چوڭ گۇناھلارنى ئىشلىگەن كاپىر بولامدۇ؟چوڭ گۇناھنى قىلغان ئادەم قانداق مۆئمىن قالىدۇ؟؟

  يەتتىنچى ئىشارەت: سوئال: مۇئتەزىلە ئىماملىرى، شەرنىڭ(يامانلىقنىڭ) يارىتىلىشىنى شەر دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، كۇفۇر ۋە زالالەتنىڭ يارىتىلىشىنى ﷲتىن دەپ قارىمايدۇ. ئۆزلىرىچە بۇ ئارقىلىق ﷲنى مۇقەددەسكە چىقارغان بولىدۇ. «ئىنسان ئۆز پېئىلىنىڭ (ھەرىكىتىنىڭ) ياراتقۇچىسىدۇر» دەپ زالالەتكە كېتىشىدۇ، ھەمدە دېيىشىدۇكى: «بىر چوڭ گۇناھنى قىلغان مۆئمىننىڭ ئىمانى كېتىدۇ، چۈنكى، جانابى ھەققە ئېتىقاد قىلىش ۋە جەھەننەمنى تەستىق قىلىش ئۇنداق گۇناھنى قىلىشنى نەتىجىلەندۈرمەسلىكى لازىم. چۈنكى، دۇنيادا غايەت جۈزئىي بىر تۈرمە قورقۇنچى بىلەن ئۆزىنى قانۇنغا خىلاپ ھەر نەرسىدىن مۇھاپىزەت قىلغان ئادەم، ئەبەدىي بىر جەھەننەمنىڭ ئازابىغا ۋە ياراتقۇچىنىڭ غەزىپىگە پەرۋا قىلمىغىدەك دەرىجىدە چوڭ گۇناھلارنى قىلسا ئەلۋەتتە ئىمانسىزلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.»(؟)

  جاۋاب: بىرىنچى تارماقنىڭ جاۋابى شۇدۇركى، تەقدىر رىسالىسىدە ئىزاھ قىلىنغىنىدەك، شەرنىڭ(يامانلىقنىڭ) يارىتىلىشى شەر ئەمەس، بەلكى شەرنى قىلىش شەردۇر. چۈنكى، يارىتىش ئومۇمى نەتىجىلەرگە قارايدۇ، بىر شەرنىڭ ۋۇجۇدى نۇرغۇن خەيرلىك نەتىجىلەرگە مۇقەددىمە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ شەرنىڭ يارىتىلىشى نەتىجىلىرى ئېتىبارى بىلەن خەير بولىدۇ، خەير ھۆكمىگە ئۆتىدۇ، مەسىلەن: ئوتنىڭ يۈزلىگەن خەيرلىك نەتىجىلىرى بار، ئەمما بەزى ئىنسانلار سۈيئىختىيارى بىلەن ئوتتىن زىيان كۆرسە «ئوتنىڭ يارىتىلىشى شەردۇر» دېيەلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، شەيتانلارنىڭ يارىتىلىشىنىڭ ئىنساننىڭ تاكاممۇللىشىشىغا ئوخشاش نۇرغۇن ھىكمەتلىك نەتىجىلىرى بولۇشى بىلەن بىللە، سۈيئىختىيارى ۋە خاتا قوللىنىشى بىلەن شەيتانلارغا مەغلۇپ بولغان ئادەم «شەيتاننىڭ يارىتىلىشى شەردۇر» دېيەلمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئۆزى شەيتانغا ئەگىشىپ ئۆزىگە شەر قىلدى. شۇنداق، ئۇ ئەگىشىش بولسا خۇسۇسىي بىر ئالاقە بولغانلىقى ئۈچۈن خۇسۇسى بىر شەرلىك نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئۇ شەرنى قىلىش شەر بولىدۇ. ئەمما يارىتىش ئومۇمىي نەتىجىلەرگە قارىغانلىقى ئۈچۈن، شەرنىڭ يارىتىلىشى شەر ئەمەس بەلكى خەيردۇر.

  مۇئتەزىلە مەزھىبى مانا بۇ سىرنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن «شەرنىڭ يارىتىلىشى شەردۇر، چىركىننىڭ يارىتىلىشى چىركىندۇر» دەپ جانابى ھەقنى مۇقەددەسكە چىقىرىش ئۈچۈن شەرنىڭ يارىتىلىشىنى ئۇنىڭغا بەرمىگەندۇر، زالالەتكە چۈشكەندۇر.

وَ بِالْقَدَرِ خَيْرِهِ وَ شَرِّهِ

(تەقدىرگە ۋە ياخشىلىقيامانلىقنىڭ ﷲتىن…)

بولغان ئىماننىڭ بىر ئاساسىنى رەت قىلغاندۇر.

  ئىككىنچى تارماق بولغان «چوڭ گۇناھنى قىلغان ئادەم قانداق مۆئمىن قالىدۇ؟» دېگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بولسا، بىرىنچىدىن، ئالدىنقى ئىشارەتلەردە ئۇلارنىڭ خاتالىقى قەتئىي بىر سۈرەتتە چۈشىنىلدى، تەكرارلاشقا ھاجەت يوق. ئىككىنچىدىن، ئىنساننىڭ نەفسى كۆز ئالدىدىكى، تەييار بىر دىرھەم لەززەتنى كېلەچەكتىكى، كۆز ئالدىدا بولمىغان بىر پاتمان لەززەتتىن ئۈستۈن كۆرگىنىدەك، كۆز ئالدىدىكى بىر كاچات قورقۇنچىدىن كېلەچەكتىكى بىر يىللىق ئازابقا قارىغاندا تېخىمۇ زىيادە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ھەم ئىنساندا ھېسسىيات غالىب بولسا، ئەقىلنىڭ مۇھاكىمىسىنى ئاڭلىمايدۇ. ھەۋەس ۋە ۋەھىمە ھېسلىرى ھۆكۈم قىلىپ، ئازغىنا ۋە ئەھمىيەتسىز بىر ھازىرقى لەززەتنى كېيىنكى غايەت چوڭ بىر مۇكاپاتتىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، كىچىككىنە بىر ھازىرقى قېيىنچىلىقتىن

  كېيىنكى دەھشەتلىك بىر ئەلەمگە قارىغاندا بەكرەك ئۆزىنى تارتىدۇ. چۈنكى، ۋەھىمە، ھەۋەس ۋە ھېس كېيىننى كۆرمەيدۇ. بەلكى ئىنكار قىلىدۇ. نەفىسمۇ ياردەم قىلسا ئىمان ئورنى بولغان قەلب ۋە ئەقىل جىمىقىدۇ ۋە مەغلۇپ بولىدۇ.

  شۇ ھالدا چوڭ گۇناھلارنى قىلىش ئىمانسىزلىقتىن كەلمەيدۇ. بەلكى ھېس، ھەۋەس ۋە ۋەھىمىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى بىلەن ئەقىل ۋە قەلبنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

  ھەم يۇقىرىدىكى ئىشارەتلەردە چۈشىنىلگەندەك يامانلىق ۋە ھەۋەسلەر يولى بۇزغۇنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ئاساندۇر. ئىنسىي ۋە جىننىي شەيتانلار تېزلا ئىنسانلارنى ئۇ يولغا باشلىيالايدۇ. ناھايىتى ھەيران قالارلىق بىر ھالدۇركى، ھەدىسنىڭ ئىپادىسى بىلەن بەقا ئالىمىنىڭ(جەننەتنىڭ) چىۋىن قانىتىچىلىك بىر نۇرى، ئەبەدىي بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئىنساننىڭ دۇنيادىكى پۈتۈن ئۆمرىدە ئالغان لەززەت ۋە نىمەتلىرىگە تەڭ كەلگىدەك دەرىجىدە تۇرسىمۇ، بەزى بىچارە ئىنسانلار بىر چىۋىن قانىتىچىلىك بۇ فانىي دۇنيانىڭ لەززىتىنى، ئۇ باقىي ئالەمنىڭ بۇ فانىي دۇنياسىنى پىدا قىلسا ئەرزىيدىغان لەززەتلىرىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ شەيتاننىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشىدۇ.

  مانا بۇ سىرلار ئۈچۈندۇركى، قۇرئانى ھەكىم مۆئمىنلەرنى كۆپ قېتىم ۋە قايتاقايتا تەھدىت ۋە بىشارەتلەر بىلەن گۇناھتىن مەنئىي قىلىدۇ ۋە خەيرگە دەۋەت قىلىدۇ.

  بىر زامان قۇرئانى ھەكىمنىڭ بۇ تەكرارلاشلار بىلەن شىددەتلىك ئىرشادلىرى ماڭا بۇ پىكىرنى بەردىكى، بۇ قەدەر داۋاملىق ئەسكەرتىشلەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار مۆئمىن ئىنسانلارنى ۋاپاسىز ۋە ھەقىقەتسىز كۆرسەتكەنلىك ۋە ئىنساننىڭ شەرىپىگە ياراشمايدىغان بىر ۋەزىيەت ئەمەسمۇ؟ چۈنكى، بىر خىزمەتچىنىڭ باشلىقىدىن ئالغان بىر ئەمىر ئۇنىڭ ئىتائەت قىلىشىغا يېتەرلىك تۇرسا، ئوخشاشلا شۇ ئەمىرنى ئون قېتىم سۆزلىسە، ئۇ خىزمەتچى راستىنلا ئاغرىنىدۇ، «بۇ مېنى ئەيىپلىگەنلىك، مەن ۋەدىسىگە خىيانەت قىلىدىغانلاردىن ئەمەس» دەيدۇ. ھالبۇكى ئەڭ خالىس مۆئمىنلەرگە قۇرئانى ھەكىم قايتاقايتا ئەمىرلىرىنى تەكرار قىلىدۇ. بۇ پىكىرلەر مېنىڭ زېھنىمنى مەشغۇل قىلغان بىر ۋاقىتتا، ئىككىئۈچ سادىق يولداشلىرىم بار ئىدى، ئۇلارنى ئىنسىي شەيتانلارنىڭ ھىيلىلىرىگە ئالدانماسلىق ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئەسكەرتىپ ئاگاھلاندۇراتتىم، «بىزگە ئىشەنچىسىز قاراۋاتىسەن» دەپ ئاغرىنىشمايتتى. ئەمما مەن قەلبەن: «بۇ داۋاملىق ئەسكەرتىشلىرىم بىلەن بۇلارنى رەنجىتىۋاتىمەن، ساداقەتسىزلىك ۋە ۋاپاسىزلىق بىلەن قارىلاۋاتىمەن» دەيتتىم. كېيىن، توساتتىن ئالدىنقى ئىشارەتلەردە ئىزاھ ۋە ئىسپات قىلىنغان ھەقىقەتلەر كۆرۈندى، ئۇ ۋاقىت ئۇ ھەقىقەت بىلەن قۇرئانى ھەكىمنىڭ ئەھۋالنىڭ تەلىپىگە دەل ئۇيغۇن، جايىدا، ئىسىراپسىز، ھىكمەتلىك ۋە قارىلاش(تۆۋەن كۆرۈش) بولمىغان بىر سۈرەتتە تەكرار قىلغانلىقىنى ۋە بايانلىرىنىڭ دەل ھىكمەت ۋە بالاغەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەمدە ئۇ سادىق دوستلىرىمنىڭ ئاغرىنمىغانلىقلىرىنىڭ سىرىنى چۈشەندىم. ئۇ ھەقىقەتنىڭ خۇلاسىسى شۇدۇركى، شەيتانلار بۇزغۇنچىلىق تەرەپكە ئۈندىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاز بىر ئەمەل بىلەن كۆپ شەرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەق ۋە ھىدايەت يولىدا ماڭغانلار ناھايىتى كۆپ ئېھتىيات قىلىشقا ۋە شىددەت بىلەن ئۆزىنى تارتىشقا ۋە تەكرارتەكرار ئەسكەرتىشلەرگە ۋە كۆپلىگەن ياردەملەرگە مۇھتاج بولغانلىقلىرىدىندۇركى، جانابى ھەق ئۇ تەكرارلاش ئارقىلىق مىڭ بىر ئىسمى بىلەن ئەھلى ئىمانغا ياردەملىرىنى سۇنىدۇ ۋە مىڭلارچە مەرھەمەت قوللىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇزىتىدۇ. مۇئمىنلەرنىڭ شەرىپىنى سۇندۇرمايدۇ، بەلكى قوغدايدۇ. ئىنساننىڭ قىممىتىنى چۈشۈرمەيدۇ، بەلكى شەيتاننىڭ شەررىنى چوڭ كۆرسىتىدۇ.

  ئەي ئەھلى ھەق ۋە ئەھلى ھىدايەت! ئىنسىي ۋە جىننىي شەيتانلارنىڭ مەزكۇر ھىيلىلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت بولغان ئەھلى ھەق مەزھىبىنى قارارگاھ قىلىپ، قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ مەھكەم قەلئەسىگە كىرىڭلار ۋە سۇننەتى سەنىييەنى رەھبەر قىلىپ ئامانلىق تېپىڭلار!…

———————————————-

*ۋەھىمە: يوقنى بار دەپ قارايدىغان ھېس. يوقتىن قورقماق.

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir