ئەي سىڭلىم يۈزىڭىزنى نامەھرەمگە كۆرسەتمەڭ

ئەي سىڭلىم يۈزىڭىزنى نامەھرەمگە كۆرسەتمەڭ

ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دائىر ئالىملارنىڭ كۆرۈشلىرى قانداق؟

ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دائىر ئالىملارنىڭ كۆرۈشلىرى:

  ئەۋۋەلا: ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزى جانابى ھەقنىڭ «يُدْن۪ينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَاب۪يبِهِنَّۜ » ئايىتىنى شۇنداق تەپسىر قىلغانىكەن: «يەنى باشلىرىنى ۋە يۈزلىرىنى ياپسۇن، تاكى ھۆر ئىكەنلىكى بىلىنسۇن ۋە تەھلىكلىلەرگە(خەتەر ۋە يامانلىقلارغا) دۇچار بولمىسۇن« جىلباپ »تىن مۇرات:- ئىبنى قۇتەيبە دېگەن ئىكەن: «ئەل ئەردىيەت(يەنى كافتان، چارشاپ) دېگەنلىكتۇر(زادۇل مەسىر، 6-جىلىت(ج)،422-ساھىپە(س).)

  ئىككىنچىسى: ئەبۇ ھەييان، «بەھرى مۇھىت» ئاتلىق تەپسىرىدە شۇنداق دېگەنىكەن: « قەۋلى ئىلاھى(ئاللاھنىڭ سۆزى) «يُدْن۪ينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَاب۪يبِهِنَّۜ » دىكى مۇراتئايال كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە شامىل(يەنى پۈتۈن بەدىنىنىۋۇجۇدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)بولىدۇ. يەنى ئايال كىشى جىلباپلىرى بىلەن باشتىن ئاياققىچە پۈتۈن بەدەنلىرىنى ياپسۇن دېگەنلىكتۇر.» «عَلَيْهِنَّ» قەۋلىدىن(كەلىمىسىدىن) مۇرات:-يەنى يۈزلىرى ئۈستىگە چارشاپلىرىنى ياپسۇن دېگەنلىكتۇر. چۈنكى جاھىلىيەت دەۋرىدە ئايال كىشىلەرنىڭ ئوچۇق تەرىپى پەقەتلا يۈز قىسمى ئىدى.(يەنى يۈزىدىن سىرىت باشقا ئەزالىرى يېپىلغان بولۇش بىلەن بىرگە يۈزلىرىگە دىققەت قىلماي ئوچۇق قويغانلىقى ئۈچۈن، جانابى ھەق يۈزلىرىنىمۇ ياپسۇن دەپ ئەمىر قىلغان.(ئەل بەھرۇل مۇھىت،ج:7، س:250.)

  ئۈچىنچىسى: ئەبۇس سۇئۇد شۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئايەتنىڭ مەنىسى، ئايال كىشىنىڭ ھەر قانداق بىر ئىھتىياجى ئۈچۈن سىرىتقا ۋە كوچىغا چىققاندا جىلباپ دېيىلگەن چارشاپى بىلەن يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ پۈتۈنلەي ھەممىسىنى ياپسۇن دېگەنلىكتۇر. ئەس سۇئۇد دېگەن ئىكەن: ’ ئايال كىشى بىر كۆزىنى ۋە پىشانىسىنى ۋە يۈزىنىىڭ بىر تەرىپىنى ياپىدۇ، پەقەت ۋە پەقەت بىرلا كۆزىنى ئوچۇق قويالايدۇ.‘»(تەپسىرۇ ئەبىس سۇئۇد،ج:6،س:80)

  تۆتىنچىسى: جاسساس نامىنى ئالغان مەشھۇر بولغان ئەبۇ بەكىر ئەر رازى دېگەنىكەن: «يُدْن۪ينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَاب۪يبِهِنَّۜ » بۇ ئايەتى جەلىلىدە شۇنداق بىر دالالەت باردۇركى: ياش ئاياللار(پىرى پانى(قېرى تارتۇق) بولمىغان ئاياللار) سىرىتقا چىققان ۋاقىتلىرىدا، نامەھرەم ئەركىشىلەرگە(ئېرى ۋە مەھرىمى بولمىغان ئەركىشلەرگە) قارشى يۈزلىرىنى يېپىش بىلەن مۇكەللەپ بولىدۇ يەنى ۋەزىپىداردۇر. مۇشۇنداق قىلىپ تەسەتتۈرگە رىئايەت قىلىش ئارقىلىقلا ئىپپىەتلىرىنى ساقلىشى كىرەك. تاكى بۇزۇق ئەركىشىلەرنىڭ شەررىدىن ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىش مەقسىتىگە ئېرىشسۇن.(ئەھكامۇل قۇرئان،ج:3،س:372)

  بەشىنچىسى: تەپسىرى جەلالىيىندە شۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «جەلابىب» جىلباپ كەلىمىسىنىڭ جەمئىسىدۇر. جىلباپ بولسا مۇلائەت(يەنى چار ۋە چارشاپ) دېيىلىدىغان بىر يېپىنچا بولۇپ، ئايال كىشى ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ياپىدۇ.

