ناماز- ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە مۇھىم

ناماز- ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە مۇھىم

تۆتىنچى سۆز

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

اَلصَّلاَةُ عِمَادُ الدِّينِ

  ناماز ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن نەقەدەر يەڭگىل ۋە ئاز بىر سەرمايە كېتىدىغانلىقىنى، ھەم نامازسىز ئادەم نەقەدەر ئەخمەق ۋە بەكمۇ ھەسرەتتە قالغۇچى بولىدىغانلىقىنى، ئىككى كەررە ئىككى تۆت بولۇش دەرىجىسىدە ئېنىق چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلىي ھېكايىگە قارا، كۆر:

  بىر زامان بىر بۈيۈك ھاكىم، ئىككى خىزمەتكارىنى ھەر بىرىگە يىگىرمە تۆت ئالتۇن بېرىپ ئىككى ئايلىق ئۇزاقلىقتىكى خاس ۋە گۈزەل بىر باغچىغا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. ھەمدە ئۇلارغا ئەمر قىلىپ دەيدۇ: «شۇ پۇلنى يول ۋە بېلەت ئۈچۈن سەرپ قىلىڭلار، ھەم بارىدىغان يېرىڭلاردا لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىڭلار. بىر كۈنلۈك مۇساپىدىن كېيىن بىر ئىستانسا بار، ئۇ يەردە ماشىنا، كېمە، پويىز ۋە ئايرۇپىلاندەك قاتناش قوراللىرى بار. دەسمايىگە قارىتا چىقىسىلەر ئىككەيلەن بۇ ئەمرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يولغا چىقىشىدۇ. بىرى بەختىيار ئىدىكى، ئىستانسىغا بارغۇچە پۇلدىن بىر قىسمىنى سەرپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇ سەرپىيات ئارقىلىق خوجايىنىنى مەمنۇن قىلىدىغان بىر پايدىلىق تىجارەت قىلىۋالىدۇ ۋە دەسمايىسى بىردىن مىڭغا چىقىدۇ. يەنە بىر خىزمەتكار بەدبەخت، ئەخمەق بولغانلىقتىن ئىستانسىغا بارغۇچە يىگىرمە ئۈچ ئالتۇننى خەجلىۋېتىدۇ. قىماردەك ئويۇنتاماشالارغا بېرىپ زايا قىلىدۇ ۋە بىرلا ئالتۇنى قالىدۇ. كېيىن ئاۋۋالقى خىزمەتكار ئۇنىڭغا دەيدۇ:

  -«بۇرادەر، شۇ قېپقالغان بىر تال ئالتۇنىڭنى بولسىمۇ بىر بېلەت ئۈچۈن بەرگىن، شۇندىلا بۇ ئۇزۇن يولدا ئاچ ۋە پىيادە قالمايسەن. ھەم بىزنىڭ خوجىمىز بەك مەرتتۇر، بەلكىم ئىلتىپات ۋە مەرھىمىتىنى كۆرسىتىدۇ، قىلغان قۇسۇرۇڭنىمۇ ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ، سېنىمۇ ئايرۇپىلانغا چىقىرىدۇ، بىر كۈندىلا بارىدىغان ماكانغا بېرىۋالىمىز. ئۇنداق بولمىسا ئىككى ئايلىق بۇ چۆلدە ئاچ، پىيادە، يالغۇز مېڭىشقا مەجبۇر بولىسەن

  ئەجەبا شۇ ئادەم جاھىللىق قىلىپ، ئۇ بىر تال ئالتۇننى بىر خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى ھۆكمىدىكى بىر بېلەتكە بەرمەي، ۋاقىتلىق بىر لەززەت ئۈچۈن كەيپساپاغا سەرپ قىلسا، تولىمۇ ئەقىلسىزلىق قىلغانلىقىنى ۋە بەختسىزلىك ئىچىدە زىيان ۋە ھەسرەتكە قالىدىغانلىقىنى ئەڭ ئەقىلسىز ئادەممۇ چۈشەنمەمدۇ؟

