ھەقىقىي ساغلاملىق ۋە ئاخىرەتلىك ئوزۇق

ھەقىقىي ساغلاملىق ۋە ئاخىرەتلىك ئوزۇق

يەتتىنچى سۆز

شۇ كائىناتنىڭ سىرلىق تىلسىمىنى يەشكەن

آمَنْتُ بِاللّهِ وَ بِالْيَوْمِ اْلآخِرِ

 (ﷲقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان)

ئىنسان روھى ئۈچۈن سائادەت ئىشىكىنى ئاچىدىغان نەقەدەر قىممەتدار تىلسىملىق ئىككى ئاچقۇچ بولىدىغانلىقىنى؛ ھەمدە سەبىر بىلەن ياراتقۇچىسىغا تەۋەككۈل ۋە ئىلتىجا قىلىشنىڭ، شۈكۈر بىلەن رەززاقىغا (رىزىق بەرگۈچىسىگە) دۇئاتىلەكتە بولۇشنىڭ نەقەدەر پايدىلىق تىرياقتەك ئىككى دورا بولىدىغانلىقىنى؛ شۇنداقلا قۇرئان ئاڭلىماق، ھۆكۈمىگە بويسۇنماق، نامازنى ئۆتىمەك، گۇناھلارنى تەرك قىلىشنىڭ ئەبەدىلئەبەد سەپىرىدە نەقەدەر مۇھىم، قىممەتلىك، نۇرلۇق بىر بېلەت، بىر ئاخىرەتلىك ئوزۇق ۋە قەبىر ئۈچۈن بىر نۇر بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلىي ھېكايىگە قارا، ئاڭلا:

  بىر زامان بىر ئەسكەر جەڭ مەيدانىدا ئېغىر بىر سىناققا دۇچ كىلىپ، پايدا ۋە زىيان مەسىلىسىدە بەك دەھشەتلىك بىر ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىن ئېغىر ئىككى يارا بىلەن يارىلانغانئارقىسىدا يوغان بىر شىر ئۇنىڭغا ئېتىلىش ئۈچۈن ساقلاۋاتقاندەك تۇرغانكۆز ئالدىدا بولسا بىر دار تىكىلگەن، پۈتۈن دوستيېقىنلىرىنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋاتقان ۋە ئۇنىمۇ كۈتىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە قالىدۇ. بۇ ھالى بىلەن بىللە ئۇزۇن بىر سەپىرى بار بولۇپ، مېڭىشقا مەجبۇر. ئۇ بىچارە شۇ دەھشەتلىك ئەھۋال ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە مەيۈسلىنىپ تۇرغاندا، ئوڭ تەرىپىدە خىزىردەك ساخاۋەتچى ۋە نۇرانى بىر زات پەيدا بولدى ۋە ئۇنىڭغا دېدى:

  -«مەيۈس بولما، ساڭا ئىككى تىلسىم بېرىپ ئۆگىتىمەن، ئەستايىدىل ئوقۇساڭ ئۇ شىر ساڭا بويسۇنغۇچى بىر ئات بولىدۇ. ئۇ دار بولسا ساڭا ھۇزۇر ۋە لەززەت بېغىشلايدىغان بىر ئىلەڭگۈچكە ئۆزگىرىدۇ. ھەم ساڭا ئىككى دورا بېرىمەن. ياخشى پايدىلانساڭ، ئۇ ئىككى پۇراپ كەتكەن ياراڭ ئېسىل ھىدلىق «گۈلى مۇھەممەدىي» (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) دېيىلىدىغان گۈزەل چېچەككە ئۆزگىرىدۇ. ھەم ساڭا بىر بېلەت بېرىمەن. ئۇنىڭ بىلەن خۇددى ئۇچقاندەك تېزلىكتە بىر يىللىق يولنى بىر كۈندە بېسپ ئۆتىسەن. ئەگەر ئىشەنمىسەڭ بىر ئاز سىناپ كۆرۈپ باق، چوقۇم توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالىسەن

  ئۇ بىچارە ھەقىقەتەن بىر ئاز تەجرىبە قىلىپ كۆرىۋىدى، توغرا ئىكەنلىكىنى تەستىق قىلدى. مەن، يەنى شۇ بىچارە سەئىدمۇ بۇنى تەستىق قىلىمەن. چۈنكى بىر ئاز تەجرىبە قىلدىم، بەكمۇ توغرا كۆردۇم.