  ئىبنى ئابباس(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دېگەن ئىكەن: «مۆئمىنلەرنىڭ ئاياللىرى، ھىجاپ ئايىتىدىن كىيىن باشلىرىنى ۋە يۈزلىرىنى جىلباپلىرى بىلەن يېپىشقا ئەمىر قىلىندى. پەقەت بىرلا كۆزىنى ئوچۇق قويۇشتى، تاكى بۇ تەسەتتۈرلىرى سايىسىدا ھۆر ئىكەنلىكى بىلىنسۇن ۋە ئەركىشىلەرنىڭ شەررىدىن مەھپۇز قالسۇن يەنى ئامان قالسۇن.» (تەپسىرۇل جەلالىيىن)

    ئالتىنچىسى: تەپسىرى تابەرىدە بولسا شۇنداق بىر چۈشەندۈرۈش بار ئىكەن: «ئىبنى سىيرىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغاندۇر: ’’يُدْن۪ينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَاب۪يبِهِنَّۜ ‘‘ ئايىتى ھەققىدە ئۇبەيدە ئەس سەلمانىدىن سورىدىم، شۇنداق چۈشەندۈرۈش بەرگەن ئىدى: ’’ئۈستىگە يېپىۋالغان مىلھاپىنى(يەنى، چار ۋە چارشاپ يەنى كافتاننى)كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن باشتىن ئاياققىچە پۈتۈن بەدىنىنى ۋە پۈتۈن يۈزىنى ياپتى. يالغۇز يۈزدىكى يېپىنچىنىڭ سول تەرىپىدىن سول كۆزىنى سىرتىغا چىقارىتتى، يەنى بېشىنى ۋە يۈزىنى پۈتۈنلەي يېپىپ پەقەتلا سول كۆزىنى ئوچۇق قويدى.‘‘ » (ئىبنى سىيرىن بۇ شەكىلدە ئايەتى كەرىمىدە تىلغا ئېلىنغان تەسەتتۈرنىڭ شەكلىكىيىنىلىشىنى تەرىپلەپ بىرىشنى خالىغان.)(تەپسىرى تابەرى)

  يەتتىنچىسى: ئىبنى ئابباس(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئەھزاپ سۇرىسى59-ئايەتى كەرىمىسى ھەققىدە شۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇ پۈتۈن مۆئمىنلەرنىڭ خانىملىرىغا ئىھتىياجلىرى ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىققاندا، باشلىرىنىڭ ئۈستىدىن جىلباپلىرىنى چۈشۈرۈپ ئورۇنۇپ، يۈزىنى قۇشۇپ بىر كۆزىدىن باشقا ھەممە يىرىنى يېپىشنى ئەمىر قىلدۇ

  ئۈممۈ سەلەمە رەزىيەنلاھۇ ئەنھۇدىن شۇنداق دېگىنىكەن: « بۇ ئايەتى كەرىمە نازىل بولىشى ھامان، ئەنسارى ئاياللىرى ئۆيلىرىدىن چىققاندا باشلىرىدا قارا يېپنجىسى بىلەن ئورىنىپ چىققان ئىدى. گوياكى باشلىرى ئۈستىدە قارا قاغىلار بار ئىدى

  سەئىد بىن جۈبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «جىلباپلىرىنى ئۈسىتى بېشىغا ياپسۇن» ئايىتىنى شۇنداق چۈشەندۈرگەن ئىكەن: «يەنى نۇرمال باش ياغلىقىدىن باشقا چارشاپ(بىر پارچە رەخىت) بىلەن ئورۇنسۇن. مۇسۇلمان بىر ئايالغا باش ياغلىقىدىن باشقا جىلباپ(چارشاپ) كەيمەستىن نامەھرەم بىرسىنىڭ قارىشى ھالال ئەمەستۇر. نۇرمال باش ياغلىقىدىن باشقا جىلباپ بىلەن يۆگىنىپ ھەم بېشىنى، ھەمدە كۆكسىنى مەھكەم ياپقاندىن كېيىن ئاندىن نامەھرەم ئەركەكلەر ئايال كىشىنى كۆرەلەيدۇ.»( تەپسىرۇ ئىبنى ئەبى خاتىم،ج:10،س:3145)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.