شىئە ھەققىدە

شىئە ھەققىدە

تۆتىنچى لەمئا

خەلىپىلىك مەسىلىسى» گەرچە كىچىك بىر مەسىلە بولسىمۇ، زىيادە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكتىن ئىمانىي مەسىلىلەرنىڭ قاتارىغا كىرىپ، ئىلمى كالام ۋە ئۇسۇلىددىندە دىققەتنى تارتقان مەسىلە بولغانلىقى سەۋەبلىك، قۇرئانغا ۋە ئىمانغا ئائىت ئاساسىي خىزمىتىمىزگە مۇناسىۋىتى بولغانلىقتىن قىسمەن سۆزلەندى.)

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ اَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَؤُفٌ رَحِيمٌ ٭ فَاِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِىَ اللّٰهُ لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ

(تەۋبە:128-129)

٭ قُلْ لاَ اَسْئَلُكُمْ عَلَيْهِ اَجْرًا اِلاَّ الْمَوَدَّةَ فِى الْقُرْبَى

(شۇرا:23)

شۇ بۈيۈك ئايەتنىڭ نورغۇنلىغان يۈكسەك ھەقىقەتلىرىدىن بىرئىككى ھەقىقىتىگە «ئىككى ماقام» بىلەن ئىشارەت قىلىمىز:

بىرىنچى ماقام

«تۆت نۇكتە»دۇر.

بىرىنچى نۇكتە:

  رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۈممىتىگە قارىتا ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان شەپقەت ۋە مەرھەمىتىنى ئىپادە قىلىدۇ. سەھىھ (ئىشەنچلىك) ھەدىس بىلەن مەھشەرنىڭ دەھشىتىدىن ھەممە ئادەم، ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ «ئۆزۈم، ئۆزۈم» دېگەن ۋاقىتتا، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام «ئۈممىتىم، ئۈممىتىم» دەپ ئۈممىتىگە بولغان ھېسداشلىقىنى ۋە شەپقىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىدەك، تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئەھلى كەشىفنىڭ تەستىقى بىلەن، ئانىسى ئۇنىڭ مۇناجاتىدىن «ئۈممىتىم، ئۈممىتىم» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. ھەم پۈتۈن ھاياتى ۋە تارقاتقان شەپقەتكارانە گۈزەل ئەخلاقى، ئۇنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان شەپقەت ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى كۆرسەتكىنىدەك، ئۈممىتىنىڭ پۈتۈن سائادەتلىرىگە كامالى شەپقىتىدىن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ۋەجىدىن، ئۈممىتىنىڭ ھېسابسىز سالاۋات (دۇرۇت)لىرىغا چەكسىز ئېھتىياج كۆرسەتكەن. بۇ ئارقىلىق چەكسىز بىر مەرھەمىتىنى نامايەن قىلغاندۇر. مانا بۇ دەرىجىدە شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك بىر رەھبەرنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىگە* ئەگەشمەسلىكنىڭ نەقەدەر نانكورلۇق ۋە ۋىجدانسىزلىق بولىدىغانلىقىنى قىياس قىل.

  ئىككىنچى نۇكتە:

  رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام كۇللىي ۋە ئومۇمىي پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ئىچىدە بەزى خۇسۇسىي، جۈزئىي ئوبيىكىتلارغا قارىتا بۈيۈك بىر شەپقەت كۆرسەتكەندۇر. زاھىرى (سىرتقى كۆرۈنۈش) جەھەتتىن، ئۇ بۈيۈك شەپقەتنى ئۇ خۇسۇسىي، جۈزئىي ئوبيىكىتلارغا سەرپ قىلىشى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھمىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ. ئەمما ھەقىقەتتە ئۇ جۈزئىي ئوبيىكىت كۇللىي، ئومۇمىي بولغان پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ مەنبەسى بولالايدىغان بىر سىلسىلە(زەنجىر)نىڭ ئۇچى ۋە ۋەكىلى بولغانلىقتىن، ئۇ بۈيۈك سىلسىلەنىڭ نامىدىن، ئۇنىڭ ۋەكىلىگە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