  بۇنىڭدىن كېيىن بىردىنلا كۆردىكى، سول تەرەپتىن شەيتاندەك ھىيلىگەر، مەيخور، ئالدامچى بىر ئادەم كۆپلىگەن جەلپ قىلارلىق زىننەتلەر ۋە چىرايلىق سۈرەتلەر، فانتازىيىلىك مودىلار ۋە ھاراقشاراپلار بىلەن بىللە كەلدى، ئۇدۇلىدا تۇردى ۋە ئۇنىڭغا دېدى:

 –ھەي بۇرادەر! كەل، كەل! بىللە ھاراق ئىچىپ كەيىپلىنەيلى، بۇ گۈزەل قىز سۈرەتلىرىگە قارايلى، شۇ ناخشىلارنى ئاڭلايلى، بۇ تاتلىق يېمەكلىكلەردىن يەيلى!

  سوئال: ھاھانېمە ئۇ ئاغزىڭدا يۇشۇرۇن ئوقۇۋاتقان؟

 جاۋاپ: بىر تىلسىم.

 – شۇ چۈشىنىكسىز ئىشنى قوي، كەيپىمىزنى بۇزىدىغان ئىشنى قىلمايلى!

 س: ھاھاقوللىرىڭدىكى نېمە ئۇ؟

  ج: بىر دورا.

  – تاشلا ئۇنى، ساغلامسەن. ئۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئوينايدىغان زامان بۇ!

  س: نېمە ئۇ بەش بەلگىلىك قەغەز؟

  ج: بىر بېلەت، بىر تەمىنات ھۆججىتى.

  – يىرت ئۇلارنى، بۇ گۈزەل باھاردا سەپەرنىڭ نېمە كېرىكى!؟ دېدى. ھەرخىل ھىيلە بىلەن ئۇنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى. ھەتتا ئۇ بىچارە ئۇنىڭغا بىر ئاز مايىل بولدى. شۇنداق، ئىنسان ئالدىنىدۇ. مەنمۇ شۇنداق بىر مەككارغا ئالدانغانىدىم.

  تۇيۇقسىز ئوڭ تەرەپتىن گۈلدۈرمامىدەك بىر سادا كەلدى، دېدىكى:

  •   ھەزەر قىل، ئالدانما! ئۇ مەككارغا دېگىنكى: ئەگەر ئارقامدىكى شىرنى ئۆلتۈرۈپ، ئالدىمدىكى دارنى ئېلىپ تاشلاپ، ئوڭ ۋە سول تەرىپىمدىكى يارىلارنى ساقايتىپ، ئالدىمدىكى سەپەرنى يوق قىلالايدىغان بىر چارەڭ بولسا، تاپالىساڭ، قېنى تاپ، كۆرسەت، كۆرەيلى، ئاندىن كەل كەيىپ قىلايلى دە. بولمىسا ئاغزىڭنى يۇم! بۇ خىزىردەك ساماۋى زاتنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلايلى.

  مانا ئەي ياشلىقىدا كۈلگەن، ھازىر كۈلگىنىگە يىغلاۋاتقان نەفسىم! بىل: ئۇ بىچارە ئەسكەر بولسا سەن ۋە ئىنساندۇر. ئۇ شىر بولسا، ئەجەلدۇر. ئۇ دار بولسا، ئۆلۈم، زاۋال ۋە پىراقتۇركى، كېچەكۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى بىلەن دوستيېقىنلارنىڭ ھەربىرى ۋىدالىشىدۇ، يوقىلىدۇ. ئۇ ئىككى يارا بولسا، بىرى ئىنساننىڭ قىينايدىغان چەكسىز ئاجىزلىقى، يەنە بىرى قايغۇرتىدىغان چەكسىز پېقىرلىقىدۇر. ئۇ مەجبۇرىي سەپەر بولسا، روھلار ئالىمىدىن، ئانا رەھمىدىن، بالىىلىقتىن، قېرىلىقتىن، دۇنيادىن، قەبىردىن، بەرزەختىن، سىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتىدىغان ئۇزۇن بىر ئىمتىھان سەپىرىدۇر. ئۇ ئىككى تىلسىم بولسا ﷲقا ئىمان ۋە ئاخىرەتكە ئىماندۇر.

  شۇ مۇقەددەس تىلسىم ئارقىلىق ئۆلۈم، مۆئمىن ئىنساننى دۇنيا زىندانىدىن جەننەت بوستانىغا، رەھمان ھۇزۇرىغا ئېلىپ بارىدىغان ئىتائەتچان ئات ۋە ئۇلاغ ھۆكمىدە بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگەن كامىل ئىنسانلار ئۆلۈمنى سۆيۈشكەندۇر، تېخى ئۆلۈم كەلمەستىن ئۆلۈمنى خالاشقاندۇر. ھەم زاۋال ۋە پىراق، ۋاپات ۋە دار ھېسابلىنىدىغان زاماننىڭ ئۆتىشى بولسا، ئۇ ئىمان تىلسىمى ئارقىلىق ﷲنىڭ يېڭىيېڭى، تۈرلۈكتۈرلۈك ۋە رەڭگارەڭ نەقىشلىك مۆجىزىلىرىنى، قۇدرىتىنىڭ ئاجايىپ ئەسەرلىرىنى، رەھمىتىنىڭ گۈزەل جىلۋىلىرىنى يۈكسەك بىر لەززەت بىلەن زوقلىنىپ كۆرۈشكە ۋە كۆزىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا بىر ۋاستە ھۆكمىدە بولىدۇ. (خۇددى قۇياشنىڭ نۇرىدىكى رەڭلەرنى كۆرسەتكەن ئەينەكلەرنىڭ ئۆزگىرىپ يېڭىلىنىشى ياكى كىنو لېنتىلىرىنىڭ يۆگىلىپ ئالمىشىشى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق مەنزىرىلەرنى ھاسىل قىلغىنىدەك.)

  ئۇ ئىككى دورا بولسا، بىرى سەبىر بىلەن تەۋەككۈلدۇر، ياراتقۇچىسىنىڭ قۇدرىتىگە تايىنىش ۋە ھىكمىتىگە ئىشىنىشتۇر. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ﴿كُنْ فَيَكُونُ ئەمرىگە ئىگە، ھەممىگە قادىر بولغان بىر كائىنات سۇلتانىغا «ئاجىزلىق» كىنىشكىسى بىلەن باغلانغان بىر ئادەم نېمىدىن قورقسۇن! چۈنكى ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر بالايىئاپەت قارشىسىدا ﴿اِنَّا لِلّهِ وَاِنَّا اِلَيْهِ رَاجِعُونَ* دەپ قەلب خاتىرجەملىكى بىلەن رەھىم بولغان رەببىگە ئىشەنچ باغلايدۇ. شۇنداق، ئالىم ئىنسانلار ئاجىزلىقىنى بىلىشتىن، ﷲتىن قورقۇشتىن لەززەتلەنگەن. شۇنداق، قورقۇشتا لەززەت باردۇر. ئەگەر بىر ياشتىكى بىر بالىنىڭ ئەقلى بولسا ۋە ئۇنىڭدىن سورالسا: «سەن ئۈچۈن قانداق ھالىتىڭ ئەڭ لەززەتلىك ۋە ئەڭ تاتلىق؟» بەلكىم دەيدۇكى: «ئاجىزلىقىمنى، زەئىپلىكىمنى بىلىپ، ئانامنىڭ تاتلىق كاچىتىدىن قورقۇپ، يەنە ئۇنىڭ شەپقەتلىك باغرىغا سېغىنغان ھالىتىمدۇرھالبۇكى پۈتۈن ئانىلارنىڭ شەپقىتى ﷲنىڭ رەھمىتىنىڭ پەقەتلا كىچىككىنە بىر كۆلەڭگىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كامىل ئىنسانلار ئاجىزلىقتىن ۋە قورقۇشتىن شۇنداق بىر لەززەت ئالغانكى، ئۆزىنىڭ كۈچقۇۋۋىتىدىن شىددەتلىك سىيرىلىپ چىقىپ ﷲقا ئاجىزلىق بىلەن سېغىنغان، ئاجىزلىق ۋە قورقۇشنى ئۆزلىرىگە شاپائەتچى قىلىشقاندۇر.

