ئەلھۇببۇ فىللاھ-(ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش) سىرى

ئەلھۇببۇ فىللاھ-(ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش) سىرى

تۆتىنچى سەۋەب:

  ئەھلى ھىدايەتنىڭ رىقابەتكارانە ئىختىلاپلىشىشى، ئاقىۋەتنى ئويلىماسلىقتىن ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقىدىن بولمىغىنىغا ئوخشاش، ئازغۇنلارنىڭ سەمىمى ئىتتىپاقلىشىشىمۇ ئاقىۋەتنى ئويلىغانلىقتىن ۋە نەزەرلىرىنىڭ يۈكسەكلىكىدىن ئەمەستۇر.

  بەلكى ئەھلى ھىدايەت ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ تەسىرى بىلەن نەفسنىڭ كور ھېسسىياتىغا باغلىنىپ قالماي، قەلىپ ۋە ئەقىلنىڭ يىراقنى كۆرىدىغان مايىللىقلىرىغا ئەگىشىش بىلەن بىللە، ئىستىقامەتنى ۋە ئىخلاسنى ساقلىيالمىغانلىقتىن ئۇ يۈكسەك مەرتىۋىنى مۇھاپىزەت قىلالماي ئىختىلاپقا چۈشىدۇ.

  ئازغۇنلار بولسا، ھاۋايىنەفسنىڭ تەسىرى بىلەن كور ۋە ئاقىۋەتنى كۆرەلمەيدىغان، ھەمدە كۆز ئالدىدىكى بىر دەرھەم لەززەتنى كەلگۈسىدىكى بىر پاتمان لەززەتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ھېسسىياتنىڭ تەقەززاسى بىلەن بىربىرىگە سەمىمى بولۇپ، كۆز ئالدىدىكى ھازىر بىر مەنپەئەت ۋە لەززەت ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىتتىپاقلىشىدۇ. شۇنداق، دۇنياۋى بولغان ھازىر لەززەت ۋە مەنپەئەت ئەتراپىدا پەس ۋە قەلىپسىز نەفسانىيەتچىلەر سەمىمى ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىشەلەيدۇ.

  ھىدايەت ئەھلى ئاخىرەتتە بولىدىغان، كېلەچەككە ئائىت بولغان ئاخىرەتلىك مېۋىلەرگە ۋە كامالەتكە قەلىپ ۋە ئەقىلنىڭ يۈكسەك دەستۇرلىرى بىلەن يۈزلەنگەنلىكلىرى ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر ئىستىقامەت، كامىل بىر ئىخلاس، غايەت پىداكارانە بىر بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق شەكىللىنىشى كېرەك تۇرسا، مەنمەنچىلىكتىن تامامەن قۇتۇلالمىغانلىقى ئۈچۈن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە چۈشۈرىۋېتىش يۈزسىدىن يۈكسەك بىر قۇۋۋەت مەنبەسى بولغان ئىتتىپاقنى يوقىتىدۇ. ئىخلاسمۇ سۇنىدۇئاخىرەتلىك ۋەزىپىسى ھەم زېدىلىنىدۇﷲ رىزاسىنىمۇ قولايلىق بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ.

  بۇ ئېغىر كېسەلنىڭ داۋاسى ۋە دورىسى: «ئەلھۇببۇ فىللاھ» (ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش) سىرى بىلەن، ھەق يولدا ماڭغانلار بىلەن مەسلەكداش بولغانلىقتىن پەخىرلىنىش، ئۇلارغا ئەگىشىش، ئىماملىق شەرىپىنى ئۇلارغا ئۆتۈنۈش ۋە ئۇ ھەق يولدا كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزىدىن تېخىمۇ ياخشى بولۇش ئېھتىمالى بويىچە مەنمەنچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، ئىخلاسنى قازىنىش. ھەمدە ئىخلاس بىلەن قىلىنغان بىر دەرھەم ئەمەلنىڭ ئىخلاسسىز قىلىنغان پاتمانلارچە ئەمەلدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلىش، شۇنداقلا باشقىلارغا ئەگىشىشنى، جاۋابكارلىققا سەۋەب بولىدىغان ۋە خەتەرلىك بولغان باشقىلارنى ئەگەشتۈرۈشتىن ئۈستۈن دەپ قاراش ئارقىلىق ئۇ كېسەلدىن قۇتۇلالايدۇ ۋە ئىخلاسنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇئاخىرەتلىك ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئادا قىلالايدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.