  مەسىلەن: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەزرىتى ھەسەن ۋە ھۆسەيىنگە قارىتا ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا ئۇلارغا كۆرسەتكەن پەۋقۇلئاددە شەپقەت ۋە بۈيۈك ئەھمىيەت، پەقەتلا تۇغقاندارچىلىق شەپقىتى ۋە يېقىنلىق ھېسسىدىن كەلگەن بىر مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ نۇرانىي زەنجىرىنىڭ بىر ئۇچى ۋە پەيغەمبەر ۋارىسلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر جامائىتىنىڭ مەنبەسى، ۋەكىلى، مۇندەرىجىسى بولغانلىق جەھەتى بىلەندۇر. شۇنداق، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام، ھەزرىتى ھەسەننى(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) كامالى شەپقىتىدىن قۇچىقىغا ئېلىپ بېشىغا سۆيۈشى، ھەزرىتى ھەسەندىن(ر.ئە) تارقىلىدىغان نۇرانىي مۇبارەك نەسىلدىن غەۋسۇل ئەئزەم بولغان شاھى گەيلانىدەك نۇرغۇن مەھدىيگە ئوخشاش پەيغەمبەر ۋارىسلىرى ۋە شەرىئەتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ)گە رەھبەرلىك قىلغان زاتلارنىڭ نامىدىندۇر. ئۇ زاتلارنىڭ ئىستىقبالدا (كېلەچەكتە) قىلىدىغان مۇقەددەس خىزمەتلىرىنى پەيغەمبەرلىك نەزىرى بىلەن كۆرۈپ ئالقىشلىغان ۋە تەقدىرلىگەن؛ ئالقىشلاش ۋە رىغبەتلەندۈرىشىگە ئالامەت ئورنىدا ھەزرىتى ھەسەننىڭ(ر.ئە) بېشىغا سۆيگەن.

  ھەم ھەزرىتى ھۆسەيىنگە قارىتا كۆرسەتكەن پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت ۋە شەپقەت، ھەزرىتى ھۆسەيىننىڭ(ر.ئە) نۇرانىي سىلسىلەسىدىن كەلگەن زەينەلئابىدىن، جەئفەرى سادىقتەك شەرەپلىك ئىماملار ۋە ھەقىقىي پەيغەمبەر ۋارىسلىرىدەك ناھايىتى نورغۇن مەھدىيگە ئوخشاش نۇرانىي زاتلارنىڭ نامىغا ۋە دىنى ئىسلام ۋە پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ھېسابىغا بولۇپ، بوينىنى سۆيۈش ئارقىلىق كامالى شەپقەت ۋە ئەھمىيىتىنى كۆرسەتكەندۇر.

  زاتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ)نىڭ غەيىب ئاشىنا(غەيىبنى كۆرەر) قەلبى بىلەن، دۇنيادا تۇرۇپ، ئەسرى سائادەتتىن ئەبەد تەرىپىدە بولغان ھەشر مەيدانىنى، يەردىن جەننەتنى ۋە زېمىندىن ئاسماندىكى مالائىكىلەر(پەرىشتىلەر)نى كۆرگەن ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالام زامانىدىن تارتىپ ئۆتكەن زامان قاراڭغۇلۇقىنىڭ پەردىلىرى ئىچىدە يوشۇرۇنغان ھادىسىلەرنى كۆرگەن، ھەتتا زاتى زۇلجەلالنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان نۇرانىي نەزىرى، كېلەچەكنى بىلگەن ۋە كۆرگەن كۆزى ئەلۋەتتە ھەزرىتى ھەسەن ۋە ھۆسەيىننىڭ ئارقىلىرىدا ئۇلىنىپ كېلىدىغان ئەقتاب، ۋارىس ئىماملار ۋە مەھدىيلەرنى كۆرگەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نامىغا باشلىرىنى سۆيگەندۇر. شۇنداق، ھەزرىتى ھەسەننىڭ بېشىنى سۆيۈشىدە شاھى گەيلانىنىڭ زور ئۈلۈشى بار.

