بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم سىرىغا ئائىت

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم سىرىغا ئائىت

ئون تۆتىنچى لەمئانىڭ ئىككىنچى ماقامى

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

نىڭ مىڭلارچە سىرلىرىدىن ئالتە سىرىغا دائىردۇر.

ئەسكەرتىش:

  «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»نىڭ رەھمەت نۇقتىنەزىرىدىكى پارلاق بىر نۇرى، خۈنۈك ئەقلىمگە ئۇزاقتىن كۆرۈندى. ئۇنى ئۆز نەفسىم ئۈچۈن ئىشارەت سۈرىتىدە يېزىپ قويۇشنى خالىدىم. يىگىرمە–ئوتتۇز سىرلار ئارقىلىق ئۇ نۇرنىڭ ئەتراپىنى بىر دائىرە ئىچىگە ئېلىپ مۇھاسىرە قىلىش ۋە قولغا چۈشۈرۈشنى پىلانلىدىم. بىراق ئەپسۇس، ھازىرچە ئۇ ئارزۇيۇمغا دەل مۇۋەپپەق بولالمىدىم. يىگىرمەئوتتۇزدىن بەشئالتىغا چۈشۈپ قالدى.

   «ئەي ئىنساندېگەن ۋاقتىمدا، نەفسىمنى كۆزدە تۇتىمەن. بۇ دەرس ئۆز نەفسىمگە خاس بولسىمۇ، روھانىي جەھەتتىن مەن بىلەن مۇناسىۋەتدار بولغان ۋە نەفسى مېنىڭ نەفسىمدىن تېخىمۇ ھۇشيار بولغان زاتلارغا بەلكىم بىر پايدىسى بولار، دېگەن نىيەت بىلەن «ئون تۆتىنچى لەمئانىڭ ئىككىنچى ماقامى» بولۇپ يەر ئېلىشىنى دىققەتلىك قېرىنداشلىرىمغا ھاۋالە قىلىمەن. بۇ دەرس ئەقىلدىن كۆپرەك قەلبكە قارايدۇ. دەلىلدىن كۆپرەك زوققا قارايدۇ.

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿قَالَتْ يَا اَيُّهَا الْمَلَؤُا اِنِّى اُلْقِىَ اِلَىَّ كِتَابٌ كَرِيمٌ ٭ اِنَّهُ

مِنْ سُلَيْمٰنَ وَ اِنَّهُ بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

ﺋﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﻠﻘﯩﺲ) ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ: «ﺋﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺭ! ﻣﺎﯕﺎ ھەﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﺕ ﻛﻪﻟﺪﻯ. (ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺷﯘﻛﻰ) ﻧﺎھاﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ مېھرﯨﺒﺎﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ (نەمل:29-30)

شۇ ماقامدا بىر قانچە سىر بايان قىلىنىدۇ.

  بىرىنچى سىر: «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»نىڭ بىر جىلۋىسىنى شۇنداق كۆردۈم. يەنى: كائىنات يۈزىدە، يەر يۈزىدە ۋە ئىنسان سىماسىدا بىربىرى ئىچىدە، بىربىرىنىڭ نەمۇنىلىرىنى كۆرسەتكەن ئۈچ رۇبۇبىيەت تامغىسى بار.

  بىرى، كائىناتنىڭ ئومۇمى يۈزىدە ياردەملىشىش، تايىنىشىش، قۇچاقلىشىش، جاۋاب بېرىشلەردىن بارلىققا كەلگەن ئىلاھلىقنىڭ چوڭ تامغىسىدۇركى، «بىسمىللاھ» ئۇنىڭغا قارايدۇ.

  ئىككىنچىسى، يەر شارى يۈزىدە، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بېقىلىشى ۋە باشقۇرۇلىشىدىكى ئوخشاشلىق، مۇناسىپلىق، ئىنتىزام، تەرتىپ، ئىلتىپات ۋە مەرھەمەتتىن چىققان رەھمانىيەتنىڭ چوڭ تامغىسىدۇركى، «بىسمىللاھىررەھمان» ئۇنىڭغا قارايدۇ.

   ئۈچىنچىسى، ئىنساننىڭ مۇجەسسەم ماھىيىتى يۈزىدىكى مېھرىشەپقەت گۈزەللىكلىرى ۋە ئىلاھىي مەرھەمەت شولىلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن رەھىمىيەت ئالى تامغىسىدۇركى، «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» دىكى «ئەررەھىم» ئۇنىڭغا قارايدۇ. دېمەك، «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»، ئالەم سەھىپىسىدە بىر نۇرانى قۇرنى تەشكىل قىلغان ئۈچ ئەھەدىيەت(بىرلىك) تامغىسىنىڭ مۇقەددەس نامىدۇر. ھەمدە قۇۋۋەتلىك بىر يىپىدۇر ۋە پارلاق بىر خېتىدۇر. يەنى: «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» يۇقىرىدىن نازىل بولۇش بىلەن، كائىنات مېۋىسى ۋە ئالەمنىڭ كىچىك بىر نۇسخىسى بولغان ئىنسانغا ئۇچى تايىنىدۇ. فەرشنى ئەرشكە باغلايدۇ. ئىنساننى ئەرشكە چىقىشقا يول ئاچىدۇ.

