يولباشچى رەئىسلىرىمىز مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ ئۇلارغا ئەگەشتۇق

يولباشچى رەئىسلىرىمىز مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ ئۇلارغا ئەگەشتۇق

  ئىسلام دىيارىدىكىلەرقىيامەت كۈنىدە:”يولباشچى رەئىسلىرىمىز مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ ئۇلارغا ئەگەشتۇق. “ دېيىش بىلەن ئەسلا قۇتۇلالمايدۇ!

  ئەي خەلىق ئاممىسى! ئۆلىمالىرىڭلار، شەيىخلىرىڭلار ۋە بايلىرىڭلار، سىلەرگە، بۇ مۇكەللەپ بولغان قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپەڭلارنى(يەنى ئىلاھىي ئەھكاملارنى، خۇسۇسەن ئىسلامىي شەرىئەتلەرنى) دېمىگەن بولسا ۋەياكى باشلىقئەمىرلىرىڭلار ئىسلام شەرىئىتىنى تەتبىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ، سىلەر يەنىلا مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلالمايسلەر.

  بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئەي مۇئمىن پۇقرالار! سىلەر بۇلارنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ، بۇلاردىن دىنىڭلارنى ئۆگىنىشىڭلار ۋەياكى بۇلارغا دىننى ئۈگىتىش مەجبۇرىيىتىنى يولغا قويىشىڭلار لازىم. مەھكەمەئى كۇبرادامەھشەرگاھتا، خەلىق ئاممىسىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ تىمىلاردا ھېساپقا تارتىلىدۇ. قىيامەت كۈنىدە، ھېچقانداق بىر كىشى:”مەن پالانىغا ئەگەشكەن ئىدىم.‘‘ دېيىش بىلەن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئۇ كۈن ھەركىشى، بىربىرىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىدۇ. ” مەن بىلمەيمەن، مەن ئەگەشكەن كىشى مۇشۇنداق قىلغان ۋە ماڭا مۇشۇنداق دېگەن.“ دېيىش بىلەن ھېچقانداق بىر كىشى، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ. مەسىلەن: پىرئەۋىن قەۋمى دىيەلمەيدۇكى: ” بىز پىرئەۋنگە ئەگەشكەنتۇق. ئۇ بىزنىڭ كۇپۇرغا كىتىشىمىزگە ۋە ئازغۇنلىقىمىزغا سەۋەپ بولدى. ئۇنداق بولسا بىز مەسئۇل بولمايمىز.“

  ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلار قىيامەت كۈنىدە: ”يول باشچى رەئىسلىرىمىز مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭا بىزمۇ ئۇلارغا ئەگەشتۇق. “ دېيىش بىلەن ئەسلا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ھازىقى پەيىتتە، ئاتمىش ئىسلام دۆلىتىنىڭ يولباشچى ئەمىرلىرى، ئۆلىمالىرى، شەيىخلىرى ۋە مۇترەفىنلىرى (بايلىرى) ئىسلام شەرىئەتلىرىنى تەرك قىلىشتا بىرلىشىۋالدى، خەلىقلەرمۇ ئۇلارغا تەرەپتار بۇلىۋالدى، ھەممىسى قۇشۇلۇپ بىدئەت ئەھلى بۇلىۋالدى.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.