەمبەر!

  كاپىرلار(كۇپۇرلىرىنى ئىزھار قىلغان دۈشمەنلەر) بىلەن ۋە مۇناپىقلار(كۇپۇرلىرىنى يۇشۇرۇپ زاھىردە مۇسۇلمان كۆرۈنگەن ۋە يۇشۇرۇن خىيانەت قىلىۋاتقان پىتنەخور كىشىلەر) بىلەن جىھات قىل. (كاپىرلارنى قىلىچ بىلەن يوق قىلىشقا تىرىش. چۈنكى ئۇلارغا قىلىچ بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ شانۇ شەۋكىتىنى كۆرسەتمىگۈچە، ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ شۆھرىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە توسقۇن بولۇشقا تىرىشىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. مۇناپىقلارنىمۇ ھۆججەت ۋە بۆرھاندەلىللەر بىلەن ئويغۇتۇشقا غەيرەت قىل.) ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە شىددەتلىك بول. (ئۇلارغا قارشى مۇلايىملىق كۆرسەتمە.) ۋە ئۇلار(كاپىر ۋە مۇناپىقلار)نىڭ بارىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇ جەھەننەم قايتۇرىلىدىغان نېمىدىگەن دەھشەتلىك بىر يەردۇر.

(تەھرىم سۈرىسى-9)

رەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەپەندىمىز شۇنداق بۇيىرماقتا: ”شەرئىي جىھاد قىيامەتكىچىلىك داۋام قىلىدۇ. “(مەجمائۇز زەۋائىد)

  مادەم قىيامەتكىچىلىك دۇنيادا بۇ زىتلىقلار داۋام قىلىدۇ. ئۇنداق بولسا، كاپىرلارغا قارشى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى جەڭمۇ قىيامەتكىچىلىك داۋام قىلىدۇ. دېمەك، جىھات بولسا ئەبەدىيدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىللە كاپىرلارغا قارشى مۇئامىلىلەرمۇ ئۈچ باسقۇچلۇق قەدەم بىلەن جەريان قىلىدۇ.

  بىرىنچىدىن : ئۇلار ئىمان ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلغان تەقدىردە، مۇسۇلمانلار بىلەن ئەينى ھەققە ساھىپ بولالايدۇ.

  ئىككىنچىدىن: ئەگەر ئىمان ۋە ئىسلامىيەتتىن يۈز ئۆرىسە، جىزىيە ۋە ھاراج بىرىلىشى ئەمىر قىلىنىدۇ. جۇمھۇر ئۆلىمالارغا كۆرە بۇ ئىككىنچى ماددا ئەھلى كىتاپقا مەخسۇستۇر. يەنى ئەھلى كىتاپ جىزىيە ۋە ھاراج بەرگەن تەقدىردە ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن جىھاد قىلىنمايدۇ.

  ئۈچىنچىدىن: ئەگەر جىزىيە ۋە ھاراج بىرىشتىن ئۆزىنى ئاقاچسا، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىنىدۇ. قۇرئان ئايىتى ئەھلى ئىمان بىلەن ئەھلى كۇپۇر تائىپىپلىرىنى داۋاملىق ھالدا قارمۇ قارشى قىلىپ قويغاندۇر. دېمەك ماددى جىھاد بۇ ئىككى گۇرۇپ ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشنىڭ نەتىجىسى بولغان ھالدا ئوتتۇرغا چىققاندۇر. شۇنداق قۇرئان ئىنسانىيەت ئالىمىدە بىر بىرىگە زىت ۋە مۇخالىپ بولغان بۇ ئىككى تائىپىنى ئايرىم ئايرىم مىساللار : سۈرىتىدە زىكىر قىلغان. تۆۋەندىكىچە:

  بىرى خابىس(مۇردار، پاكىز ۋە ھالال بولمىغان، ھارام، مەينەت، غەيرى مەشرۇ بولغان، پانى، زىيانلىق، مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولغان، رىياكارلىق، ئاخىرەتتە جازاغا سەۋەپ بولىدىغان)، بىرى تاييىپ(ئاللاھ رازى بولىدىغان، مەقبۇل، دىندارلىق، پاكىز، مەشرۇ، ھالال، ئاللاھ يولىدىكى پىداكارلىق، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سالامەتكە ۋە قۇتۇلۇشقا ئىرىشتۈرىدىغان )؛

[مائىدە سۈرىسى،100-ئايەت]

