مەنىدار بىر ئەسلىمە

مەنىدار بىر ئەسلىمە

ئەمىرتاغنىڭ مەنىدار بىر ئەسلىمىسى

  بەش يىلدىن بېرى ھاۋالىنىش ئۈچۈن ئەمىرتېغىنىڭ ئەتراپىدا ئات ھارۋىسى بىلەن كېزەتتىم. كۆپ قېتىم ھارۋىدا كېتىۋاتقىنىمدا، ئاجايىپ بىر تەرزدە، بىر ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان ئۇششاق بالىلار، ئاتائانىسىغا قارىتا كۆرسەتكەن يېقىنلىقتىنمۇ زىيادە بىر ئىشتىياق بىلەن ھارۋامغا ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ قولۇمغا ئېسىلىۋالاتتى. ھەتتا بىر قېتىم ھارۋىنىڭ ئاستىغا يىقىلىپ چۈشۈشكەن تۇرۇپ، ھەيران قالارلىق بىر تەرزدە زىيان كۆرمەي قۇتۇلۇشتى.

  مېنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان، تونۇمايدىغان بىرئىككى ياشتىكى ياكى ئۈچكە كىرگەن بالىلار يالاڭئاياغ، تىكەنلەر ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ ھارۋىغا يېتىشىۋالاتتى. چوڭ ئادەملەردەك سالام قىلىپ، «قولىڭىزنى سۆيەيلى» دەيتتى. بۇ ئەھۋالغا ھەم مەن، ھەم قېرىنداشلىرىم ۋە بۇنى كۆرگەنلەر ھەيران قالاتتۇق. بۇ ئەھۋال بىر مەھەللىدىلا ئەمەس، ھەر تەرەپتە، ھەتتا قىشلاقلاردىمۇ شۇنداق داۋام قىلاتتى.

  مېنى ئالدىمايدىغان بىر ھەقىقەتلىك ئەسلىمە بىلەن، مەن ۋە قېرىنداشلىرىم شۇنداق قانائەت ھاسىل قىلدۇقكى، بۇ مەسۇم (گۇناھسىز) تائىپىنىڭ مەسۇملۇقلىرى جەھەتتە، «فىترىي ئۈندىلىش» دېيىلگەن بىر ئالدىن سېزىش ھېسسى ئارقىلىق، رىسالەئى نۇرنىڭ بۇ مەملىكەتتە مەسۇم بالىلارغا ۋە ئۆزلىرىگە كۆپ مەنپەئەتى بولىدىغانلىقىنى ئەقىل ۋە پىكىرلىرى ئىدراك قىلمىسىمۇ، شۇ مەسۇملارچە ھېس بىلەن، رىسالەئى نۇر ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋاستىچىسىغا ئۆز ئانىلىرىغا يالۋۇرغاندىنمۇ بەكرەك بىر ئىشتىياق بىلەن يۈگۈرۈشكەن.

  بىزمۇ ئالدىن سېزىش ھېسسى بىلەن ھېس قىلىۋاتىمىزكى، كېيىنچە بۇ مەسۇم كىچىك بالىلار ئارىسىدىن چوڭ نۇر تالىپلىرى چىقىدۇ ۋە كېيىنچە نۇرنىڭ خاس شاگىرتلىرىدىن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ خىل ھالەتنى كۆرسەتمەكتە.

  مەنمۇ مۇشۇنداق كىچىك مەسۇملارنى، دۇنيادا ئەۋلادىم بولمىغانلىقتىنمەنىۋىي ئەۋلادلىرىم بىلىپ دۇئالىرىمغا ھەممىسىنى داخىل قىلدىم. ھەر كۈنى سەھەردە ئۇلارنىمۇ نۇر تالىپلىرى بىلەن بىر قاتاردا دۇئالىرىمدا ياد ئېتىۋاتىمەن.

  ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر مەسۇمنى، قىرىق ياشتىكى بىپەرۋا بىر ئادەمدىن ئۈستۈن كۆرۈشۈمدىكى سەۋەب، بۇلار گۇناھسىز بولغانلىقتىن ۋە سەمىمىي بىر يېقىنلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئۈندەۋاتقان بىر ھەقىقەت بار دەپ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ سالاملىرىنى، چوڭلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغاندەك ئىلىك ئېلىۋاتىمەن.

  ھەم ئۇلارنىڭ مەسۇملۇقى، ھەمدە كېيىنچە ھەقىقىي رىسالەئى نۇر تالىبىسى بولىدىغانلىقىغا بىنائەن، ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان دۇئالىرىنى مەقبۇل بولىدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇلارغا دەيتتىم: «مادام سىلەر مېنىڭ مەنىۋى ئەۋلادىم بولدۇڭلار، مەن سىلەرگە دۇئا قىلىۋاتىمەن. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ماڭا قىلغان دۇئايىڭلار ئىنشائاللاھ مەقبۇلدۇر. كېسىلىم ئۈچۈن سىلەرمۇ ماڭا دۇئا قىلىڭلار

  مەن ۋە يېنىمدىكى قېرىنداشلىرىم كۈچلۈك بىر ئېھتىمال بىلەن قانائەت ھاسىل قىلدۇقكى، ماسون ۋە دىنسىزلارنىڭ پىلانى بىلەن، ياشلارنى بولشېۋىزىم تەرزىدە تەربىيەلەش ئۈچۈن، بىر چاغلاردا بەزى مەكتەپلەر ئېچىلغانلىقى، ھەمدە كېيىن ئۆزگەرگەن بۇ مەكتەپلەردە ياشلارنى بۇزۇشقا تىرىشقانلىقلىرىغا قارشى، ئىسلامىيەتنىڭ قەھرىمان بايراقدارى بولغان تۈرك خەلقىنىڭ مەسۇم كىچىك بالىلىرى، نۇرانىي بىر ئويغىنىش ۋە ئالدىن سېزىش ھېسسى بىلەن نۇرلاردىن دەرس ئېلىشى، ياشلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاشۇ بالاغا قارشى بىر جاۋابتۇر. ھەمدە ئىنشائاللاھ، بۇ ئۇ بالىلارنىڭ ھەم ئۆزلىرى، ھەم ياشلار ماسونلار، دىنسىزلار ۋە دەھرىيلەرنىڭ يامانلىقلىرىدىن قۇتۇلىدىغانلىقىغا بىر ئىشارەتتۇركى، بۇ ئاجايىپ ئەھۋالنى كۆرسەتمەكتە.

سەئىد نۇرسى

شۇنداق، بۇ ۋەزىيەتنى بىزمۇ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرىۋاتىمىز.

ئۇستازنىڭ خىزمىتىنى قىلغان نۇر تالىپلىرى


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.