تۆتىنچى مىسال: باشتا ئىمامى مالىك، «مۇۋەتتا» ئاتلىق مۆتىۋەر كىتابىدا، مۇئاز ئىبنى جەبەلدەك مەشھۇر ساھابىلەردىن خەۋەر بېرىدۇكى، ھەزرەتى مۇئاز ئىبنى جەبەل شۇنداق دېگەن: «تەبۇك غازىتىدا بىر بۇلاق ئۇچرىدى، سۇ ساقىپ ئاران چىقىۋاتاتتى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئازراق سۇ كەلتۈرىشىمىزنى بۇيرىدى. ئوچۇملار بىلەن سۇ ئېلىپ كېلىندى؛ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇ سۇدا قولىنى ۋە يۈزىنى يۇدى؛ سۇنى بۇلاققا تۆكتۇق. بىردىنلا بۇلاقنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، سۇ بۇلدۇقلاپ چىقتى. پۈتۈن قوشۇنغا يەتتى.» ھەتتا بىر راۋى بولغان ئىمام ئىبنى ئىسھاق شۇنداق دەيدۇ: «يەر ئاستىدا ئۇ بۇلاقنىڭ سۈيى گۈلدۈرمامىدەك گۈرۈلدەپ ئاقتى
رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەزرەتى مۇئاز ئىبنى جەبەلگە
يُوشِكُ يَا مُعَاذُ اِنْ طَالَتْ بِكَ حَيَاةٌ اَنْ تَرَى مَا ههُنَا قَدْ مُلِئَ جِنَانًا
يەنى: بۇ مۆجىزە ئەسىرى بولغان سۇ داۋاملىق ئېقىپ، بۇ يەرلەرنى باغچىغا ئايلاندۇرىدۇ» دېگەن. دەرۋەقە شۇنداق بولغاندۇر