  بىرى تاھىر( ئىتىقادى ساغلام، پاكدىيانەتلىك، غۇسۇلتاھارەتلىك، ئىستىقامەتلىك، ئاللاھنىڭ دىنىغا، قۇرئانغا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئېسىلغان، شاراپ ۋە باشقا گۇناھى كەبىرلەرنى تەرىك قىلغان، گۇناھى سەغىرلەردە چىڭ تۇرىۋالمىغان )، بىرى نىجىس(ئاللاھقا شېرىك قوشقان، ئاللاھنىڭ دىنىدىن مەھرۇم قېلىش سەۋەپلىك مەنىۋى جەھەتتىن مەينەت ۋە پەس، يامان ئىتىقادلىرى ۋە دىنلىرى بولغان سەۋەپلىك مەنىۋى جەھەتتىن پاسكىنا ماھىيىتىنى ئېلىپ يۈرگەن، تاھارەت ئابدەسىت ئالمايدىغان، جۇنۇپ بولغاندا غۇسۇل قىلمايدىغان، شاراپ ۋە باشقا كىر نەرسىلەرنى قوللىنىدىغان، مەسجىدى ھارامغا كىرىشىگە رۇخسەت بولمىغان كاپىرلادۇر)؛

[تەۋبە سۈرىسى،28-ئايەت]

  بىرى ئەسھابۇل يەمىن(بىربىرىنى سالامەت ۋە سائادەت بىلەن خوش خەۋەر بەرگەن، قورقۇنىچئەندىشىلەردىن خالاس بولغان، سالامەتكە ئىرىشكەن، ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرىپىدىن بىرىلگەن مۇئمىنلەر)؛

[ۋاقىيە سۈرىسى،90-ئايەت]

  يەنە بىرىسى ئەسھابۇش شىمال(ئەۋۋەل نائىل بولغان نىئمەتلەرنى يامانغا قوللىنىپ گۇناھى كەبىرلەردە داۋام قىلغان تۈپەيلىدىن جازاغا ئۇچىراپ ئەمەل دەپتىرى سول تەرىپىدىن بىرىلگەن كاپىرلار)؛

[ۋاقىيە سۈرىسى،41-ئايەت]

  بىرى كورئەما(ھىدايەتتىن نىسىۋىسى بولمىغان ھەقىقەتلەرنى كۆرۈپ تەستىقى قىلىشتىن مەھرۇم، كۆرەلمەيدىغان كاپىرلار )، بىرى باسىر(ھىدايەتكە لايىق بولغان، ھەقىقەتلەرنى كۆرۈپ تەستىق قىلىدىغان مۇئمىنلەر)؛

[فاتىر سۈرىسى،19-ئايەت]

  بىرى زۇلىمەت(ھىدايەت نۇرىنى كۆرۈپ تەقىپ قىلمايدىغان ،ئىمان نۇرىدىن مەھرۇم كاپىرلار)، بىرى نۇر(ئىمان نۇرى سايىسىدا ھىدايەت يولىنى بەك توغرا كۆرۈپ تەقىپ قىلىشقا مۇۋاپپەق بولغان مۇئمىنلەر)؛

[فاتىر سۈرىسى،20-ئايەت]

  بىرى تىرىك(ئولار ساغلاملىقىنى مۇھاپىزەت قىلغان، دىنى تەبلىغلەرنى ئاڭلايدىغان، دىنى دەلىللەرنى كۆرىدىغان، ئىسلام نېئمىتىگە نائىل بولغان، قەلىپلىرى ئىمان بىلەن مەرىفەتۇللاھ بىلەن، قۇرئان نۇرى بىلەن ئەبەدى ھاياتقا نائىل بولغان مۇئمىنلەر)، بىرى ئۆلۈك(ساغلام يارىتىلىشىنى زايى قىلغان، ھەقنى ئاڭلاشتىن باش تارتىدىغان، دىنى دەلىلەرنى كۆرمەيدىغان، قەلىپلىرى كۇپۇر ۋە ئىسيان قاراڭغۇلىقى ئىچىدە قالغان، مەنىۋى جەھەتتىن ئۆلگەن، ھاياتتىن مەھرۇم قالغان كاپىرلار)؛

[فاتىر سۈرىسى،22-ئايەت]

  بىرى ئەقىللىق(ھەق ۋە ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغان بىر ھاياتقا ساھىپ بولغان ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ماھىر بولغان، ھەقنى ھەق بىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان، باتىلنى باتىل بىلىدىغان ۋە قاچىدىغان، پايدىلىق ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى بىر بىرىدىن ئايرىيالايدىغان، مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولغان)، بىرى ئەقىلسىز(ھايۋانى بىر ھايات ياشاپ ھەق ۋە ھەقىقەتنى چۈشىنىش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم بولغان، چۈشەنمەستىن مەنىسىز نەرسىلەرگە قۇللىنىدىغان، بىلمەيدىغان ۋە قوبۇل قىلىشقا يېقىنلاشمايدىغان، بۇتلارغا ئوخشايدىغان، مەنپەئەت بىرىشتىن ئۇزاق بولغان)؛

[بەقەرە سۈرىسى،171-ئايەت]

