ئاۋازلىق ماقالە-دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يىگانە قۇتۇلدۇرغۇچى نېمە؟

ئاۋازلىق ماقالە-دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يىگانە قۇتۇلدۇرغۇچى نېمە؟

دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يىگانە قۇتۇلدۇرغۇچى نېمە؟

  «ئەي ئىنسانلار، بولۇپمۇ ئەي مۇسلىمانلار! ئاللاھنىڭ دىنىغا، ئىلاھىي ئەھكاملىرىنى بايان قىلغان قۇرئانغا ۋە سۈننەتكە جەمئىي يەكۈن(قۇرئان ۋە ھەدىستىكى بەزى ھۆكۈملەرنى تۇتۇپ بەزىلىرىنى تۇتماي قالماستىن) ھەممىسىگە يېپىشىڭلار، ئىختىلاپقا ۋە تەپرىقچىلىققا چۈشمەڭلار! » (ئال ئىمران:103)

  ئايىتى كەرىمىسى ئىشارەت مەنىسى بىلەن دەيدۇكى:

  «ئىسلام ئالىمىدە يۈرگۈزىلىۋاتقان بۇ پىلانلارنىڭ پەرقىگە بېرىپ، چۈشىنىپ يىتىپ، جەمئىي يەكۈن ھەممە ھۆكۈملەرنى چىڭ تۇتۇپ قۇرئاننىڭ ئەتىراپىدا بىرلىشىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئىسلامىيەتكە قايتىڭلار. يەنى مەكتەپلەردە ئوقۇتىلىۋاتقان پۈتۈن پەننى ئىلىملەرنى قۇرئان ئۆلچىمى بىلەن ساپلاشتۇرۇپ، دەرىس بېرىڭلار. شۇنداقلا، ئىلىم، ئەمەل ۋە ئەدەپ ساھەلىرىدە قۇرئانغا تايىنىڭلار. چۈنكى، دۇنياۋى ۋە ئاخىرەتلىك قۇتۇلىشىڭلار، پەقەتلا ھەقىقى مەنىسى بىلەن قۇرئانغا يېپىشىشىڭلار ئارقىلىقلا ۋە ئۇنىڭ سايىسىدا ئىختىلاپ ۋە تەپرىقچىلىقتىن ئۇزاقلىشىشىڭلار بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ.»

  قۇرئاننىڭ پۈتۈن بۇ باياناتىغا قارىتا دەل ئەكىسچە، بىر مۇسلىمان ھېلىغچە تېخى ئويغىنالمىغان بولسا، ئۇلارغا ئارتۇق باشقا بىلدۈردىغان ھېچقانداق بىر نەرسە يوقتۇر.

  ئەمدى، ئايەتى كەرىمىنىڭ قىسقىغىنا تەھلىلىگە ئۆتىمىز:

«وَاعْتَصِمُواْ بِحَبْلِ اللّهِ جَمِيعًا»

«ئاللاھنىڭ دىنىغا، ئەھكامىنى بايان قىلغان قۇرئانغا ۋە سۈننەتكە جەمئىي يەكۈن يېپىشىڭلار! »(ئال ئىمران:103)

  بۇ ئايەتتە ئۇرۇن ئالغان «بِحَبْلِ اللّهِ» ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى تەبىرىدىن مۇارتمەقسەت قۇرئاندۇر. مادەم ئاللاھ بىزگە مۇشۇنداق ئەمىر قىلىدۇ، ئۇنداق بولسا ئىتتىپاقىمىزنى پەقەت ۋە پەقەتلا قۇرئاندا قازىنىشىمىز لازىم. ئەرشى ئەزەمگە باغلىق بولغان بۇ مەھكەم ئارغامچىغا، ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتمەستىن يېپىشايلى. يەنى، رەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ساھابى كىراملارنىڭ تەبىرى، تەۋىلى بۇيىچە ۋە ئىزاھلىرىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە قۇرئاننى چۈشىنىشكە تېرىشايلى.

  ئاللاھ(جەللە جەلالۇھۇ) كالام سۈپىتى بىلەن ھەر قانداق زاماندا ۋە ھەر قانداق ماكاندا، ھەم ھازىر ۋە ھەم نازىردۇر. بۇ سەۋەپتىن ئاللاھنىڭ كالام سۈپىتىدىن كەلگەن قۇرئان 6666 ئايىتى بىلەن، ھەر مىنۇت، ھەر سېكىنۇت، ھەر كىشىگە، ئۇ كالام سۈپىتى بىلەن خىتاپ قىلىدۇ. ھەر كىشى بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆزلىشىدۇ. ئۇنداقتا، ھەر كىشى ئەرىشتىن چۈشۈرۈلگەن ۋە ھەر بىر ئىنسانغا ئۇلاشقان ۋە بىززات ئۆزى ئۇنىڭغا خىتاپ قىلغان ۋە ھەبلۇللاھ – ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى دېيىلگەن قۇرئانغا يېپىشسۇن ۋە ئۇنىڭغا يېپىشىش ئارقىلىق ئەرىشكە چىقسۇن، جەننەتكە ئېرىشسۇن، رىزايى ئىلاھىيەگە نائىل بولسۇن.

  بۇنىڭ سىرتىدىكى-ئىرىقچىلىق، قەۋىمچىلىق، شەخسىيەتچىلىك، جەمىيەتچىلىق، پارتىيچىلىق، ئوڭچىلىق، سولچىلىق،(……) سوتسىيالىسىتلىق، كومىنىسىتلىققا ئوخشاش ئارغامچىلارنىڭ ھەممىسى تەپرىقچىلىققا، زىللەتخورلۇققا، زۇلۇمغا، پىتنە ۋە پاساتقا……ۋە شۇنداقلا بۇلارمۇ جەھەننەمگە كۆتۈرىدۇ. ئۇنداق بولسا بۇ ئارغامچىلارنىڭ ھەممىسىنى قۇمۇرۇپ تاشلاپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قۇتۇلدۇرغۇچى يىگانە ئارغامچا بولغان قۇرئان ۋە سۈننەتكە يېپىشىش لازىم ۋە ئەۋزەلدۇر.

  بۇ ئايەتى كەرىمىدە تىلغا ئېلىنغان«وَاعْتَصِمُواْ» ئەمرىدىكى«جەم »نى «ۋاۋ» دا ئىجما داخىل بۇلۇش بىلەن بىرگە «بِحَبْلِ اللّهِ» تەبىرىدىمۇ ھەدىس ۋە ئجمائى ئۈممەت ئەتراپىدا بىرلىشىشىمىزنى ئەمىر قىلىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.