  ئۈچىنچى نۇكتە:

  ﴿ اِلاَّ الْمَوَدَّةَ فِى الْقُرْبَى﴾ ئايىتىنىڭ بىر جەھەتتىكى مەنىسى: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئىجراسىغا ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت ئالى بەيتىگە(ئائىلە تاۋاباتىغا) مۇھەببەت كۆرسىتىلىشىنى خالايدۇ». ئەگەر دېيىلسە: بۇ مەناغا كۆرە، نەسلىگە بولغان يېقىنلىقتىن كەلگەن بىر پايدا مەقسەت قىلىنغاندەك كۆرۈنىدۇ. ھالبۇكى، ﴿اِنَّ اَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللّٰهِ اَتْقَيكُمْ﴾ (ھۇجۇرات:13) سىرىغا بىنائەن، پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى نەسلىگە بولغان يېقىنلىق ئەمەس، بەلكى ﷲقا يېقىنلىق ئاساسىدا جەريان قىلىدۇ.(قانداق چۈشىنىمىز؟)

  جاۋاب: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام غەيىب كۆرەر نەزىرى بىلەن، ئالى بەيتىنىڭ، ئىسلام ئالىمى ئىچىدە بىر نۇرانى شەجەرە (دەرەخ) ھۆكمىگە ئۆتىدىغانلىقىنى؛ ئىسلام ئالىمىنىڭ پۈتۈن تەبىقىلىرىدە ئىنسانىيەتنىڭ كامالەت دەرىجىلىرىدە رەھبەرلىك ۋە مۇرشىدلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان زاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئالى بەيتتىن چىقىدىغانلىقىنى كۆرگەن. تەشەھھۇدتىكى ئۈممەتنىڭ «ئال» (ئائىلە تاۋابات) ھەققىدىكى بۇ:

  اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلَى سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ وَ عَلَى آلِ سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى اِبْرَاهِيمَ وَ عَلَى آلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ دۇئاسىنىڭ مەقبۇل بولىدىغانلىقىنى كەشىف قىلغان. يەنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدە نۇرانى رەھبەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولغان پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۈممىتىدە ئىسلامىيەتنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىلىرىدە ۋە كۆپىنچە تەرىقەت ۋە مەسلەكلەردە بەنى ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرىدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئالى بەيتىدىن بولغان ئەقتابلارنى كۆرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ﴿لاَ اَسْئَلُكُمْ عَلَيْهِ اَجْرًا اِلاَّ الْمَوَدَّةَ فِى الْقُرْبَى﴾ دېيىش ئارقىلىق ئەمىر قىلىپ، ئالى بەيتىگە قارىتا ئۈممىتىنىڭ مۇھەببىتىنى خالىغاندۇر. بۇ ھەقىقەتلەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان باشقا رىۋايەتلەردە پەرمان قىلىپ: «سىلەرگە ئىككى نەرسە قالدۇرىمەن، ئۇلارغا يېپىشساڭلار نىجات تاپىسىلەر. ئۇلارنىڭ بىرى، كىتابۇللاھ؛ يەنە بىرى، ئالى بەيتىم» دېگەن. چۈنكى، سۈننەتى سەنىييەنىڭ مەنبەسى، مۇھاپىزەتچىلرى ۋە ھەر جەھەتتە ئۇنىڭغا ئەگىشىش بىلەن ۋەزىپىدار بولغانلار ئالى بەيتتۇر.

  مانا شۇ سىرغا بىنائەن، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەگىشىش نامىدىن بۇ ھەدىسنىڭ ھەقىقىتى بىلدۈرۈلگەندۇر. دېمەك ئالى بەيتتىن، پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى بويىچە مەقسىتى، سۈننەتى سەنىييەسىدۇر. سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىشنى تەرك قىلغان ئادەم، ھەقىقىي ئالى بەيتتىن بولمىغىنىدەك، ئالى بەيتكە ھەقىقىي دوستمۇ بولالمايدۇ. ھەم ئۈممىتىنى ئالى بەيتىنىڭ ئەتراپىغا توپلاش ئارزۇسىنىڭ سىرى شۇدۇركى، زامان ئۆتكەنسېرى ئالى بەيتىنىڭ ناھايىتى كۆپىيىدىغانلىقىنى ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن بىلگەن ۋە ئىسلامنىڭ زەئىپلىشىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. ئۇ ھالدا ئىسلام ئالىمىنىڭ مەنىۋى تەرەققىياتىغا مەركەز ۋە ئاساس بولالايدىغان غايەت قۇۋۋەتلىك ۋە كۆپ بولغان، بىربىرىگە تايىنىدىغان بىر جامائەتنىڭ لازىم بولىدىغانلىقىنى ﷲنىڭ ئىزنى بىلەن ئويلىغان ۋە ئۈممىتىنىڭ ئالى بەيتىنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشىنى ئارزۇ قىلغان. شۇنداق، ئالى بەيتتىن بولغانلار ئېتىقاد ۋە ئىمان جەھەتتە باشقىلاردىن بەك ئىلگىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ، تەسلىمىيەت ۋە ئەگىشىش ۋە تەرەپتارلىق كۆرسىتىشتە باشقىلاردىن كۆپ ئالدىدا تۇرىدۇ. چۈنكى، ئىسلامىيەتكە فىترىي(تەبىئى) جەھەتتىن ۋە نەسلىي جەھەتتىن تەرەپداردۇر. نەسلىي تەرەپتارلىق، زەئىپ ۋە شەرەپسىز، ھەتتا ھەقسىز بولغان تەقدىردىمۇ تاشلاپ قويۇلمايدۇ. ئۇنداقتا غايەت قۇۋۋەتلىك، ھەقىقەتلىك، شانۇشۆھرەتلىك بولغان پۈتۈن ئەجدادى باغلانغان ۋە شەرەپ قۇچقان، ھەمدە جانلىرىنى پىدا قىلىشقان بىر ھەقىقەتكە بولغان تەرەپدارلىقنى قىياس قىل! ۋە بۇ تەرەپدارلىق كۆرسىتىشنىڭ نەقەدەر ئاساسلىق ۋە فىترىي ئىكەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلغان بىر زات ئەجەبا تەرەپدارلىقنى تاشلاپ قويامدۇ!؟ ئەھلى بەيت، مانا بۇ شىددەتلىك تەرەپدارلىق ۋە فىترى ئىسلامىيەت جەھەتى بويىچە دىنى ئىسلامغا پايدىلىق ئەڭ ئاددى ئىشارەتنى قۇۋۋەتلىك بىر دەلىلدەك قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى، فىترىي جەھەتتىن تەرەپداردۇر. باشقىلار بولسا، قۇۋۋەتلىك بىر دەلىل بىلەن ئاندىن قوبۇل قىلىدۇ.

  تۆتىنچى نۇكتە:

  ئۈچىنچى نۇكتە مۇناسىۋىتى بىلەن، شىئەلەر بىلەن ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئوتتۇرىسىدىكى تالاشتارتىشنىڭ سەۋەبى بولغان، ھەتتا ئىمان ئەقىدىلىرىگە ئائىت كىتابلارغا ۋە ئىمان ئاساسلىرىنىڭ قاتارىغا كىرگۈدەك دەرىجىدە چوڭايتىلغان بىر مەسىلىگە قىسقىچە بىر ئىشارەت قىلىمىز. مەسىلە شۇدۇر:

  ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت دەيدۇكى: «ھەزرىتى ئەلىي(ر.ئە) تۆت خەلىپىنىڭ تۆتىنچىسىدۇر. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر سىددىق(ر.ئە) تېخىمۇ ئۈستۈن ۋە خەلىپىلىككە تېخىمۇ ھەقلىق ئىدى، شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاۋۋال خەلىپە بولدى». شىئەلەر دەيدۇكى: «ھەق ھەزرىتى ئەلىينىڭ ئىدى، ئۇنىڭغا ھەقسىزلىق قىلىندى. ھەممىسىدىن ئۈستۈنى ھەزرىتى ئەلىيدۇر(ر.ئە).» ۋە بۇ دەۋالىرىغا كەلتۈرگەن دەلىللىرىنىڭ خۇلاسىسى شۇدۇر: دەيدۇكى، ھەزرىتى ئەلىي(ر.ئە) ھەققىدىكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ھەزرىتى ئەلىينىڭ(ر.ئە) «شاھى ۋەلايەت» (ئەۋلىيالىق شاھى) ئۇنۋانى بىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەۋلىيالارنىڭ ۋە تەرىقەتلەرنىڭ (يۈزلىنىدىغان) مەنبەسى بولىشى ۋە ئىلىم، شىجائەت، ئىبادەتتكى ھەيران قالارلىق سۈپەتلىرى، ھەمدە ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىن داۋاملىشىدىغان ئالى بەيتىگە قارىتا شىددەتلىك ئالاقىسى كۆرسىتىدۇكى، ئەڭ ئۈستۈنى ئۇدۇر. خەلىپىلىك ئۇنىڭ ھەققى ئىدى، تارتىۋېلىندى.(؟)

