قىيامەتلىك ھەمشىرىلەر: ئاسىمە، فاتىمە، لەمان، ئائىشە، نائىلە

قىيامەتلىك ھەمشىرىلەر: ئاسىمە، فاتىمە، لەمان، ئائىشە، نائىلە

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ

  ئەي قەلبىمىزدە ئىپادىلىگۈسىز چەكسىز مۇھەببەتلىرىمىز بولغان بەكمۇ مۆھتىرەم، بەكمۇ ئەزىز، بەكمۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!

  كىرىشكە مۇشەررەپ بولغان رامىزانى شەرىفىڭىزنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. قۇسۇرلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىپ، بىز بىچارىلەرنى نۇر تالىپلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز.

  ئەي روھىمىزنىڭ ئوزۇقى ۋە قەلبىمىزنىڭ ئەبەدىي ئۆچمەس مەشئىلى، ماددىي ۋە مەنىۋىي دەرتلىرىمىزنىڭ دەرمانى! ئەي قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ بۈيۈك، پارلاق ۋە ساپ نۇرىدىن ئېتىلىپ چىققان، ھەمدە بارچە ئىنسانىيەت ئالىمىنى يورۇتۇش قۇۋۋىتىگە ساھىب بولغان يۈكسەك ئەسەرنىڭ تەرجىمانى بولغان ئۇستازىمىز!

  سەن ئىنسانلارنى ﷲ ۋە رەسۇلۇللاھ يولىغا يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت ھەقىقىتىنى ئەقىل ۋە ئىدراك ساھىبى بولغان ھەربىر ياشقا ۋە ياشانغانغا، ئاۋامغا ۋە ئالىملارغا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان ۋە بۇنىڭدا مۇۋەپپەق بولغان بىر ئىمان خادىمىسەن.

  مانا بۇ جەھەتتىن، بۇ ئەسىردە قۇرئانى كەرىمنىڭ بىر مەنىۋىي مۆجىزىسى بولغان رىسالەئى نۇرغا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز ۋە بارلىقىمىز بىلەن ئېسىلىۋاتىمىز، ھۆرمەت، تەبرىك ۋە ئىھتىرام كۆرسىتىۋاتىمىز. بىزنىڭ رىسالەئى نۇرغا بولغان بۇ باغلىنىشىمىزنى ئۈزەلەيدىغان ھېچقانداق كۈچ يوق. ھەتتا بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ مۇمكىنسىزدۇر. چۈنكى ئۇ كۆڭۈللەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىمانىي بىر باغلىنىشتۇر. بىز سىزنىڭ ۋە رىسالەئى نۇرنىڭ يولىدىن ئەسلا ئايرىلمايمىز. ھەمدە بۇ ئوخشىشى يوق نۇردىن داۋاملىق پايدىلىنىمىز، ئىنشائاللاھچۈنكى ئۇ، يەر يۈزىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولمىغان قۇرئاننىڭ بىر ئىمان دەرسى ۋە بىر تەۋھىد خەزىنىسىدۇر. دېمەككى بىز، بىزگە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ھەدىيە قىلغان سىزدەك مۇبارەك ۋە ئەزىز ئۇستازىمىزغا ئەبەدىي قەرزدار ۋە مىننەتدارمىز.

ئەي مۇبارەك ۋە تولىمۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!

  بىز ئۆزىمىز مەنسۇپ بولغان مۇقەددەس دىنىمىز ھەققىدە يېتەرلىك دەرىجىدە بىلىم ئېلىشىمىز، ھەمدە ئىستىقبالىمىزنى ۋە ئەبەدىي سائادىتىمىزنى تەمىن قىلالىشىمىز ئۈچۈن، دىنىي بىر ئەسەر، بولۇپمۇ بۇ ئەسىرنىڭ ئازغۇنلىشىپ كەتكەن ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن قىيىنلاشقان، كۇفۇرلۇق ۋە ئەخلاقسىز جەريانلىرىدىن قۇتقۇزىدىغان نۇرلۇق ۋە پارلاق بىر ئەسەر ئىزدەيتتۇق. ئاخىرى جانابى ھەقنىڭ ئىلتىپات ۋە ئىنايىتى بىلەن بىزگە ئېھسان قىلىنغان رىسالەئى نۇرنى تاپتۇق ۋە ئوقۇدۇق. ئۇنىڭدىكى مەنىۋى لەززەتنى ھېچبىر تەفسىردە مەۋجۇد بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ بىر ھەيران قالارلىق ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلدۇق. چۈنكى رىسالەئى نۇر، قارايغان قەلبلەرنى نۇرى بىلەن يورۇتقان ۋە بىز بىچارىلەرنى زۇلمەتتىن نۇرغا، زالالەتتىن ھەقىقەتكە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەت ۋە سالامەتكە ئېرىشتۈرىدىغان كامىل بىر مۇرشىد (رەھبەر) ۋە بۈيۈك بىر تەربىيەچىدۇر.

  بىز ئاجىزلارنى مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇش شەرىپىگە نائىل قىلغان جانابى ھەقكە مىڭلارچە، يۇز مىڭلارچە مەرتە ھەمدۇسەنا ئېيتىمىز. پۈتۈن دۇنيا ئەسىرلەردىن بېرى كۈتكەن ۋە نۇرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن جان بەرگەن، ئەمما مۇۋەپپەق بولالمىغان مۇشۇنداق بىر ئىلىم خەزىنىسىنى ئوقۇشنى بىزلەرگە نېسىپ قىلغان ئۇلۇغ خالىقىمىزغا شۈكرانە ئۈچۈن ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بېشىمىزنى سەجدىدىن كۆتۈرمىسەك لايىقتۇر. تىلىكىمىز شۇكى، جانابى ھەق بىزلەرنى رىسالەئى نۇردىن ۋە سۆيۈملۈك ئۇستازىمىزدىن مەڭگۈ ئايرىمىسۇن. ئامىن، ئامىن، ئامىن

ئەي قەدىرلىك ئۇستازىمىز!

  سىز قۇرئان ۋە ئىمان خىزمىتى ئۈچۈن ھەر نەرسىڭىزنى پىدا قىلدىڭىز. سىز دۇچ كەلگەن شۇ قەدەر شىددەتلىك زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىلەرگە، ھەمدە سىز گىرىپتار بولغان شۇنچە كۆپ بالامۇسىبەتلەرگە، ناھايەت دەرىجىدە سەبىر ۋە چىدامچانلىق كۆرسەتتىڭىز. دىن ۋە ئىسلامىيەت دۈشمەنلىرىنىڭ شىددەتلىك تەرزدە بېسىملىرىغا قارىماي، ۋەزىپىڭىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمىدىڭىز. سوت مەھكىمىلىرىدە قەلبىڭىزدە ھېچبىر قورقۇش ھېس قىلماستىن، ئىسلامىيەتنى پەرۋاسىزلارچە مۇداپىئە قىلدىڭىز. شۇنداق قىلىش بىلەن مانا مۇشۇنداق ئالىي، ئىككى دۇنيا سائادىتىگە كۇپايە ۋە يېتەرلىك بولغان ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردىڭىز ۋە بەكمۇ بۈيۈك بىر ئىمان داھىيسى بولدىڭىز. ھەمدە بۇ تەرزدە سىز، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئاخىرقى بىر قېتىم، ھەق دىننى پۈتۈن ئۇلۇغلىقى ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن، بارلىق قۇۋۋەت ۋە پارلاقلىقى بىلەن تونۇتۇش، يېيىش ۋە تەبلىغ قىلىشتەك مۇقەددەس ۋەزىپە بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلىكىڭىزنى ئېلان قىلدىڭىز. بۇ جىھادىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!..

  بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا، شەپقەتنىڭ چوققىسىغا چىقتىڭىز. بىر نەچچە بىچارىنىڭ جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن، جەھەننەمگە كىرىشكە ھازىر ئىكەنلىكىڭىزنى پۈتۈن قۇۋۋىتىڭىز بىلەن سۆزلەپ، دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە ئېنگىزىسيونلارنىڭ* زۇلۇملىرىدىنمۇ قاتمۇقات ئېشىپ چۈشىدىغان دەرىجىدىكى ئەشەددىي زۇلۇم ۋە بالالارغا سەبىر ۋە غەيرەت كۆرسىتىپ بۇنى ئىسپاتلىدىڭىز.

  سىزنىڭ رىسالەئى نۇردىكى شۇ تەسىرچان سۆزلىرىڭىز روھىمىز، ئىرادىمىز ۋە ئەخلاقىمىزدا زور ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكتە. بولۇپمۇ ئۇ رىسالىلەرنىڭ شاھى بولغان «سۆزلەر» مەجمۇئەسى تەكرارتەكرار ئوقۇلۇشقا ۋە ئوقۇتۇشقا لايىقتۇر. ھەمدە بۇنداق بىر ئەسەرنىڭ، كۆپلىگەن مۇتەپەككۇر ۋە چوڭ ئۆلىمالارنىڭمۇ قولىدىن ياكى تىلىدىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى سۆزلەشنىڭ، ھەرگىزمۇ مۇبالىغە بولمايدىغانلىقىغا قانائەت ھاسىل قىلدۇق. رىسالەئى نۇر، ھەممىدىن ئاۋۋال ئىنسانلارغا بىر ئىبرەت دەرسىنى بېرىدۇ. ئاخىرەت پىكرىنى، ھېسابكىتاب ھېسسىنى ئويغىتىدۇ. دۇنيادا تۇرۇپلا، ئەھلى سائادەت ۋە ئەھلى زالالەتنىڭ مەنزىللىرىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

  بىزلەرمۇ رىسالەئى نۇردىكى بۇ دەرسلەرنىڭ تەسىرى بىلەن، فانىي ھاياتنىڭ ئەندىشىلىرىنى ھېس قىلمىغۇدەك دەرىجىگە كېلىۋاتىمىز. ھەمدە ئۇنى ئوقۇش ئارقىلىق ﷲنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىشىمىزگە، ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ (ئە.س.ۋ) شاپائىتى ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ۋەكىلى، شۇنداقلا ھەقىقىي تەرجىمانى بولغان سىز مۇبارەك ئۇستازىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن سائادەتمەنلەردىن بولىشىمىزغا كۈچلۈك دەرىجىدە ئىشەنمەكتىمىز. ھەمدە ھاياتىمىزدا ئاخىرقى نەپەسلىرىمىزگە قەدەر، بۇ يولدا ھەر نەرسىمىزنى پىدا قىلىمىز. ھەمدە دۇچار بولغان ھەر پېشكەلنى ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن، ئۇستازىمىزنىڭ ھىممىتى بىلەن يېڭىمىز. ھەمدە بىزنى بۇ يولدىن قايتۇرۇشنى خالىغان غاپىللارغا ئەسلا قۇلاق سالمايمىز، ئىنشائاللاھ.

ئەي سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!

  بىز سىزنىڭ ۋە رىسالەئى نۇرنىڭ قىممىتىنىڭ بىر زەررىسىنى مەدھىيىلەشكىمۇ قادىر ئەمەسمىز. رىسالەئى نۇرنى ۋە سىزنى، قۇۋۋەتلىك تالىپلىرىڭىز جۇشقۇن سۆزلىرى بىلەن، ھارارەتلىك ئىشقلىرى بىلەن مەدھىيىلەپ كۈيلىمەكتىدۇر. بىز بولساق، ئۇلارنىڭ ئاياقلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن سۆرىلىپ تاكى ھۇزۇرىڭىزغىچە چىقالىشىمىز ئۈچۈن، مۇشۇنداق ئاجىز تىلىمىز بىلەن بۇلارنى سىزگە يازدۇق. شۇ ھەقىقەت شېھىتلىرى بولغان ھافىز ئەلى ۋە ھەسەن فەيزىنىڭ (رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىم) خاتىرىسى ئۈچۈن، بىزنىڭ بۇ جۈرئىتىمىزنى ياقتۇرىشىڭىزنى سىزدىن سورايمىز.

اَلْبَاقِى هُوَ الْبَاقِى

ئىزمىر، مانىسا ۋە ئەتراپىدىكى ئەۋلادلىرىڭىز ۋە قىيامەتلىك ھەمشىرىلىرىڭىز نامىدىن:

ئاسىمە، فاتىمە، لەمان، ئائىشە، نائىلە

(خانىمقىزلار رەھبىرىگە ئىلاۋە قىلىنىدۇ.)

  (ئۇستازىمىزغا، رامىزانى شەرىفىنى مۇبارەكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان؛ ئىزمىر، مانىسا ۋە ئەتراپىدىكى رىسالەئى نۇرنىڭ ئالاھىدە تەسىرىنىڭ ۋە خىزمەتتىكى راۋاجىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا خانىمقىزلار ئارىسىدىكى ياخشى تەسىرىنىڭ بىر مىسالى بولغان بۇ مەكتۇپ، ئەينەن ئىستانبۇلدىكى رىسالەئى نۇر ئوقۇغۇچى ئاياللارنىڭ يازغان مەكتۇبىغا ئوخشاش؛ ئىزمىر، مانىسا ۋە ئەتراپىدا مەرھۇم ھافىز ئەلى، ھەسەن فەيزى ۋە خەلىل ئىبراھىم (رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىم) كەبىئاياللار ئارىسىدىنمۇ خالىس نۇر قەھرىمانلىرى چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.)

————————————————-

*ئېنگىزىسيون: ئوتتۇرا ئەسىردىكى كاتولىك خرىستىئانلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادىغا قارشى چىققانلارنى جازالايدىغان زۇلۇمكار مەھكىمىسىنىڭ ئىسمى.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.