ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى نىمە؟

ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى نىمە؟

تۆتىنچى نۇقتا:

  ئىمان ئىنساننى ئىنسان قىلىدۇ، ھەتتا ئىنساننى سۇلتان قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ئىمان ۋە دۇئادۇر. كۇفۇر ئىنساننى ناھايىتى ئاجىز بىر يىرتقۇچ ھايۋان قىلىدۇ.

  شۇ مەسىلىنىڭ مىڭلارچە دەلىللىرىدىن پەقەت ھايۋان ۋە ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى پەرقلەر ئۇ مەسىلىگە ئوچۇق ۋە قەتئىي دەلىلدۇر.

  شۇنداق، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمان بىلەن ئىنسانىيەت بولىدىغانلىقىنى ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى پەرقلىرى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ھايۋان دۇنياغا كەلگەن ۋاقىت خۇددى باشقا بىر ئالەمدە يېتىشىپ كەلگەندەك، قابىلىيىتىگە قارىتا مۇكەممەل بولۇپ كېلىدۇ. يەنى ئەۋەتىلىدۇ. يا ئىككى سائەت يا ئىككى كۈن ۋە ياكى ئىككى ئاي ئىچىدىلا پۈتۈن ھايات شارائىتلىرىنى، دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە ھاياتىي قانۇنلىرىنى ئۆگىنىدۇ. تېزلا ماھارەت ئىگىسى بولۇپ قالىدۇ. ئىنساننىڭ يىگىرمە يىلدا ئېرىشكەن ھاياتىي ئىقتىدارىغا ۋە ياشاش مەلىكىسىگە (ماھارىتىگە) قۇشقاچ ۋە ھەرىدەك بىر ھايۋان يىگىرمە كۈندە ئىگە بولالايدۇ. يەنى، ئۇنىڭغا ئىلھام قىلىنىدۇ. دېمەك ھايۋاننىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى، ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇكەممەللىشىش ئەمەس ۋە ياكى ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مەدەت تىلەش ۋە دۇئا قىلىش ئەمەس، بەلكى قابىلىيىتىگە يارىشا ئەمەل قىلىش، پېئىلىي(ھەرىكەت) ئىبادەتتە بولۇشتۇر.

  ئىنسان بولسا دۇنياغا كېلىشىدە ھەر نەرسىنى ئۆگىنىشكە مۇھتاج ۋە ھايات قانۇنلىرىغا قارىتا نادان بولۇپ، ھەتتا يىگىرمە يىلدىمۇ تامامەن ھايات شارائىتلىرىنى ئۆگىنەلمەيدۇ. بەلكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆگىنىشكە مۇھتاج. ھەم ئىنتايىن ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىز بىر شەكىلدە دۇنياغا ئەۋەتىلىپ بىرئىككى يىلدا ئاران ئورنىدىن تۇرالايدۇ. ئون بەش يىلدا ئاران زىيان ۋە مەنپەئەتنى پەرق قىلىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ياردىمى بىلەن ئاران مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىپ زىيانلاردىن ساقلىنالايدۇ. دېمەككى، ئىنساننىڭ يارىتىلىش ۋەزىپىسى، ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇكەممەللىشىش، دۇئا ئارقىلىق ئىبادەت قىلىشتۇر. يەنى، «كىمنىڭ مەرھىمىتى بىلەن مۇنچە ھىكمەتلىك ھالدا باشقۇرىلىۋاتىمەن؟ كىمنىڭ ئىنايىتى بىلەن مۇنچە شەپقەتلىك ھالدا ئۆسۈۋاتىمەن؟ قانداق بىرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن مۇنچە نازۇك ھالدا بېقىلىۋاتىمەن ۋە ئىدارە قىلىنىۋاتىمەن؟» دەپ تەپەككۇر قىلىشتۇر. ھەمدە مىڭدىن بىرىسىگىمۇ قولى يېتىشمىگەن ھاجەتلىرىنى بىلىپ، پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلىگۈچى ﷲقا ئاجىزلىق ۋە مۇھتاجلىق تىلى ئارقىلىق يالۋۇرۇشتۇر، تىلەش ۋە دۇئا قىلىشتۇر. يەنى، ئاجىزلىق ۋە مۇھتاجلىقنىڭ قاناتلىرى بىلەن ئىبادەتنىڭ ئالى دەرىجىلىرىگە ئۇچۇشتۇر.

  دېمەك، ئىنسان بۇ ئالەمگە ئىلىم ۋە دۇئا ۋاستىسى ئارقىلىق مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن كەلگەندۇر. ماھىيەت ۋە قابىلىيەت ئېتىبارى بويىچە ھەر نەرسە ئىلىمگە باغلىق بولۇپ، بارلىق ھەقىقىي ئىلىملەرنىڭ ئاساسى، بۇلىقى، نۇرى ۋە روھى مەرىفەتۇللاھتۇر.(ﷲنىڭ ئىسىمسۈپەتلىرىنى بىلىشتۇر.) ئۇنىڭمۇ ئاساسى ئۇلى ﷲقا ئىماندۇر.

  ھەم ئىنسان چەكسىز ئاجىزلىقى بىلەن بىرگە، چەكسىز قايغۇبالالارغا دۇچار ۋە چەكسىز دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا مۇپتىلاۋە چەكسىز مۇھتاجلىقى بىلەن بىرگە، چەكسىز ھاجەتلەرگە ۋە چەكسىز ئارزۇلارغا گىرىپتار بولغانلىقتىن، يارىتىلىشتىكى ھەقىقىي ۋەزىپىسى ئىماندىن كېيىن دۇئادۇر. دۇئا بولسا ئىبادەتنىڭ ئاساسىدۇر.

  بىر بالا قولى يېتىشمىگەن بىر مەقسىدى ياكى بىر ئارزۇسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يا يىغلايدۇ، يا سورايدۇ. يەنى، يا ھەرىكىتىنىڭ يا سۆزىنىڭ ئاجىزلىق تىلى بىلەن بىر دۇئا قىلىدۇ، مەقسىتىگە يېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانمۇ بارلىق جانلىقلار ئالەمى ئىچىدە نازۇك ۋە نازلىق بىر بالا ھۆكمىدىدۇر. شۇڭا ئىنسان، ئارزۇسىنىڭ قولىغا بېرىلىشى ۋە تەلىپىنىڭ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدۇرۇلغانلىقىنىڭ شۈكرىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن، رەھمانىررەھىم بولغان ﷲنىڭ دەرگاھىدا يا قۇۋۋەتسىزلىكى ۋە ئاجىزلىقى بىلەن يىغلاش، ياكى ھاجەتمەنلىكى ۋە مۇھتاجلىقى بىلەن دۇئا قىلىشى كېرەك. بولمىسا بىر پاشىدىن ۋايجانلىغان ئەخمەق ۋە كەپسىز بالىغا ئوخشاش: «مەن قۇۋۋىتىم بىلەن، بۇ ئىتائەت قىلدۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ياكى ئۆز قۇۋۋىتىمدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئاجايىپ نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتىمەن، ئەقىل ۋە تەدبىرىم ئارقىلىق ئۆزۈمگە باش ئەگدۈرۈۋاتىمەندەپ نىمەتلەرنى بىلمەستىن تۇزكورلۇق قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىش ماھىيىتىگە زىت بولغاندەك، مۇنداقلار شىددەتلىك بىر ئازاپقا ئۆزىنى لايىق قىلىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.