  بىرى شۇئۇرلۇق(ئىمان بىلەن شەرەپلەنگەن، قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەرگەئىستىقامەت بىلەن توغرا ئەگىشىشنى بىلىدىغان ۋە تىرىشىدىغان، ئۆزىگە ۋە باشقىسىغا بىلىپ تۇرۇپ زىيان يەتكۈزۈشتىن قاچىدىغان، دائىما مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولۇشقا غەيرەت كۆرسىتىدىغان، زىيانلىق نەرسىلەرگە توسقۇن بولىدىغان، ئەبەدى ھالاكەتتىن ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپ بولغۇچى ھەرقانداق ئىش ۋە ھەرىكەتقىلمىشلاردىن قېچىپ، ئەبەدى جەننەتكە بېرىشنىڭ ئىدراكىنى ئۆزىدە ئېلىپ يۈرگەن، مۇئمىنلەر)، بىرى شۇئۇرسىز(قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىغان، مۇقەددەس كىتاپتىن ئىنسانلارنى ۋاز كىچىشكە تىرشىدىغان ۋە ياكى توسقۇن بولىدىغان، ھەقىقەتلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئىمان بىلەن شەرەپلەنمىگەن، باتىل، يامان قىلمىشى ۋ ئىتىقادى بىلەن، مۇسۇلمانلارغا زىيان بىرىشكە تىرىشىدىغان، ۋەھالەنكى ئەمەلقىلمىشلىرىنىڭ ئەبەدى ھالاكەتكە سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان دەرىجىدە ئەخمەق بولغان كافىرلار)؛

[ئەنئام سۈرىسى، 26-ئايەت]

  بىرى زالىم، بىرى ئادىل؛

[زۈمەر سۈرىسى،47-ئايەت]

  بىرى كازىب(يالغانچى)، بىرى سادىق؛

[ئال ئىمران سۈرىسى، 61-ئايەت]

  بىرى ھەقنى كۆرۈپ قوبۇل قىلىدۇ، بىرى ھەقنى ئىنكار قىلىپ يۇشۇرىدۇ؛

[بەقەرە سۈرىسى، 159-ئايەت]

  بىرى كىبىرلىك(ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىلىشكە تۈرتىلىۋاتقان ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشتىن قورىقمايدىغان، ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىكىنى چۈشىنىپ تىترىمەيدىغان بەلكى ئىنكار قىلىدىغان ھەتتا زاڭلىق قىلىشقا قەدەر كىتىدىغان، ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا قارشى چىقىشتىن باش تارىتمايدىغان، قۇرئان ۋە ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن قاچىدىغان، زۇلۇمدا ھەددىدىن ئاشقان، يۇقىرىدىكى چۈشەنچىلەردە بولۇنۇشقا جۈرئەت كۆرسىتىدىغان. مۇئجىزەلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئىشەنمەيدىغان، ھەتتا ۋاستىسىز شەكىلدە ئاللاھ بىلەن كۆرۈشۈش جۈرئىتى بار بولغان، پەسىت ئەخلاق ساھىبى كاپىرلاردۇر.)، بىرى مۇتەۋازى(كەمتەر، ھەقنىقۇرئان ۋە سۈننەتنى قوبۇل قىلىدىغان، جانابى ھەقنىڭ نامى بىلەن كىزىدىغان، جۈزئى ئىرادىسىنى جانابى ھەقنىڭ كۇللى ئىرادىسىگە تەسلىم قىلغان، ئاجىز ۋە دۈشمىنى كۆپ بولۇپ جانابى ھەقنىڭ قۇدرىتىگە تايىنىدىغان، زەئىپ ۋە ئىھتىياجى كۆپ بولۇپ جانابى ھەقنىڭ رەھمىتىدىن ۋە بايلىقىدىن مەدەت تىلەيدىغان مۇئمىنلەردۇر.)؛

[فۇرقان سۈرىسى، 21-ئايەت]

  بىرى ھەۋايى نەپسىگە ئەگىشىدۇ، بىرى ھۇدايى قۇرئانغا(قۇرئاننىڭ ئەمىر ۋە چەكلىمىلىرى) بويسۇنىدۇ؛

[فۇرقان سۈرىسى، 43-ئايەت]

  بىرى يىقىلىپ قوپۇپ سۈرۈلۈپ(ئىستىقامەتتىن ئايرىلغان ھالدا) بارىدۇ، بىرى قەددىنى رۇسلاپ ئۆرە تۇرۇپ(ئىستىقامەتتە) ماڭىدۇ؛

[مۈلك سۈرىسى، 22-ئايەت]

  بىرى ئالايى ئىللىيىنگە(رىزاسىغا ئۇيغۇن مەرتىۋىگە) يۈكسەلسە، يەنە بىرى ئەسفەلى سافىلىنگە(نەپىس، شەيتان ۋە ھەۋايى ھەۋەسلىرىگە بۇيسۇنۇش نەتىجىسىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجە)چۈشۈپ كىتىدۇ؛

[مۇتاففىفن سۈرىسى،7 ۋە 8-ئايەت]

  ۋەھەكازا، بىرى بىرىسىگە مۇشۇنداق زىت بولغان ئىككى خىل ئىنسان تائىپىسى قانداقمۇ بىللە بولالايدۇ ۋە بۇلار قانداقمۇ بىرلەشتۈرىلىدۇ؟؟؟

1374قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir