رىسالەئى نۇر ھەقىقەتلىرى

رىسالەئى نۇر ھەقىقەتلىرى

رىسالەئى نۇر ھەقىقەتلىرى، نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە دەل مەنىسى بىلەن يەرلىشەلمەيۋاتىدۇ؟

  ئەلھەمدۇلىللاھ. بىزلەر پەيغەمبىرمىز زىشان ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئىمان ئېيىتتۇق. بۇ ئىمانىمىز سەۋەبى بىلەن ئۇ زاتى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا تەبائييەت كۆرسىتىپبۇيسۇنۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە، زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسى بولمىغاچقا، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇ زاتى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن مەنىۋى جەھەتتە بىللە تۇرىۋاتىمىز ۋە گۇناھلارىمىزدىن تۆۋبە قىلىۋاتىمىز. ئەمىر قىلىنغان بۇيىچە، ئىستىقامەت دائىرىسىدە بولىشىمىز، ھەددىمىزدىن ئاشماسلىقىمىز كېرەك. يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە مۇخالىپ قىلمىشىمىز بولماسلىقى، مەزكۇر قۇرئاننىڭ ئەمرى بىلەن سابىت قىلىنغان. بۇ ئەسىرىمىزدە، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئىمان ۋە ئېتىقاد جەھەتىنى ياخشى چۈشىنىشمىز ۋە ئىستىقامەت دائىرىسىدە بولىشىمىز ئۈچۈن، «رىسالەئى نۇر» ئەسەرلىرىنى تەپەككۈر بىلەن ئوقۇپ چۈشىنىشكە شىددەتلىك ئىھتىياجىمىز بار. شەرىھ ۋە ئىزاھلىرىمىزمۇ بۇ مەنىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇشبۇ مەقسەتتە بۇ قەلەم قولغا ئېلىنغان.

  ئىنساننىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە يەرلەشمىگەن ۋە ئەزالىرىدا ئەسىرىئىپادىسى كۆرۈنمىگەن، يەنى ھەقىقى ئۆزى بىلەن ئەمەل قىلىنمىغان بىر ئىلىم ۋە بىر مەرىپەت، ھەقىقى مەنىدە ئىلىم ۋە مەرىپەت ھېساپلانمايدۇ. بۇ قائىدىگە بىنائەن، ئوقۇغان «رىسالەئى نۇر» ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ھەقىقەتلەر، ھازىرغىچە ئەقىل ۋە قەلىبلىرىمىزدە يەرلەشمىگەن بولسا ۋە داۋاملىق تۈردە تەپەككۈر ھالىتىدە بولالمىغان بولساق، دېمەكبۇ ھەقىقەتلەر ھەقىقى مەنىدە چۈشىنىلمىگەن بولىدۇ. قاچانكى «رىسالەئى نۇر»دا ئۆتكەن ھەقىقەتلەر، ئەقىل ۋە قەلبىمىزدە يەرلەشسە ۋە بۇ ئەسەرلەرگە ئۆزىمىز تەلىف قىلىپ يازغاندەك ساھىپ چىقالىساق، ئۇ ۋاقىت كىچىك بىر سەئىد ھالىتىگە كىلەلەيمىز. مانا بۇ ھەقىقى رىسالەئى نۇر تالىبىسىدۇر. باشتا ھاجى خۇلۇسى بەگ قاتارلىق ئۇستاد ھەزرەتلىرىنىڭ ئەۋۋەلكى سەپنى تەشكىل قىلغان تالىبىلىرى، بۇ ھالغا مەزھەرئىگە ئىدى. ئۇستاد ھەزرەتلىرى، خۇلۇسى بەگكە يازغان بىر مەكتۇبىدا، شۇنداق دېگەنىكەن: «جامائەت ’سۆزلەر‘نى ئوقۇغان ۋاقتىدا، سەندىكى ئالىي ھىسسىيات ۋە زىيادە راۋاج تېپىش ۋە پىداكارانە دىنگە ھىممەت كۆرسىتىش قىزغىنلىقنىڭ جۇش ئۇرۇپ تېشىپقاينىشىدىكى سىر شۇدۇركى:

  ۋىلايىتى كۇبرا دېيىلدىغان پەيغەمبىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتىدىكى تەبلىغ ماقامىنىڭ نۇرى ئاستىغا كىرگەنلىكىڭ ئۈچۈندۇر. ئۇ ۋاقىتتا، سەن قۇرئان دەللالى، سەئىدنىڭ ۋەكىلى بەلكى مەنىۋى جەھەتتىن ئەينى ئۆزى ھۆكىمىگە ئۆتكەنلىكىڭ ئۈچۈندۇر. »

  ئۇ ھالدا، ئوقۇغان دەرىسلەرنى مەلەكە ھالىتىگە يەنى ئادەت ھالىتىگە كەلتۈرەيلى. «يادىلىۋالايلىدىمەيۋاتىمەن، مەنىسىنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇ مەنىنى ئىپادە قىلىشقا تىرىشايلى. ئەگەر ئۇيەردە مۇرات قىلىنغان مەنىنى چۈشەنگەن بولساق ۋە ئۇنى ئىپادە قىلالىغان بولساق، ئۇ زامان رىسالەئى نۇرنىڭ بىر ئاساسى بولغان تەپەككۈر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىمىز. پەقەتلا مۇشۇ خىل شەكىلدە تىرىشىش ئارقىلىق، ئىلاھىي تەۋھىد يەنى تەۋھىت ھەققىدىكى ئىلمىمىز تەرەققى قىلىپ راۋاجلىنىدۇ. ئەكىسچە بولغاندا، پەقەتلا لافزىنى ئوقۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالغان بولىمىز.

(بارلا لاھىقىسى:253)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.