   ئىككىنچى سىر: قۇرئانى مۆجىزۇلبايان، چەكسىزلىگەن مەخلۇقاتلارنىڭ كۆپلۈك قىسمىدا كۆرۈنگەن ۋاھىدىيەت(بىرلىك) ئىچىدە، ئەقىللەرنى تۇنجۇقتۇرماسلىق ئۈچۈن، دائىم ئۇ ۋاھىدىيەت ئىچىدە ئەھەدىيەت جىلۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى مەسىلەن: قۇياش يورۇقى بىلەن چەكسىز نەرسىلەرنى قورشايدۇ. ئومۇمىي بولغان يورۇقى ئارقىلىق قۇياشنى خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بىللە بىلىش ئۈچۈن، ناھايىتى كەڭ بىر تەسەۋۋۇر ۋە ناھايىتى كەڭ بىر نەزەر لازىم بولغانلىقتىن، قۇياشنىڭ ئۆزىنى ئۇنۇتتۇرماسلىق ئۈچۈن ھەربىر پارلاق نەرسىدە، قۇياش خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بىللە ئىنكاس ۋاستىسى ئارقىلىق كۆرىنىدۇ. ھەمدە ھەربىر پارلاق نەرسە ئۆز قابىلىيىتىگە قارىتا قۇياشنىڭ ئۆز جىلۋىسى بىلەن بىرگە، يورۇقى، ئىسسىقلىقىدەك خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر پارلاق نەرسە، قۇياشنى بارلىق سۈپەتلىرى بىلەن قابىلىيەتلىرىگە قارىتا كۆرسەتكەندەك، قۇياشنىڭ يورۇقلىقى، ئىسسىقلىقى ۋە يورۇقىدىكى يەتتە رەڭگىدەك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ھەربىرسىمۇ، قارشىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى قاپلايدۇ. دەل شۇ مىسالغا ئوخشاشلا، ﴿وَ لِلّهِ الْمَثَلُ اْلاَعْلَى (مىسال خاتا چۈشىنىلمىسۇن) ئىلاھىي ئەھەدىيەت ۋە سەمەدىيەت بويىچە، ھەربىر نەرسىدە، بولۇپمۇ جانلىقتا، بولۇپمۇ ئىنساننىڭ ئەينەكلىك ماھىيىتىدە ﷲنىڭ بارلىق ئىسىملىرىنىڭ بىر جىلۋىسى بولغىنىدەك، ۋاھدەت ۋە ۋاھىدىيەت بويىچىمۇ مەۋجۇداتلار بىلەن ئالاقىدار بولغان ھەربىر ئىسمى بارلىق مەۋجۇداتلارنى قاپلايدۇ. دېمەك، ۋاھىدىيەت ئىچىدە، ئەقىللەرنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ۋە قەلبلەر ﷲنى ئۇنۇتماسلىق ئۈچۈن، ۋاھىدىيەتتىكى ئەھەدىيەت تامغىسىنى دائىمىي ھالدا نەزەرگە كۆرسىتىدۇكى، ئۇ تامغىنىڭ ئۈچ مۇھىم تۈگۈنىنى «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» ئىپادىلەپ بىلدۈرىدۇ.

  ئۈچىنچى سىر: شۇ چەكسىز كائىناتنى جانلاندۇرغان ئېنىقكى، رەھمەتتۇر(ئىلاھىي شەپقەت). بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى مەۋجۇداتلارنى نۇرلاندۇرغان ئېنىقكى، يەنە رەھمەتتۇر. بۇ چەكسىز ئېھتىياجلار ئىچىدە يۇمىلانغان مەخلۇقاتلارنى تەمىنلەپ باققان ئېنىقكى، يەنە رەھمەتتۇر. بىر دەرەخ پۈتۈن سىستېمىلىرى بىلەن بىللە مېۋىسىگە يۈزلەنگەندەك، بارلىق كائىناتنى ئىنسانغا يۈزلەندۈرگەن ۋە ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭغا قاراتقان، ياردەمگە يۈگۈرتكەن، ئېنىقكى رەھمەتتۇر. ھەمدە بۇ چەكسىز بوشلۇقنى ۋە بوش، خالى بولغان ئالەمنى تولدۇرغان، نۇرلاندۇرغان ۋە جانلاندۇرغان، ئېنىقكى رەھمەتتۇر. شۇنداقلا بۇ فانىي ئىنساننى ئەبەدكە نامزات قىلغان، ھەمدە ئەزەلى ۋە ئەبەدىي بولغان بىر زاتقا مۇخاتاپ ۋە دوست قىلغان، ئېنىقكى يەنە رەھمەتتۇر.

