…ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىشىدۇ

…ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىشىدۇ

بەشىنچى سەۋەب:

  ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپ ۋە ئىتتىپاقسىزلىقى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولمىغىنىدەك، ئازغۇنلارنىڭ قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىقىمۇ ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن كەلگەن ئەمەستۇر. بەلكى ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقى كامىل ئىماندىن كەلگەن تايانچ كۈچتىن ۋە ئۇ تايانچ كۈچتىن كېلىپ چىققان قۇۋۋەتتىن كەلگەنلىكىدەك؛ ئەھلى غەپلەت ۋە ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقلىرى قەلبتە تايانچ نۇقتا تاپالماسلىق نەتىجىسىدىكى زەئىپلىك ۋە ئاجىزلىقلىرىدىن كەلگەندۇر. چۈنكى ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىشىدۇ، كۈچلۈكلەر ئىتتىپاقلىشىش ئېھتىياجىنى دەل ھېس قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئىتتىپاقى زەئىپتۇر. مەسىلەن، شىرلار تۈلكىلەرگە ئوخشاش ئىتتىپاققا مۇھتاج بولمىغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز ياشايدۇ. ياۋا ئۆچكىلەر بولسا بۆرىلەردىن قوغدىنىش ئۈچۈن توپلىشىپ ياشايدۇ.

  دېمەك، ئاجىزلارنىڭ جەمئىيىتى ۋە مەنىۋى شەخسى كۈچلۈك، (ھاشىيە)* كۈچلۈكلەرنىڭ جەمئىيىتى ۋە مەنىۋى شەخسى بولسا ئاجىز بولىدۇ. قۇرئاندا بۇ سىرنى چۈشەندۈرىدىغان لەتىف (نازۇك) بىر ئىشارەت ۋە گۈزەل بىر ئىنچىكە ھىكمەت باردۇر. يەنى: ﴿وَ قَالَ نِسْوَةٌ (يۇسۇف:12) دېيىلگەن بۇ ئايەتتە ئاياللار جامائىتىگە ئايالچە پېئىل كېلىشى لازىم بولسىمۇ، ئەرەنچە پېئىل بولغان قَالَ نىڭ ئىشلىتىلىشىھەم {قَالَتِ اْلاَعْرَابُ} (ھۇجۇرات:14) دېيىش بىلەن، ئەرلەر جامائىتىگە ئايالچە پېئىل بولغان قالَتْ نىڭ ئىشلىتىلىشى لەتىف ھالدا ئىشارەت قىلىدۇكى، زەئىپ، مۇلايىم ۋە يۇمشاق ئاياللارنىڭ جەمئىيىتى قۇۋۋەتلىشىدۇ، قوپاللىق ۋە قاتتىقلىققا ئىگە بولۇپ، ئەرەنچە ھال شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئەرەنچە پېئىلنى تەقەززا قىلغانلىقتىن ﴿وَ قَالَ نِسْوَةٌ دېيىلىپ بەكمۇ گۈزەل ۋە جايىدا بولغاندۇر. كۈچلۈك ئەرلەر بولسا، بولۇپمۇ بەدەۋى ئەرەپ بولسا، قۇۋۋەتلىرىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن جەمئىيەتلىرى زەئىپ بولۇپ، ھەم ئېھتىياتكارلىق ھەم يۇمشاقلىق ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكتىن بىر خىل ئايالچە مىجەز بولۇپ قېلىپ ئايالچە پىئىلنى تەقەززا قىلغانلىقتىن ﴿قَالَتِ اْلاَعْرَابُ دەپ كېلىشى بەكمۇ ئورنىغا چۈشكەندۇر.

  شۇنداق، ھەقىقەت ئەھلى غايەت قۇۋۋەتلىك بىر تايانچ نۇقتىسى بولغان «ئىمانى بىللاھ»دىن (ﷲقا ئىماندىن) كەلگەن تەۋەككۈل ۋە تەسلىمىيەت ھېسسى بىلەن باشقىلارغا ھال تۆكۈپ ئۇلارنىڭ ياردەم ۋە مەدەتلىرىنى خالىمايدۇ. خالىسىمۇ ئالاھىدە پىداكارلىق بىلەن يېپىشمايدۇ. ئەھلى دۇنيا بولسا، ئىشلىرىدا ھەقىقىي تايانچ نۇقتىسىدىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈن زەئىپلىك ۋە ئاجىزلىققا چۈشۈپ، شىددەتلىك بىر سۈرەتتە ياردەمچىلەرگە ئېھتىياج ھېس قىلىدۇ. سەمىمىيلىك بىلەن، ھەتتا پىداكارلىق بىلەن ئىتتىپاقلىشىدۇ. دېمەك ئەھلى ھەقىقەت ئىتتىپاقتىكى ھەق قۇۋۋىتىنى ئويلىمىغانلىقى ۋە ئىزدىمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەقسىز ۋە زىيانلىق نەتىجە بولغان ئىختىلاپقا چۈشىدۇ. ئەھلى زالالەت بولسا، ئىتتىپاقتىكى قۇۋۋەتنى ئاجىزلىقى سەۋەبلىك ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن مەقسەتكە ئېرىشىشنىڭ غايەت مۇھىم بىر ۋاستىسى بولغان ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ھەقىقەت ئەھلىنىڭ بۇ ھەقسىز ئىختىلاپلىشىش كېسىلىنىڭ داۋاسى ۋە دورىسى: ﴿وَلاَ تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ (ئەنفال:46) دېگەن ئايەتتىكى ﷲنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى؛ ﴿وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى(مائىدە:2) ئايىتىدىكى ئىجتىمائى ھايات بويىچە ئىنتايىن ھىكمەتلىك بولغان ئىلاھىي ئەمرنى ھەرىكەت دەستۇرى قىلىشئىسلامدا ئىختىلاپنىڭ نەقەدەر زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، زالالەت ئەھلىنىڭ ھەقىقەت ئەھلى ئۈستىدىن غەلبىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مۇتلەق ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكى بىلەن ھەقىقەت ئەھلىنىڭ سېپىگە پىداكارلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن قېتىلىشتۇر، ھەمدە ئۆزىنى ئۇنۇتۇش بىلەن رىياكارلىق ۋە ياسالمىچىلىقتىن قۇتۇلۇپ ئىخلاسنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.

———————————————————

*(ھاشىيە): ياۋرۇپا تەشكىلاتلىرى ئىچىدە ئەڭ شىددەتلىك، تەسىرى ئەڭ چوڭ ۋە بىر جەھەتتىن ئەڭ قۇۋۋەتلىك بولغىنى نازۇك، زەئىپ ۋە مۇلايىم بولغان ئاياللارنىڭ ئامېرىكىدىكى «ئاياللارنىڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكى» دېگەن تەشكىلات بولغىنىدەكھەم مىللەتلەر ئىچىدە ئاز ۋە ئاجىز بولغان ئەرمەنىيلەرنىڭ كومىتېتى كۆرسەتكەن قۇۋۋەتلىك پىداكارانە ۋەزىيەتلىرىمۇ بۇ مۇددىئايىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.