  ئەي نامازسىز ئادەم، ئەي نامازدىن سۆيۈنمەيدىغان نەفسىم! ئۇ ھاكىم بولسا رەببىمىزدۇر، ياراتقۇچىمىزدۇر. ئۇ ئىككى خىزمەتكار يولۇچى بولسا، بىرى تەقۋا، نامازنى قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇيدىغان، يەنە بىرى غاپىل نامازسىز ئىنسانلاردۇر. ئۇ يىگىرمە تۆت ئالتۇن بولسا، ھەر كۈندىكى يىگرمە تۆت سائەت ئۆمۈردۇر. ئۇ خاس باغچا بولسا جەننەتتۇر. ئۇ ئىستانسا بولسا قەبىردۇر. ئۇ ساياھەت بولسا، قەبىرگە، مەھشەرگاھقا ۋە ئەبەدكە بارىدىغان ئىنسانىي سەپەردۇر. ئەمىلىگە ۋە تەقۋالىق قۇۋۋىتىگە قارىتا ئۇ ئۇزۇن يولنى ئوخشىمىغان دەرىجىلەردە كېسىپ ئۆتىدۇ. بىر قىسىم ئەھلى تەقۋا چاقماق تېزلىكىدە مىڭ يىللىق يولنى بىر كۈندە باسىدۇ. بىر قىسمى خىيال تېزلىكىدە ئەللىك مىڭ يىللىق مۇساپىنى بىر كۈندە تۈگىتىدۇ. قۇرئانى ئەزىيمۇششان (شانى ئۇلۇغ بولغان قۇرئان) شۇ ھەقىقەتكە ئىككى ئايەت بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇ بېلەت بولسا نامازدۇر، يالغۇز بىرلا سائەت بەش ۋاقىت نامازغا (تاھارەت بىلەن) يېتەرلىك بولىدۇ.

  ئەجەبا يىگىرمە ئۈچ سائىتىنى شۇ قىسقا دۇنيا ھاياتىغا سەرپ قىلغان، بىراق ئۇزۇن ئەبەدى ھاياتىغا بىر سائىتىنىمۇ سەرپ قىلمىغان ئادەم، نەقەدەر زىيان تارتىدۇ، نەقەدەر ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ، نەقەدەر ئەقىلگە زىت ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ، بۇ ھەممىگە چۈشىنىشلىك. چۈنكى، مىڭ ئادەم قاتناشقان بىر لاتارىيە قىمارىغا مېلىنىڭ يېرىمىنى بىرىشنى ئەقلى قوبۇل قىلسا، ھالبۇكى ئۇنىڭدا ئۇتۇش ئېھتىمالى مىڭدا بىردۇر. ئەمدى، يىگىرمە تۆتتە بىر مېلىنى يۈزدە توقسان توققۇز ئېھتىمال بىلەن ئۇتۇشى ئېنىق بولغان بىر ئەبەدىي خەزىنىگە بەرمەسلىك نەقەدەر ئەقىل ۋە ھىكمەتكە زىت ھەم نەقەدەر ئەقىلدىن ئۇزاق بولىدىغانلىقىنى ئۆزىنى ئاقىل سانىغان ئادەم چۈشەنمەمدۇ؟

  ھالبۇكى نامازدا روھ، قەلب ۋە ئەقىلنىڭ چوڭ راھىتى باردۇر. ھەم بەدەن ئۈچۈنمۇ ئۇ قەدەر ئېغىر بىر ئىش ئەمەستۇر. ھەم ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ باشقا مۇباھ (ساۋاپمۇ، گۇناھمۇ بولمىغان) دۇنياۋى ئىشلىرىمۇ ساغلام بىر نىيەت ئارقىلىق ئىبادەت ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئۆمۈر سەرمايىسىنى ئاخىرەت پايدىسى ئۈچۈن ۋاستە قىلالايدۇ. فانىي ئۆمرىنى بىر جەھەتتە باقىيلەشتۈرگەن بولىدۇ.

والسلام

——————————————————————

*ناماز دىننىڭ تىرىكىدۇر.(ھەدىس)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.