  يەنە بىر دورا بولسا، شۈكۈر ۋە قانائەت بىلەن دۇئاتىلەكتە بولۇش، ھەمدە رەھىملىك رىزىق بەرگۈچىنىڭ رەھمىتىگە ئىشەنچ باغلاشتۇر. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ پۈتۈن يەر يۈزىنى بىر نىئمەت داستىخىنى قىلغان ۋە باھار پەسلىنى بىر چېچەك دەستىسى قىلغان، ھەمدە ئۇنى ئۇ داستىخاننىڭ يېنىغا قويغان ۋە ئۈستىگە چاچقان بىر جەۋۋادى كەرىمنىڭ**مېھمانلىرى ئۈچۈن پېقىرلىق ۋە ئېھتىياج قانداقمۇ ئەلەم ۋە ئېغىرلىق ھېس قىلدۇرسۇن. بەلكى پېقىرلىق ۋە ئېھتىياج تاتلىق بىر ئىشتىھا سۈرىتىنى ئالىدۇ. ئىشتىھانى ئارتتۇرغانغا ئوخشاش، پېقىرلىقىنى ئارتتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كامىل ئىنسانلار پېقىرلىق بىلەن پەخىرلەنگەندۇر. دىققەت قىل، خاتا چۈشىنىپ قالما! ﷲقا قارىتا پېقىرلىقىنى ھېس قىلىپ يالۋۇرۇش دېگەنلىكتۇر. بولمىسا پېقىرلىقىنى خەلققە كۆرسىتىپ تىلەمچىلىك ۋەزىيىتىگە كىرىش دېگەنلىك ئەمەستۇر. ئۇ بېلەت، ھۆججەت بولسا، باشتا ناماز بولۇپ پەرزلەرنى ئادا قىلىش ۋە چوڭ گۇناھلارنى تەرك قىلىشتۇر. شۇنداقمۇ؟ بەرھەق، پۈتۈن ئەھلى ئىختىساس ۋە مۇشاھەدەنىڭ، ئەھلى زەۋق ۋە كەشفنىڭ (پەيغەمبەر، ئالىمئەۋلىيالارنىڭ) قارىشى بويىچە، ئۇ ئۇزۇن ۋە قاراڭغۇ بولغان ئەبەدىلئەبەد سەپىرىدە ئوزۇق ۋە تەمىنات، نۇر ۋە ئۇلاغ، پەقەت قۇرئاننىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن قېچىش بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. پەن، پەلسەپە ۋە سانائەتلەر ئۇ يولدا بەش تىيىنغا ئەرزىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرلىرى پەقەتلا قەبىرنىڭ ئىشىكىگىچىدۇر.

  ئەنە ئەي نەفسىم! بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇش، يەتتە چوڭ گۇناھنى تەرك قىلىش، نە قەدەر ئاز، راھەت ۋە يەڭگىل، نەتىجىسى، مېۋىسى ۋە پايدىسى نە قەدەر مۇھىم ۋە چوڭ ئىكەنلىكىنى ئەقلىڭ بولسا ۋە بۇزۇلمىغان بولسا چۈشىنىسەن. گۇناھلارغا ۋە كەيپساپاغا سېنى ئۈندەيدىغان شەيتانغا ۋە ئۇ ئادەمگە دەيسەنكى، ئەگەر ئۆلۈمنى ئۆلتۈرۈپ، زاۋال تېپىشنى تامامەن زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇزۇپ، ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىقنى ئىنساندىن ئېلىپ تاشلاپ، قەبىر ئىشىكىنى يېپىۋىتىش چارىسى سەندە بولسا ئېيت ئاڭلايلى، بولمىسا ئاغزىڭنى يۇم! كائىنات بۈيۈك مەسجىدىدە قۇرئان كائىناتنى ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇنى ئاڭلايلى، ئۇ نۇر بىلەن نۇرلىنايلى، ھىدايىتى بىلەن ئەمەل قىلايلى ۋە ئۇنىڭ دۇئاتىلاۋىتى بىلەن كۆپلەپ مەشغۇل بولايلى. شۇنداق، ھەقىقى سۆز ئۇدۇر ۋە ئۇنى دېسە بولىدۇ. ھەق بولۇپ، ھەقتىن كېلىپ، ھەق دېگەن ۋە ھەقىقەتنى كۆرسەتكەن ۋە نۇرانى ھىكمەتنى تارقاتقان ئۇدۇر.

