نېمىشقا دوستلىرىڭغا ئېھتىياتنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ بەكمۇ نۇرلۇق رىسالىلەرنىڭ خەلقلەرگە كۆرسىتىلىشىنى توسىسەن؟

  قىزىقتۇرىدىغان تۆتىنچى سوئال: دېيىلىۋاتىدۇكى: مادەم سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى نۇردۇر، توقماق ئەمەس؛ نۇرغا قارشى چىقىلمايدۇ، نۇردىن قېچىلمايدۇ ۋە نۇرنىڭ كۆرسىتىلىشىدىن زىيان كەلمەيدۇ. نېمىشقا دوستلىرىڭغا ئېھتىياتنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ بەكمۇ نۇرلۇق رىسالىلەرنىڭ خەلقلەرگە كۆرسىتىلىشىنى توسىسەن؟

  بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى شۇدۇركى: باش تەرەپتىكى باشلارنىڭ كۆپىنچىسى مەست، ئوقۇمايدۇ. ئوقىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. خاتا مەنە بېرىپ بىزگە چېقىلىدۇ. چېقىلماسلىقى ئۈچۈن ئەقلى بېشىغا كەلگىچە كۆرسەتمەسلىك لازىم كېلىدۇ. ھەم نۇرغۇنلىغان ۋىجدانسىز ئىنسانلار باركى، غەرەز ياكى مەنپەئەت ۋەياكى قورقۇش جەھەتى بىلەن نۇرنى ئىنكار قىلىدۇ ياكى كۆزىنى يۇمىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمغىمۇ تەۋسىيە قىلىمەنكى، ئېھتىيات قىلسۇن، نائەھلىلەرنىڭ قولىغا ھەقىقەتلەرنى بەرمىسۇن. ھەم ئەھلى دۇنيانىڭ ۋەھىمىلىرىنى قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلمىسۇن.(ھاشىيە)*

خاتىمە

  بۈگۈن رەئفەت ئەپەندىنىڭ بىر مەكتۇبىنى ئالدىم. لىھيەئى شەرىف(پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقىلى) ھەققىدىكى سوئالى مۇناسىۋىتى بىلەن دەيمەنكى: ھەدىس بويىچە، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ لىھيەئى سائادىتىدىن چۈشكەن ساقاللارنىڭ سانى چەكلىكتۇر. ئوتتۇزقىرىق دانە ۋەياكى ئەللىكئاتمىش دانىدەك ئاز بىر مىقداردا ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرۇقلۇق، مىڭلارچە يەردە لىھيەئى سائادەتنىڭ ساقال قىللىرى بولىشى مېنى بىر چاغلاردا كۆپ ئويلاندۇردى. ئۇ چاغدا ئەقلىمگە كەلگەن ئىدىكى: لىھيەئى سائادەت، پەقەتلا لىھيەئى شەرىفنىڭ قىللىرىدىن ئىبارەت ئەمەس، بەلكى مۇبارەك بېشىنى چۈشۈرتكەندە ھېچبىر نەرسىنى يوقاتمىغان ساھابىلەر، ئۇ نۇرلۇق، مۇبارەك ۋە دائىمىي ياشايدىغان چاچلارنى مۇھاپىزەت قىلغاندۇر. ئۇلار مىڭلارچىدۇر. ھازىر بار بولغىنىغا تەڭ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا يەنە ئويلاپ قالدىم: كۆپ مەسجىدلەردە بولغان بۇ چاچ ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ(س.ئە.ۋ) چېچى ئىكەنلىكى راست بولسا ئۇنىڭغا قارىتا زىيارەت مەقبۇل بولغان بولاتتى، ئەجەبا راستلىقى ساغلام ھۆججەتلەرگە تايىنامدۇ قانداق؟ بىردىنلا خاتىرەمگە كەلدىكى، ئۇ چاچلارنىڭ زىيارىتى، ۋەسىلەدۇر(ۋاستە). رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا قارىتا سالاۋات(دۇرۇت) كەلتۈرۈشكە ۋاستە بولۇپ بىر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتكە سەۋەبتۇر. ۋەسىلىلىك جەھەتى ئۇ نەرسىنىڭ زاتىغا(ئۆزىگە) قارىمايدۇ، ۋەسىلىلىك جەھەتىگە قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر بىر چاچ ھەقىقەتەن لىھيەئى سائادەتتىن بولمىسا، مادەم زاھىرى ھالغا كۆرە شۇنداق دەپ قارالغاندۇر ۋە ئۇ ۋەسىلىلىك ۋەزىپىسىنى قىلىۋاتىدۇ، ھەمدە پەيغەمبىرىمىزگە ھۆرمەتكە، يۈزلىنىشكە ۋە سالاۋاتقا ۋەسىلە بولىۋاتىدۇ. قەتئىي ھۆججەت بىلەن ئۇ چاچنىڭ قانداقلىقىنى ئايرىش ۋە بىكىتىش لازىم ئەمەس. ئەكسىگە قەتئىي دەلىل بولمىسا، يېتەرلىكتۇر. چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئۈممەتنىڭ قوبۇل قىلىشىمۇ، بىر تۈرلۈك ھۆججەت ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. بەزى ئەھلى تەقۋا بۇ ئىشلاردا يا تەقۋالىق، يا ئېھتىيات، ۋەياكى پەزىلەت نۇقتىسىدا قارشى چىقسا بۇ خۇسۇسىي بولىدۇ. بىدئەت دېسىمۇ، بىدئەيى ھەسەنە(ياخشى بىدئەت) تۈرىگە كىرىدۇ. چۈنكى سالاۋاتقا سەۋەب بولىۋاتىدۇ. رەئفەت ئەپەندى مەكتۇبىدا دەپتۇ: «بۇ مەسىلە قېرىنداشلار ئارىسىدا مۇنازىرىگە سەۋەب بوپتۇقېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيە قىلىمەنكى: بۆلۈنۈشكە ۋە ئايرىلىشقا سەۋەب بولىدىغان مۇنازىرىنى قىلمىسۇن. پەقەت پىكىر ئالماشتۇرۇش سۈرىتىدە، تالاشتارتىشسىز پىكىر بايان قىلىشقا كۆنسۇن.