  ئەي ئىنسان! رەھمەت ئەنە شۇنداق قۇۋۋەتلىك، جەزبىلىك، مەدەتكار ۋە سۆيۈملۈك بىر ھەقىقەتتۇر. ئۇنداقتا «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» دە، ئۇ ھەقىقەتكە يېپىش، چەكسىز قورقۇنچلاردىن ۋە چەكسىز ئېھتىياجلارنىڭ ئەلىمىدىن قۇتۇل. ئۇ ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانىنىڭ تەختىگە يېقىنلاش. ھەمدە ئۇ رەھمەتنىڭ شەپقىتى بىلەن ۋە شولىلىرى بىلەن ئۇ سۇلتانغا مۇخاتاپ ۋە دوست بول!

  شۇنداق، مەۋجۇدات ئالىمىنىڭ ھەر تۈرىنى ھىكمەت دائىرىسىدە ئنساننىڭ ئەتىراپىغا يىغىپ، بارلىق ھاجەتلىرىگە ئىنتىزام ۋە ئىنايەت بىلەن يۈگۈرتمەك، ئېنىقكى ئىككى ئەھۋالدىن بېرىدۇر. يا كائىناتتىكى ھەربىر تۈر ئۆزلىكىدىن ئىنساننى تونۇيدۇ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ ۋە ياردەمگە يۈگۈرىدۇ. بۇ بولسا مىڭ دەرىجە ئەقىلدىن ئۇزاق بولغىنىدەك، كۆپلىگەن مۇمكىنسىزلىكلەرنى نەتىجىلەندۈرىدۇ. ئىنساندەك چەكسىز ئاجىز بىر مەخلۇققا ئەڭ قۇۋۋەتلىك بىر مۇقەددەس سۇلتاننىڭ قۇدرىتىگە ئىگە بولۇش لازىم كېلىدۇ. يا بولمىسا، بۇ كائىناتنىڭ پەردىسى ئارقىسىدىكى بىر چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئىلىمى نەتىجىسىدە بۇ ياردەملەر بولىۋاتىدۇ. دېمەك، كائىناتتىكى تۈرلەر ئىنساننى تونۇيدۇ ئەمەس، بەلكى ئىنساننى بىلگەن ۋە تونۇغان مەرھەمەتكار بىر زاتنىڭ تونۇشى ۋە بىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

   ئەي ئىنسان! ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال. پۈتۈن مەخلۇقات تۈرلىرىنى ساڭا يۈزلەندۈرۈپ ياردەم قوللىرىنى ئۇزاتتۇرغان ۋە سېنىڭ ھاجەتلىرىڭگە «لەببەيك» دېگۈزگەن ﷲنىڭ سېنى بىلمەسلىكى، تونۇماسلىقى ۋە كۆرمەسلىكى ھېچ مۇمكىنمۇ؟

   دېمەك، ئۇ سېنى بىلىدۇ ۋە رەھمىتى بىلەن بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنى بىل، ھۆرمەت بىلەن بىلگەنلىكىڭنى بىلدۈر. ھەمدە قەتئىييەن چۈشەنكى، ساڭا ئوخشىغان بىر چەكسىز ئاجىز ۋە قۇۋۋەتسىز، چەكسىز ھاجەتمەن، فانىي ۋە كىچىك بىر مەخلۇققا يوغان كائىناتنى باش ئەگدۈرۈپ، ياردىمىڭگە ئەۋەتىش، ئەلۋەتتە ھىكمەت، ئىنايەت، ئىلىم ۋە قۇدرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھمەت ھەقىقىتىدۇر. ئەلۋەتتە بۇنداق بىر رەھمەت سەندىن ئومۇمى ۋە خالىس بىر شۈكۈر، ھەمدە ھەقىقىي ۋە ساپ ھۆرمەت خالايدۇ. ئەنە شۇ خالىس شۈكۈرنىڭ ۋە ساپ ھۆرمەتنىڭ تەرجىمانى ۋە نامى بولغان «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»نى دە. ئۇنى ئۇ رەھمەتكە يېتىشىش ئۈچۈن ۋاستە ۋە ئۇ رەھمان بولغان ﷲنىڭ دەرگاھىدا شاپائەتچى قىل.

   شۇنداق، بۇ ئىلاھىي رەھمەتنىڭ بارلىقى ۋە ھەقىقىتى قۇياشتەك ئوچۇقتۇر. چۈنكى مەركىزىي بىر نەقىش، ھەر تەرەپتىن كەلگەن يۆنىلىش يىپلارنىڭ ئىنتىزامىدىن ۋە ئەھۋاللىرىدىن ھاسىل بولغىنىدەك، ئوخشاشلا بۇ كائىناتنىڭ چوڭ دائىرىسىدە مىڭلىغان ئىلاھىي ئىسىملارنىڭ جىلۋىلىرىدىن ئۇزانغان نۇرانىي ئارقاق يىپلىرى، كائىنات يۈزىدە شۇنداق بىر رەھمەت تامغىسى ئىچىدە بىر رەھىمىيەت مۆھرىنى بىر شەپقەت نەقىشىنى ۋە شۇنداق بىر ئىنايەت تامغىسىنى توقۇيدۇكى، قۇياشتىن تېخمۇ پارلاق ھالدا ئۆزىنى ئەقىللەرگە كۆرسىتىدۇ. شۇنداق، قۇياش ۋە ئاينى، ئېلېمېنت ۋە ماددىلارنى، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنى، چوڭ بىر نەقىشنىڭ ئارقاق يىپلىرىدەك ئۇ مىڭلىغان ئىسىملارنىڭ شولىلىرى بىلەن تەرتىپكە سالغان، ھاياتقا خادىم قىلغان، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتتىن بولغان بارلىق ئانىلارنىڭ ئىنتايىن شېرىن ۋە پىداكارانە شەپقەتلىرى ئارقىلىق ئۆز شەپقىتىنى كۆرسەتكەن، جانلىقلارنى ئىنسان ھاياتىغا باش ئەگدۈرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئىلاھىي رۇبۇبىيەتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ۋە شېرىن بولغان چوڭ بىر نەقىشىنى ۋە ئىنساننىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسەتكەن، ھەمدە ئەڭ پارلاق رەھمىتىنى ئىزھار قىلغان ئۇ چەكسىز گۈزەللىك ئىگىسى رەھمان، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئىستىغناسى(مۇھتاجسىزلىقى) بىلەن بىللە، رەھمىتىنى چەكسىز مۇھتاجلىق ئىچىدىكى جانلىقلارغا ۋە ئىنسانلارغا مەقبۇل بىر شاپائەتچى قىلغاندۇر.

   ئەي ئىنسان! ئەگەر ئىنسان بولساڭ، «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» دە، ئۇ شاپائەتچىنى تاپ! شۇنداق، زېمىندىكى تۆت يۈز مىڭ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار تۈرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئۇنۇتماستىن، ئارىلاشتۇرماستىن، ۋاقتىۋاقتىدا، چەكسىز بىر تەرتىپ بىلەن، ھىكمەت ۋە ئىنايىتى بىلەن بېقىپ باشقۇرغان، ھەمدە يەرشارى يۈزىگە ئەھەدىيەت مۆھرىنى قويغان ئېنىقكى رەھمەتتۇر. ئۇ رەھمەتنىڭ بارلىقى، بۇ يەرشارى يۈزىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ بارلىقىدەكلا ئېنىق بولغىنىدەك، ھەقىقىتىنىڭمۇ ئۇ مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچىلىك دەلىللىرى بار. شۇنداق، زېمىننىڭ يۈزىدە ئەنە شۇنداق بىر رەھمەت مۆھرى ۋە ئەھەدىيەت تامغىسى بولغىنىدەك، ئىنساننىڭ مەنىۋى ماھىيىتى يۈزىدىمۇ شۇنداق بىر رەھمەت تامغىسى باركى، يەرشارى يۈزىدىكى مەرھەمەت تامغىسى ۋە كائىنات يۈزىدىكى ئۇ چوڭ رەھمەت تامغىسىدىن تۆۋەن ئەمەس، خۇددى مىڭلىغان ئىسىم جىلۋىلىرىنىڭ بىر مەركىزىي ھەرىكەت نۇقتىسىدەك بىر مۇجەسسەملىك خۇسۇسىيىتى بار.

   ئەي ئىنسان! ساڭا بۇ يۈزنى بېرىپ، ئۇ يۈزدە ئەنە شۇنداق بىر رەھمەت تامغىسى ۋە ئەھەدىيەت مۆھرى قويغان زاتنىڭ، سېنى بوش قويۇۋېتىپ، ساڭا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، سېنىڭ ھەرىكەتلىرىڭگە دىققەت قىلماسلىقى، ساڭا يۆنەلگەن كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنى مەنىسىز قالدۇرىشى، يارىتىلىش دەرىخىنى مېۋىسى چىرىگەن ۋە بۇزۇلغان ئەھمىيەتسىز بىر دەرەخ قىلىشى، ھەمدە ھېچبىر جەھەتتە شۈبھە قوبۇل قىلمايدىغان ۋە ھېچبىر جەھەتتە كەمچىللىكى بولمىغان، قۇياشتەك ئوچۇق بولغان رەھمىتىنى ۋە كۈندۈزدەك كۆرۈنگەن ھىكمىتىنى ئىنكار قىلدۇرىشى ھېچ مۇمكىنمۇ؟ ھاشا!

   ئەي ئىنسان! بىلكى، ئۇ رەھمەتنىڭ ئەرشىگە يېتىش ئۈچۈن بىر مىراج بار. ئۇ مىراج «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»دۇر. بۇ مىراجنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشنى خالىساڭ، قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ يۈز ئون تۆت سۈرىلىرىنىڭ باشلىرىغا، پۈتۈن مۇبارەك كىتابلارنىڭ باشلىنىشلىرىغا ۋە بارلىق مۇبارەك ئىشلارنىڭ دەسلىۋىگە قارا، «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»نىڭ قەدىرقىممەت جەھەتتە بۈيۈكلىكىنىڭ قەتئىي بىر دەلىلى شۇدۇركى، ئىمامى شافىي (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دەك كۆپلىگەن چوڭ مۇجتەھىدلەر دېيىشكەنكى، «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» يالغۇز بىر ئايەت بولسىمۇ، قۇرئاندا 114 قېتىم نازىل بولغاندۇر.

   تۆتىنچى سىر: چەكسىز كۆپلۈك ئىچىدىكى ۋاھىدىيەت جىلۋىسى جەھەتتە ﴿اِيَّاكَ نَعْبُدُ﴾ (ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز) خىتابىنى دېيىش بىلەن ھەركىمگە يېتەرلىك بولمايدۇ، پىكىر تارقىلىدۇ. ئۇ كۆپلۈكنىڭ ئومۇمىي يۈزىدىكى ۋەھدەت ئارقىسىدا ئەھەد بولغان زاتنى تەپەككۇر قىلىپ ﴿اِيَّاكَ نَعْبُدُ وَ اِيَّاكَ نَسْتَعِينُ دېيىش ئۈچۈن يەرشارى كەڭلىكىدە بىر قەلبنىڭ بولىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ سىرغا بىنائەن، جۈزئىي(پارچە) نەرسىلەردە ئوچۇق بىر سۈرەتتە ئەھەدىيەت تامغىسىنى كۆرسەتكەندەك، ھەربىر تۈردىمۇ ئەھەدىيەت تامغىسىنى كۆرسىتىش ۋە ئەھەد بولغان زاتنى تەپەككۇر قىلدۇرۇش ئۈچۈن رەھمانىيەت مۆھرى ئىچىدە بىر ئەھەدىيەت تامغىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇندىلا ھەركىم قىينالماستىن، ھەر مەرتىۋىدە توغرىدىنتوغرا ﴿اِيَّاكَ نَعْبُدُ وَ اِيَّاكَ نَسْتَعِينُ دەپ مۇقەددەس ﷲقا خىتاپ قىلىپ يۆنىلەلەيدۇ. شۇڭا قۇرئانى كەرىم بۇ چوڭ سىرنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن، يەنى ئوچۇق بىر سۈرەتتە ئەھەدىيەت مۆھرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، كائىناتنىڭ چوڭ دائىرىسىدىن مەسىلەن، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدىن بايان قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، بىردىنلا ئىنچىكە بىر دائىرىدىن ۋە ئەڭ كىچىك بىر نەرسىدىن سۆز ئاچىدۇ. جۈملىدىن، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدىن سۆزلەۋاتقاندا، ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىن، ئىنساننىڭ ئاۋازىدىن، ھەمدە سىماسىدىكى نىمەت ۋە ھىكمەت ئىنچىكىلىكلىرىدىن سۆزلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن پىكىر تارقالمايدۇ، قەلب تۇنجۇقمايدۇ، روھ مەبۇدىنى توغرىدىنتوغرا تاپالايدۇ. مەسىلەن:

﴿وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ وَاخْتِلاَفُ اَلْسِنَتِكُمْ وَ اَلْوَانِكُمْ

ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ، ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺭﻩﯕﮕﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ (ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ) ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪﯗﺭ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھەﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ.(سۇرە رۇم:22)

ئايىتى مەزكۇر ھەقىقەتنى مۆجىزىلىك بىر سۈرەتتە كۆرسىتىدۇ. شۇنداق، چەكسىز بىر مەخلۇقاتتا ۋە چەكسىز بىر كۆپلۈكتە، ۋاھدەت تامغىلىرىنىڭ بىربىرىنى ئىچىگە ئالغان چەمبەرلەردەك ئەڭ چوڭىدىن ئەڭ كىچىك تامغىغا قەدەر تۈرلىرى ۋە دەرىجىلىرى باردۇر. لېكىن ئۇ ۋاھدەت نەقەدەر بولسا بولسۇن، يەنىلا كۆپلۈك ئىچىدىكى بىر ۋاھدەتتۇر. ھەقىقىي خىتاپنى ھەقىقىي تۈردە تەمىنلىيەلمەيدۇ. شۇڭا كۆپلۈكنى ئەسلەتمەستىن، توغرىدىنتوغرا مۇقەددەس ﷲقا قارىتا قەلبكە يول ئېچىش ئۈچۈن، ۋاھدەت ئارقىسىدا ئەھەدىيەت تامغىسى بولىشى كېرەكتۇر. ئەھەدىيەت تامغىسىغا نەزەرلەرنى بۇراش ۋە قەلبلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئەھەدىيەت تامغىسى ئۈستىدە ئىنتايىن جەزبىلىك بىر نەقىش، ئىنتايىن پارلاق بىر نۇر، ئىنتايىن شېرىن بىر لەززەت، ئىنتايىن سۆيۈملۈك بىر جامال ۋە ئىنتايىن قۇۋۋەتلىك بىر ھەقىقەت بولغان رەھمەت تامغىسىنى ۋە رەھىمىيەت مۆھرىنى قويغاندۇر. شۇنداق، ئۇ رەھمەتنىڭ قۇۋۋىتىدۇركى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ نەزەرلىرىنى جەلپ قىلىدۇ، ئۆزىگە تارتىدۇ ۋە ئەھەدىيەت تامغىسىغا يېتىشتۈرىدۇ. ھەمدە ئەھەد بولغان ﷲنى تەپەككۇر قىلدۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ﴿اِيَّاكَ نَعْبُدُ وَ اِيَّاكَ نَسْتَعِينُ دىكى ھەقىقىي خىتاپقا ئېرىشتۈرىدۇ. دېمەك، «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»، «فاتىھە» سۈرىسىنىڭ مۇندەرىجىسى ۋە قۇرئاننىڭ بىر خۇلاسىسى بولغانلىقى جەھەتتىن بۇ مەزكۇر چوڭ سىرنىڭ نامى ۋە تەرجىمانىدۇر. بۇ نامنى قولغا ئالغان رەھمەتنىڭ دەرىجىلىرىدە ساياھەت قىلالايدۇ، ھەمدە بۇ تەرجىماننى سۆزلەتكەن رەھمەت سىرلىرىنى ئۆگىنىدۇ، رەھمەت ۋە شەپقەت نۇرلىرىنى كۆرىدۇ.

   بەشىنچى سىر: بىر ھەدىس شەرىفتە دېيىلگەنكى: اِنَّ اللّهَ خَلَقَ اْلاِنْسَانَ عَلَى صُورَةِ الرَّحْمنِ (ئەۋ كەما قال) بۇ ھەدىسنى بىرقىسىم تەرىقەتچىلەر، ئىمان ئەقىدىلىرىگە مۇناسىپ كەلمىگەن ئاجايىپ شەكىلدە تەفسىر قىلىشقان. ھەتتا ئۇلاردىن بىر قىسىم ئىشق ئەھلى ئىنساننىڭ مەنىۋى سىماسىغا بىر رەھمان نەزىرى بويىچە قاراشقان. ئىشق ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىدە بىلمەستىن ئالماشتۇرۇپ قويۇش ۋە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش بولغانلىقتىن، ھەقىقەتكە زىت بولغان قاراشلىرىدا بەلكىم كەچۈرۈمگە لايىق. لېكىن ئەقلى بېشىدا بولغانلار پىكىر جەھەتتىن ئەقىدە ئاساسلىرىغا زىت بولغان مەنىلەرنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ، قىلسا خاتادۇر. شۇنداق پۈتۈن كائىناتنى بىر ساراي، بىر ئۆيدەك ئىنتىزام بىلەن ئىدارە قىلغان، يۇلتۇزلارنى زەررىلەردەك ھىكمەتلىك ۋە قولاي ھالدا ئايلاندۇرغان، باشقۇرغان، زەررىلەرنى ئىنتىزاملىق خىزمەتچىلەردەك قوللانغان ئۇ مۇقەددەس ﷲنىڭ شېرىكى، تەڭدىشى، زىتى بولمىغىنىدەك

﴿ لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَىْءٌ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ

ھېچ بىر ﺷﻪيئى ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ھەﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ،

ھەﻣﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗر. (سۇرە شۇرا:11)

سىرى بىلەن، سۈرىتى، مىسلى، مىسالى، ئوخشىشىمۇ يوقتۇر. بىراق

﴿وَلَهُ الْمَثَلُ اْلاَعْلَى فِى السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ

ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎﻟﯩﺒﺘﯘﺭ، ھېكمەت ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ. (سۇرە رۇم:27)

سىرى بويىچە، تەمسىل كەلتۈرۈش ۋە مىسال بىلەن، ئىش ۋە ئىسىمسۈپەتلىرىگە قارىلىدۇ. دېمەك، ئىلاھىي شۇئۇنات (ئىشلار، ھاللار) بويىچە تەمسىل ۋە مىسال كەلتۈرۈش باردۇر. يۇقىرىدىكى ھەدىس شەرىفنىڭ كۆپلىگەن مەقسەتلىرىدىن بىرسى شۇدۇركى، ئىنسان «رەھمان» ئىسمىنى تامامەن كۆرسىتىدىغان بىر سۈرەتتىدۇر. شۇنداق، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، كائىنات يۈزىدە مىڭ بىر ئىسىمنىڭ شولىلىرىدىن زاھىر بولغان رەھمان ئىسمى كۆرۈنگىنىدەك، ھەمدە زېمىن يۈزىدە ئىلاھىي رۇبۇبىيەتنىڭ چەكسىز جىلۋىلىرى بىلەن زاھىر بولغان «رەھمان» ئىسمى كۆرسىتىلگەندەك، ئىنساننىڭ ئومۇمى سۈرىتىدىمۇ كىچىك مىقياستا، زېمىن يۈزى ۋە كائىنات يۈزىدىكىدەك يەنە «رەھمان» ئىسمىنىڭ تولۇق جىلۋىسى كۆرىنىدۇ دېمەكتۇر. شۇنداقلا ئىشارەتتۇركى، رەھمانىررەھىم بولغان زاتنىڭ دەلىللىرى ۋە (كۆرسەتكۈچى)ئەينەكلىرى بولغان جانلىقلارنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۇ ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان ﷲنى كۆرسىتىشى ئۇ قەدەر ئوچۇق، قەتئىي ۋە ئېنىقتۇركى، قۇياشنىڭ مىسالىنى ۋە ئەكسىنى كۆرسەتكەن پارلاق بىر ئەينەكنىڭ پارلاقلىقىغا ۋە قۇياشنى كۆرسىتىشىنىڭ بەكمۇ ئېنىقلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «ئۇ ئەينەك قۇياشتۇر» دېيىلگىنىدەك، «ئىنساندا رەھمان سۈرىتى باردۇردېيىشتىمۇ، ئىنساننىڭ رەھماننى بەكمۇ ئوچۇق كۆرسىتىشىگە ۋە بەكمۇ ئالاقىدارلىقىغا ئىشارەت قىلىنغاندۇر ۋە قىلىنىدۇ. ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد ئەھلىنىڭ نورمال بىر قىسمى، بۇ سىرغا بىنائەن، بۇ دەلىلنىڭ ئوچۇقلىقىغا ۋە مۇناسىۋەتنىڭ كامالىتىگە بىر نام سۈپىتىدە «لا مەۋجۇدە ئىللاھۇ» دېيىشكەندۇر.

اَللّهُمَّ يَا رَحْمنُ يَا رَحِيمُ بِحَقِّ بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ اِرْحَمْنَا كَمَا يَلِيقُ بِرَحِيمِيَّتِكَ وَ فَهِّمْنَا اَسْرَارَ بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ كَمَا يَلِيقُ بِرَحْمَانِيَّتِكَ آمِينَ.

   ئالتىنچى سىر: ئەي چەكسىز ئاجىزلىق ۋە چەكسىز مۇھتاجلىق ئىچىدە يۇمىلانغان بىچارە ئىنسان! رەھمەت، نەقەدەر قىممەتدار بولغان بىر ﷲقا باغلىنىش ۋاستىسى ۋە نەقەدەر مەقبۇل شاپائەتچى ئىكەنلىكىنى بۇنىڭ بىلەن چۈشەنكى، ئۇ رەھمەت، ئۇلۇغ بولغان شۇنداق بىر سۇلتانغا يېتىشىش(يېقىنلاش) ۋاستىسىدۇركى، يۇلتۇزلار بىلەن زەررىلەر بىرلىكتە تولۇق ئىنتىزام ۋە تولۇق ئىتائەت بىلەن ئۇنىڭ ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلىشىدۇ. ئۇ ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانى ھېچبىر ۋاقىت ھېچبىر نەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر. ھېچبىر جەھەتتىن كائىناتقا ۋە مەۋجۇداتلارغا ئېھتىياجى بولمىغان چەكسىز بايلىق ۋە خەزىنە ئىگىسىدۇر. پۈتۈن كائىنات ئەمىر ۋە ئىدارىسى ئاستىدا، ئۇلۇغلۇق ۋە ھەيۋىتى ئاستىدا، چەكسىز ئىتائەتچانلىق بىلەن ئاجايىپ بويسۇنۇشتىدۇر.

  رەھمەت، سېنى ئەي ئىنسان! ئۇ مۇھتاجسىز بايلىق ئىگىسى بولغان ئەبەدىي سۇلتاننىڭ ھوزۇرىغا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا دوست قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇخاتاپ قىلىدۇ. ھەمدە سۆيۈملۈك بىر قۇل ھالىتىنى بېرىدۇ. بىراق، ئالايلۇق، سەن قۇياشقا يېتەلمەيسەن. بەكمۇ ئۇزاقسەن. ھېچبىر جەھەتتە يېقىنلىشالمايسەن. لېكىن قۇياشنىڭ يورۇقى قۇياشنىڭ ئەكسىنى، جىلۋىسىنى سېنىڭ ئەينىكىڭ ۋاستىسى بىلەن سېنىڭ قولۇڭغا بېرىدۇ. شۇ مىسالغا ئوخشاشلا، گەرچە بىز ئۇ مۇقەددەس ئەزەل ۋە ئەبەد قۇياشى بولغان ﷲقا چەكسىز دەرىجىدە ئۇزاق، يېقىنلىشالمايمىز. بىراق ئۇنىڭ رەھمەت يورۇقى ئۇنى بىزگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.

  ئەي ئىنسان! بۇ رەھمەتنى تاپقان، ئەبەدىي ۋە تۈگىمەس بىر نۇر خەزىنىسىنى تاپىدۇ. ئۇ خەزىنىنى تېپىشنىڭ چارىسى، رەھمەتنىڭ ئەڭ پارلاق بىر مىسالى ۋە ۋەكىلى، ئۇ رەھمەتنىڭ ئەڭ گۈزەل تىلى ۋە دەۋەتچىسى بولغان، ھەمدە قۇرئاندا «رەھمەتەن لىل ئالەمىن» (ئالەملەرگە رەھمەت) دەپ نام بېرىلگەن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەتتۇر. بۇ رەھمەتەن لىل ئالەمىن بولغان، جىسىملاشقان رەھمەتكە يېتىشىش ۋاستىسى بولسا سالاۋاتتۇر. شۇنداق، سالاۋاتنىڭ مەنىسى رەھمەتتۇر. ئۇ ھاياتدار «جىسىملاشقان رەھمەت»كە رەھمەت دۇئاسى بولغان سالاۋات بولسا، ئۇ رەھمەتەن لىل ئالەمىنگە يېتىشىشنىڭ ۋاستىسىدۇر. ئۇنداقتا سەن سالاۋاتنى ئۇ رەھمەتەن لىل ئالەمىنگە يېتىشىشكە ۋاستە قىل، ھەمدە ئۇ زاتنىمۇ راھماننىڭ رەھمىتىگە ۋاستە دەپ بىل. پۈتۈن ئۈممەتنىڭ رەھمەتەن لىل ئالەمىن بولغان (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) ئۈچۈن ھېساپسىز قېتىملاپ رەھمەت مەنىسى بىلەن سالاۋات(دۇرۇت) كەلتۈرۈشلىرى، رەھمەتنىڭ نەقەدەر بىر قىممەتلىك ئىلاھىي ھەدىيە ئىكەنلىكىنى ۋە نەقەدەر كەڭرى بىر دائىرىسى بارلىقىنى پارلاق بىر سۈرەتتە ئىسپات قىلىدۇ.

  خۇلاسە: رەھمەت خەزىنىسىنىڭ ئەڭ قىممەتدار گۆھىرى ۋە ئۇ رەھمەت ئىشىكىنىڭ ئاچقۇچىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بولغىنىدەك، ئەڭ بىرىنچى ئاچقۇچىمۇ ﴿بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ دۇر. ھەمدە ئەڭ قولاي بىر ئاچقۇچىمۇ سالاۋاتتۇر.

اَللّهُمَّ بِحَقِّ اَسْرَارِ بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ صَلِّ وَ سَلِّمْ عَلَى مَنْ اَرْسَلْتَهُ رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ كَمَا يَلِيقُ بِرَحْمَتِكَ وَ بِحُرْمَتِهِ وَ عَلَى آلِهِ وَ اَصْحَابِهِ اَجْمَعِينَ وَ ارْحَمْنَا رَحْمَةً تُغْنِينَا بِهَا عَنْ رَحْمَةِ مَنْ سِوَاكَ مِنْ خَلْقِكَ آمِينَ

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

————————————-

ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد ئەھلى: ھەر يەردە، ھەر نەرسىدە قەلبىنى ﷲ نىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەنلا مەشغۇل قىلىش پىكرىدە بولغانلار. بىر خىل تەرىقەت.-ت*


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.