Genel

نامەھرەملەرگە قارىما

قاستامونۇ لاھىقەسى» كىتابىدىن)

   ئىككىنچى كىشى ۋە ئۇنىڭ مەسىلىسى: رىسالەئى نۇر تالىپلىرىدىن بىر ياش ھافىز(قارى) كۆپ كىشىلەرنىڭ دېگىنىدەك دېدى: «مەندە ئۇنۇتقاقلىق كېسىلى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. نېمە قىلىشىم كېرەك؟»

   مەن دېدىم: «مۇمكىن بولىشىچە نامەھرەملەرگە قارىما. چۈنكى بۇ ھەقتە ھەدىس بار. ئىمامى شافىنىڭ دېگىنىدەك: ھارام نەزەر ئۇنۇتقاقلىق پەيدا قىلىدۇ

   شۇنداق، مۇسۇلمانلاردا ھارام نەزەر زىيادىلەشكەنسېرى نەفسى ھەۋەسلەر ھاياجانغا كېلىپ، تېنىدە سۈيئىستېمال بىلەن ھەۋەسكە مەغلۇبىيەت نەتىجىسىدە ھەپتىدە بىر قانچە قېتىم غۇسۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا تىببى نۇقتىئىنەزەر بويىچە تۇتىۋېلىش قابىلىيىتىدە زەئىپلىشىش كۆرۈلىدۇ.

   بۇ ئەسىردە يېرىم يالىڭاچ بەدەنلەر تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ بۇ ئىسسىق مۇھىت رايونلىرىدا ئۇ سۇئى(يامان) نەزەردىن كەلگەن سۇيىئىستېماللار ئومۇمى بىر ئۇنۇتقاقلىق كېسىلىنى نەتىجە بېرىشكە باشلاۋاتىدۇ. ھەر كىشى ئازكۆپ بۇ خىل شىكايەتتە بولماقتا. مانا بۇ ئومۇمى كېسەللىكنىڭ زىيادىلىشىشى بىلەن ھەدىس شەرىفلەر بەرگەن دەھشەتلىك خەۋەرنىڭ تەبىرى كۆرىنىۋاتىدۇ. يەنى دېيىلگەنكى: «ئاخىرزاماندا قارىلارنىڭ كۆكسىدىن قۇرئان كۆتىرىلىپ كېتىدۇ، ئۇنۇتىلىدۇدېمەك بۇ كېسەللىك كۈچىيىپ كېتىدۇ. قۇرئان يادىلاشقا بەزىلەردە بۇ خىل گۇناھلىق نەزەر تۈپەيلى توسالغۇ ھاسىل بولىدۇ ۋە ئۇ ھەدىسنىڭ تەبىرىنى كۆرسىتىدۇ.

لاَ يَعْلَمُ الْغَيْبَ اِلاَّ اللّٰه

ئەمىرداغ لاھىقەسى» كىتابىدىن)

  ھاياتىي تارىخىمنى بىلگەنلەرگە مەلۇمدۇركى، ئەللىك بەش يىل بۇرۇن مەن يىگىرمە بەش ياشلاردىكى چىغىمدا بىتلىس شەھرىدە مەرھۇم ۋالى ئۆمەر پاشانىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ زورلىشى ۋە ئىلىمگە بەكمۇ ھۆرمىتى سەۋەبلىك ئىككى يىل تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ئالتە قىزى بارئىدى. ئۈچى چوڭ، ئۈچى كىچىك. مەن ئۇ ئۈچ چوڭىنى ئىككى يىل بىر ئائىلىدە ياشىغان تۇرۇغلۇق بىربىرىدىن ئايرىپ تونىمايتتىم، بىلمەيتتىم. چۈنكى دىققىتىمگە ئالمايتتىم. ھەتتا بىر ئالىم مېھمىنىمىز يېنىمغا كەلدى. ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇلارنى بىربىرىدىن ئايرىدى، تونىدى. باشقىلار مەندىكى بۇ ھالغا ھەيران بولۇپ سوراشتى: «نېمىشقا قارىمايسەن؟» دەيتتىم: «ئىلىمنىڭ ئىززىتىنى مۇھاپىزەت قىلىش مېنى قاراتمايدۇ.»

  ۋە يەنە قىرىق يىل بۇرۇن ئىستانبۇلدا كاغىتخانىدىكى بىر مۇراسىم كۈنىدە، كۆۋرۈكتىن تا كاغىتخانىغىچە بولغان بوغازنىڭ ئىككى ياقىسىدا قاتارىسىغا مىڭلارچە يېرىم يالىڭاچ رۇم، ئەرمەنى ۋە ئىستانبۇللۇق ئاياللار ۋە قىزلار تۇرۇشقان ئىكەن. ئۇ ۋاقىت مەن پارلامېنت ئەزالىرى مەرھۇم موللا سەييىد تاھا ۋە ھاجى ئىلياس بىلەن بىللە بىر قېيىققا چىقىپ، ئۇ ئاياللارنىڭ يانلىرىدىن ئۆتىۋاتاتتۇق. مېنىڭ ھېچ خەۋىرىم يوقتى. ھالبۇكى موللا تاھا ۋە ھاجى ئىلياس ئىككىسى مېنى سىناپ بېقىشقا نىيەت قىلىشقانلىقىنى ۋە نۆۋەت بىلەن مېنى كۆزىتىشكەنلىكىنى بىر سائەتلىك يول تۈگىگەندىن كېيىن ئېتىراپ قىلىشىپ دېيىشتى: «سېنىڭ بۇ ھالىڭغا ھەيران قالدۇق، ھېچ قارىمىدىڭدېدىمكى: «كېرەكسىز، ئۆتكۈنچى ۋە گۇناھلىق لەززەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئەلەملەر ۋە پۇشايمانلار بولغانلىقتىن خالىمايمەن.»