———————————————————–

*(ھاشىيە): جىددى بىر مەسىلىگە ئالاقىدار بولغان بىر كىچىك ھادىسە: تۈنۈگۈن ئەتىگەن بىر دوستۇمنىڭ كۈيئوغلى مەھمەت يېنىمغا كەلدى. خوشال ھالدا، خوش خەۋەر تۈرىدە دېدى: «سېنىڭ بىر كىتابىڭنى ئىسپارتادا بېسىپتۇ، كۆپ كىشىلەر ئوقۇۋېتىپتۇمەن دېدىم: «چەكلەنگىنى مەتبەئەدە بېسىلىشىدۇر، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار كۆپەيتىش ماشىنىسى بىلەن كۆپەيتكەن بەزى نۇسخىلارغا، ھۆكۈمەت بىر نەرسە دېمەيدۇھەم دېدىم: «بۇنى ھەرگىزمۇ سېنىڭ دوستۇڭ بولغان ئىككى مۇناپىققا دەپ تاشلىما. ئۇلار باھانە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر نەرسە ئىزدەپ يۈرىشىدۇقېرىنداشلىرىم، بۇ ئادەم بىر دوستۇمنىڭ كۈيئوغلى بولغاچقا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنىڭمۇ تۇغقىنىم سانىلىدۇ. ئەمما ساتىراچلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىجدانسىز مۇئەللىم ۋە مۇناپىق مۇدىرنىڭ دوستىدۇر. ئۇ يەردە بىر دوستىمىز بىلمەستىن شۇنداق دەپتۇ. ياخشى يېرى، ئەڭ ئاۋۋال كېلىپ ماڭا خەۋەر بەردى. مەن ئەسكەرتىپ قويدۇم، يامانلىقنىڭ ئالدى ئېلىندى. كۆپەيتىش ماشىنىسى مىڭلارچە نۇسخىلارنى بۇ پەردە ئاستىدا نەشىر قىلدى.

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir