ھەر كىشىگە پايدىسى بار

ھەر كىشىگە پايدىسى بار

27لەمئادىن:

(بۇ پارچىنىڭ ھەر كىشىگە پايدىسى بار.)

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿اِنَّ النَّفْسَ َلاَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ﴾

(سۇرە يۇسۇف:53)

مەنىسى: «نەفىس دائىم يامانلىققا باشلايدۇ» ئايىتىنىڭ، ھەمدە «سېنىڭ ئەڭ زىيانلىق دۈشمىنىڭ نەفسىڭدۇر» مەنىسىدىكى

اَعْدَى عَدُوِّكَ نَفْسُكَ الَّتِى بَيْنَ جَنْبَيْكَ

دېگەن ھەدىسنىڭ بىر سىرىدۇر.

تەربىيەلەنمىگەن نەفسى ئەممارىسى بولۇش شەرتى بىلەن ئۆز نەفسىنى ياقتۇرغان ۋە سۆيگەن ئادەم باشقىلارنى سۆيمەيدۇ. ئەگەر سىرتقى جەھەتتىن سۆيسىمۇ سەمىمىي ھالدا سۆيمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭدىن كېلىدىغان مەنپەئەت ۋە لەززەتنى سۆيىدۇ. دائىم ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشى ۋە سۆيىشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. قۇسۇرنى ئۆزىگە ئالمايدۇ. بەلكى ئادۋوكاتتەك ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىپ ئاقلايدۇ. مۇبالىغىلار، ھەتتا يالغانلار ئارقىلىق نەفسىنى خۇددى مۇقەددەسلىككە چىقارغاندەك ئاقلايدۇ ۋە ماختايدۇ. دەرىجىسىگە قارىتا

﴿مَنِ اتَّخَذَ اِلهَهُ هَوَيهُ﴾

(ھەۋايىھەۋىسىنى ئىلاھ قىلىۋالغانلارسۇرە فۇرقان:43)

ئايىتىنىڭ بىر كاچىتىنى يەيدۇ. ماختىنىشقا ۋە سۆيدۈرۈشكە تىرىشقانسېرى، دەل تەتۈرىسىگە يامان كۆرۈشنى جەلپ قىلىدۇ، سوغۇقچىلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇنداقلا ئاخىرەتلىك ئەمەللىرىدە ئىخلاسنى يوقىتىپ، رىيانى ئارىلاشتۇرىدۇ. ئاقىۋەتنى كۆرمىگەن، نەتىجىلەرنى ئويلانمىغان، ھەمدە ھازىرقى لەززەتكىلا مۇپتىلا بولغان ھاۋايى ھەۋىسى ۋە نەفسى خاھىشىغا مەغلۇپ بولۇپ، يولدىن ئازغان ھېسلىرىنىڭ پەتىۋاسى بىلەن بىر سائەتلىك لەززەتنى دەپ بەلكىم بىر يىل تۈرمىدە ياتىدۇ. بىر مىنۇتلۇق تەكەببۇرلۇق ياكى ئىنتىقام يۈزسىدىن ئون يىل جازا كۆرىدۇ. خۇددى دەرس ئېلىۋاتقان ئەممە پارىسىنى بىر تال كەمپۈتكە ساتقان، ھاۋايى نەفسىگە ئەگەشكەن كىچىك بالىدەك، ھېسلىرىنى قاندۇرۇش ھاۋايى نەفسىنى مەمنۇن قىلىش ۋە ھەۋىسىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئالماس قىممىتىدە بولغان خەيرلىك ئەمەللىرىنى قەدىرقىممىتى يوق شىشە پارچىلىرى ھۆكمىدىكى لەززەتلەرگە، مەنمەنچىلىكلەرگە ۋاستە قىلىپ خەيرلىك ئىشلاردا ھەسرەت ۋە زىيان قازىنىۋالىدۇ.

اَللّهُمَّ احْفَظْنَا مِنْ شَرِّ النَّفْسِ وَالشَّيْطَانِ وَمِنْ شَرِّ الْجِنِّ وَاْلاِنْسَانِ

(ئى ﷲ! بىزنى نەفسنىڭ ۋە جىننىي ۋە ئىنسىي شەيتانلارنىڭ شەررىدىن مۇھاپىزەت قىل!)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.