ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى ۋاجىپمۇ؟

ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى ۋاجىپمۇ؟

ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى ۋاجىپمۇ؟

  سۇرە نۇردا، ئاياللارنىڭ ئۆز مەھرەملىرىدىن باشقا ئەركىشىنىڭ يېنىدا ئىبدائى زىنەت(زىننەتلىرىنى ئېچىش)تىن مەنئى قىلىنغانلىقىغا دائىر بايانات باردۇر. تۆۋندىكىچە:

وَلَا يُبْدينَ زينَتَهُنَّ اِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ اَوْ ابَائِهِنَّ

«مۆئمىنات ئاياللار، ئېرى ۋە دادىسىغا ئوخشاش مەھرەملىردىن باشقا ناتۇنۇش ئەركىشىلەرگە زىننەتلىرىنى كۆرسەتمىسۇندەپ ئەمىر بۇيىرىلغان.(نۇر:31)

  بۇنىڭغا بىنائەن، زىننەتنىڭ(گۈزەللىكنىڭ) ئەسلى ئەسىرى يۈزدە كۆرۈنگەچكە ۋە يۈزگۈزەللىكنى كۆرسىتىدىغان ئەزا ۋە فىتنىنىڭ ئورنى بولغاچقا(يەنى، باشقىسىنى جەلىپ قىلىش ۋە جەزبىسى بىلەن ئۆزىگە تارتىپ، فىتنىگە چۈشۈرۈشكە سەۋەپ بولىدىغان گۈزەللىكلەر ئەڭ كۆپ يۈزىدە مەۋجۇت بولغاچقا)، يۈزى فىتنىنىڭ يېرىدۇر. ئۇنداق بولسا، مۇسلىمان ئايال، ئۆزىنىڭ يۈزىنى ناتۇنۇش ئەركەكلەرگە قارشى يېپىشقا مەجبۇرىيىتى بار.

  «يۈز ئەۋرەت ئەمەس، ئاچسا بولىدۇ» دېگەن ئالىملار بۇ ھۆكۈمنى شۇ شەرىتلەرگە باغلاپ تۇرۇپ: « ئەگەر فىتنىنى(شەھۋەت) ئويغۇتۇپ قويىدىغان بۇياقئەڭلىك ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش يۈزىنىڭ ئۈستىگە زىنەت مەقسىتى بىلەن قوللىنىلغان بىر نەرسە مەۋجۇت بولمىسا ۋە فىتنىدىن خالى ئەمىن بولغان بولسا (مەسلەن پىرى پانى(قېرى تارتۇق) بولغان بىر ئايالغا ئوخشاش) مۇشۇنداق بىر ھالەتتە يۈزىنى ئاچالايدۇ، بولمىسا فىتنە ئىھتىمالى بولغان تەقدىردە، ئىتتىپاق ھالدا ئايالنىڭ يۈزىنى ئېچىشىھارامدۇر

  شۇنىڭغا بىنائەن، ئەسرىمىزنىڭ فىتنىدىن خالى بولمىغانلىقى خۇسۇسىدا شۈبھە يوقتۇر. يەنى، مۇشۇنداق بۇزۇقچىلىقفۇھشىياتلار كۆپىيىپ كەتكەن ئەسىرىمىزدە، ئايال كىشى يۈزىنى ئوچۇق قويۇپ، ئەر كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرگەن بولسا، ھېچ شەكشۈبىھىسىز فىتنە مەيدانغا كىلىدۇ. ئۇ ھالدا، ئايالنىڭ شەرەپ ۋە ئىپپىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، باشقا ئەزالىرىنى يېپىش مەجبۇرىيىتى بولغىنىدەك، يۈزىنىزۈرۈرى ھاللىرى مۇستەسنايېپىشى ۋاجىپتۇر.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.