سوئال: ھەر نەرسىنى بىلىدىغان، كۆرىدىغان ۋە ھېچبىر نەرسە ئۇنىڭدىن يوشۇرىنالمايدىغان ئەللامۇل غۇيۇبقا (غەيپلەرنى بىلگۈچى ﷲقا) قارىتا ئەدەب قانداق بولىدۇ؟ خىجالەتكە سەۋەب بولىدىغان ھالەتلەر ئۇنىڭدىن يوشۇرىنالمايدۇ. ئەدەبنىڭ بىر تۈرى تەسەتتۇردۇر (ھىجاب، يېپىنىش). سەت كۆرىلىدىغان ھالەتلەرنى يوشۇرۇشتۇر. ئەللامۇل غۇيۇبقا قارىتا تەسەتتۇر قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: بىرىنچىدىن، سانىئى زۇلجالال سەنئىتىنى گۈزەل كۆرسىتىشكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە يىرگىنىشلىك نەرسىلەرنى پەردىلەر ئاستىغا ئالىدۇ، ھەمدە نىئمەتلىرىگە، ئۇ نىئمەتلەرنى بىزەش ئارقىلىق دىققەت–نەزەرىنى جەلىپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەكلا، مەخلۇقاتىنى ۋە قۇللىرىنى باشقا ئىدراك ئىگىلىرىگە گۈزەل كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ يىرگىنىشلىك ۋەزىيەتلەردە كۆرىنىشى جەمىيل ۋە مۇزەييىن ۋە لەتىف ۋە ھەكىمگە ئوخشاش ئىسىملىرىغا قارشى بىر تۈرلۈك ئىسيان ۋە ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.
سۈننەتى سەنىييەدىكى ئەدەب بولسا، ئۇ سانىئى زۇلجالالنىڭ ئىسىملىرىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ھەقىقىي بىر ئەدەب ھالىتىدۇر.
ئىككىنچىدىن، بىر تىۋىپ دوختۇرلۇق نۇقتىسىدا بىر نامەھرەمنىڭ ئەڭ نامەھرەم ئەزاسىغا قارايدۇ ۋە زۆرۈرىيەت بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ، ئەدەبسىزلىك دېيىلمەيدۇ. بەلكى تىبابەت شۇنداق تەقەززا قىلىدۇ، دېيىلىدۇ. ئەمما ئۇ تىۋىپ ئۆزىنىڭ ئەر ئۇنۋانى بىلەن ۋەياكى ۋائىز ئىسمى بىلەن ۋەياكى موللا سۈپىتى بىلەن ئۇ نامەھرەملەرگە قارىيالمايدۇ. ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىشىگە ئەدەب رۇخسەت قىلمايدۇ. ئۇ جەھەتلەردە ئۇنىڭغا كۆرسىتىش ھاياسىزلىقتۇر. شۇنىڭدەك سانىئى زۇلجالالنىڭ نۇرغۇن ئىسىملىرى بار. ھەربىر ئىسمىنىڭ ئايرىم بىر جىلۋىسى بار. مەسىلەن: «غەففار» ئىسمى گۇناھلارنىڭ بولىشىنى ۋە «سەتتار» ئىسمى قۇسۇرلارنىڭ بولىشىنى تەقەززا قىلغىنىدەك، «جەمىيل» ئىسمىمۇ يىرگىنىچلىكنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. «لەتىف، كەرىم، ھەكىيم، رەھىيم»دەك ئۇنىڭ جامال ۋە كامالىغا ئائىت ئىسىملىرى، مەۋجۇداتنىڭ گۈزەل بىر سۈرەتتە ۋە مۇمكىن بولىدىغان ۋەزىيەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدا بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ھەمدە ئۇ خىل ئىسىملار مەلائىكە ۋە رۇھانىي ۋە جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئۆز گۈزەللىكلىرىنى، مەۋجۇداتنىڭ گۈزەل ۋەزىيەتلىرى ۋە گۈزەل خۇلقلىرى(ئەدەبلىرى) بىلەن كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
سۈننەتى سەنىييەدىكى ئەدەب بولسا، بۇ يۈكسەك ئەدەبنىڭ ئىشارىتىدۇر، دەستۇرلىرى ۋە نەمۇنىلىرىدۇر.