اَللّهُمَّ نَوِّرْ قُلُوبَنَا بِنُورِ اْلاِيمَانِ وَ الْقُرْآنِ اَللّهُمَّ اَغْنِنَا بِاْلاِفْتِقَارِ اِلَيْكَ وَ لاَ تَفْقُرْنَا بِاْلاِسْتِغْنَاءِ عَنْكَ تَبَرَّاْنَا اِلَيْكَ مِنْ حَوْلِنَا وَ قُوَّتِنَا وَ الْتَجَئْنَا اِلَى حَوْلِكَ وَ قُوَّتِكَ فَاجْعَلْنَا مِنَ الْمُتَوَكِّلِينَ عَلَيْكَ وَ لاَتَكِلْنَا اِلَى اَنْفُسِنَا وَاحْفَظْنَا بِحِفْظِكَ وَارْحَمْنَا وَ ارْحَمِ الْمُؤْمِنِينَ وَ الْمُؤْمِنَاتِ وَ صَلِّ وَ سَلِّمْ عَلَى سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ عَبْدِكَ وَ نَبِيِّكَ وَ صَفِيِّكَ وَ خَلِيلِكَ وَ جَمَالِ مُلْكِكَ وَ مَلِيكِ صُنْعِكَ وَ عَيْنِ عِنَايَتِكَ وَ شَمْسِ هِدَايَتِكَ وَ لِسَانِ حُجَّتِكَ وَ مِثَالِ رَحْمَتِكَ وَ نُورِ خَلْقِكَ وَ شَرَفِ مَوْجُودَاتِكَ وَ سِرَاجِ وَحْدَتِكَ فِى كَثْرَةِ مَخْلُوقَاتِكَ وَ كَاشِفِ طِلْسِمِ كَائِنَاتِكَ وَ دَلاَّلِ سَلْطَنَةِ رُبُوبِيَّتِكَ وَ مُبَلِّغِ مَرْضِيَّاتِكَ وَ مُعَرِّفِ كُنُوزِ اَسْمَائِكَ وَ مُعَلِّمِ عِبَادِكَ وَ تَرْجُمَانِ آيَاتِكَ وَمِرْآتِ جَمَالِ رُبُوبِيَّتِكَ وَ مَدَارِ شُهُودِكَ وَ اِشْهَادِكَ وَ حَبِيبِكَ وَ رَسُولِكَ الَّذِى اَرْسَلْتَهُ رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ وَ عَلَى آلِهِ وَ صَحْبِهِ اَجْمَعِينَ وَ عَلَى اِخْوَانِهِ مِنَ النَّبِيِّنَ وَ الْمُرْسَلِينَ وَ عَلَى مَلئِكَتِكَ الْمُقَرَّبِينَ وَ عَلَى عِبَادِكَ الصَّالِحِينَ آمِين.

————————————————————-

*«بول» دەيدۇ، دەرھال ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. (سۈرە ياسىن:82)

**بىز ﷲنىڭ قۇللىرىمىز، يەنە ئۇنىڭغا قايتىمىز. (سۈرە بەقەرە: 156)

*** جەۋۋادى كەرىم: چەكسىز دەرىجىدە سېخى ۋە مەرت بولغان ﷲ.ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.