ئۈممەتى-دەئۋەت ۋە ئۈممەتى-ئىجابەت دېگەن نېىمە؟

ئۈممەتى-دەئۋەت ۋە ئۈممەتى-ئىجابەت دېگەن نېىمە؟

ئۈممەتىدەئۋەت ۋە ئۈممەتىئىجابەت دېگەن نېىمە؟

كالام ئىستىلاھىدا،ئۈممەت ئىككىگە ئايرىلىدۇ:

  بىرى: “ئۈممەتىئىجابەت بولۇپ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ دەئۋىتىگە ئىجابەت قىلغان مۇسۇلمانلاردۇر.

  يەنە بىرى: “ئۈممەتى –دەئۋەت بولۇپ، دەۋەتكە مۇيەسسەر بولغان لېكىن قوبۇل قىلمىغان كاپىرلاردۇر. بۇ ئۈممەتىدەئۋەت، نىجاتلىققا ئىرىشىشى ئۈچۈن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ دەئۋىتىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتىدىدۇر.

  رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق بايان قىلغاندۇر:

  “مەندىن ئەۋۋەلكى پەيغەمبەرلەر خۇسۇسى شەكلىدە مەلۇم بىر قەۋىمگە پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. مەن بولسام پۈتۈن ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلدىم.” [1] ئۇ ھالدا، پۈتۈن ئىنسانلار (ھەزرىتى مۇھەممەد رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلسىمۇ ياكى قىلمىسمۇ) ئۇنىڭ ئۈممىتىدۇر. قوبۇل قىلمىغانلار ، ئۆز پەيغەمبىرىنى يەنى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى ئىنكار قلىغان ۋە بۇ سەۋەپلىك پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنى، پۈتۈن كىتاپلارنى ۋە ھەتتا ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى، ئىمان بىر كۈلل (پۈتۈنلۈك) دۇر. بىرسىنى ئىنكار قىلىش ، ھەممىسنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ھەق بىر دىندا ئىكەنلىكىنى ۋە ھەقىقى ئەھلىكىتاپ ئىكەنلىكلىرىنى ۋە شۇنداقلا بۇ ئىمانلىرى بىلەن جەننەتكە كېرىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشلىرى ، قۇرئاننى ۋە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ، كۆپلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئوپئوچۇق بايانى، يەھۇدىلەرنىڭ ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ئەھلىنىجات ئەمەسلىكىنى، ئاخىرەت نوقتىسىدا ئەھلىشىرىك ئىكەنلىگنى ئىپادە قىلماقتىدۇر. دېمەك دىنلار ئارىسى دىيالوگدەپ ئېيتىۋاتىقان نەرسىلىرى، مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىتىقادىنى ئىنكار قىلىشقا، يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ئىتىقادىنى قوبۇل قىلىشقا دەئۋەتتۇر.

  ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەنلاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنداق دېگەن:

  “بۇ ئۈممەتتىن بىر يەھۇدى ياكى بىر خىرىستىيان مېنى ئاڭلىغان تۇرۇغلۇق ماڭا ئىمان ئېيتماستىن ئۆلسە، ئۇ چوقۇم جەھەننەم ئەھلىدىن بولىدۇ.”

  ” ھەدىستە يەر ئالغان ئۈممەتتىكى مەقسەت، ئۈممىتىدەئۋەتتۇر. ئۈممىتى–دەئۋەت بولسا، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندىن باشلاپ تاكى قىيامەتكىچە بولغان زامان ئىچىدىكى يارىتىلدىغان پۈتۈن ئىنسانلاردۇر.” [2]

  ھەزىرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنداق دېگەن:

  “مەن بولسام مەن يېتىشكەن كىشىلەرنىڭ ۋە مەندىن كېيىن كەلگەن ھەر كىشىنىڭ پەيغەمبىرى بولىمەن.” [3]

————————————————-

[1] مۇسلىم، بۇخارى، نەسائى، تېرمىزى.

[2] ئەتتاج، جىلت.1، 25.

[3] جامىئۇسسەغىر.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.