  جاۋاب: ھەزرىتى ئەلىينىڭ(ر.ئە) قايتاقايتا ئۆز تەستىقى ۋە يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ئۇ ئۈچ خەلىپىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ شەيخۇل ئىسلاملىقى ماقامىدا بولىشى، شىئەلەرنىڭ بۇ دەۋالىرىنى يوققا چىقىرىدۇ. ھەم ئۈچ خەلىپىنىڭ خەلىپىلىك زامانىدىكى ئىسلامىيەتنىڭ غالىبىيەتلىرى، دۈشمەنلەرگە قارشى قىلغان غازاتلىرى ۋە ھەزرىتى ئەلىينىڭ(ر.ئە) زامانىدىكى ۋەقەلەر، يەنە ئىسلام خەلىپىلىكى نۇقتىسىدىكى شىئەلەرنىڭ دەۋالىرىنى يوققا چىقىرىدۇ. دېمەك ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ دەۋالىرى ھەقتۇر.

  ئەگەر دېيىلسە: شىئەلىك ئىككى قىسىمدۇر. بىرى، شىئەيى ۋەلايەتتۇر. يەنە بىرى، شىئەيى خىلافەتتۇر. بوپتۇ، بۇ ئىككىنچى قىسىم شىئەلىك غەرەز ۋە سىياسەت ئارىلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن ھەقسىز بولسۇن. ئەمما، بىرىنچى قىسىمدا غەرەز ۋە سىياسەت يوق. ھالبۇكى، شىئەيى ۋەلايەت شىئەيى خىلافەتكە قوشۇلۇپ قالغاندۇر. يەنى، ئەھلى تەرىقەتتىكى (بىرىنچى قىسىمدىكى) ئەۋلىيالارنىڭ بىر بۆلىكى ھەزرىتى ئەلىينى(ر.ئە) ئۈستۈن كۆرۈپ، نەتىجە جەھەتتىن سىياسىي پىكىرلىك بولغان شىئەيى خىلافەتنىڭ مۇددىئالىرىنى تەستىق قىلىشىدۇ.(؟)

  جاۋاب: ھەزرىتى ئەلىيگە(ر.ئە) ئىككى تەرەپتىن قاراش كېرەك. بىر تەرىپى، شەخسىي كامالەت ۋە مەرتىۋىسى نۇقتىسىدىن. ئىككىنچى تەرەپ، ئالى بەيتنىڭ مەنىۋى شەخسىيىتىنى تەمسىل (ۋەكىللىك) قىلغان نۇقتىدىندۇر. ئالى بەيتنىڭ مەنىۋى شەخسىيىتى بولسا، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ بىر تۈرلۈك ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئۇ بىرىنچى نۇقتا ئېتىبارى بىلەن، ھەزرىتى ئەلىي(ر.ئە) باشچىلىقىدا پۈتۈن ئەھلى ھەقىقەت، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر(ر.ئە) ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنى(ر.ئە) ئۈستۈن كۆرىدۇ. ئىسلامىيەتكە قىلغان خىزمەت ۋە ﷲقا يېقىنلىق جەھەتتە دەرىجىلىرىنى تېخىمۇ يۈكسەك كۆرگەندۇر. ئىككىنچى نۇقتا جەھەتىدە، ھەزرىتى ئەلىي(ر.ئە) ئالى بەيتنىڭ مەنىۋى شەخسىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكى ۋە ئالى بەيتنىڭ مەنىۋى شەخسىيىتى بولسا، ھەقىقەتى مۇھەممەدىيەنى(س.ئە.ۋ) تەمسىل قىلغانلىقى بويىچە، ھېچكىمنى تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ھەزرىتى ئەلىي(ر.ئە) ھەققىدىكى پەۋقۇلئاددە ماختاش خاراكتىرىدىكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى بۇ ئىككىنچى نۇقتىغا قارايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى قۇۋۋەتلەيدىغان بىر سەھىھ رىۋايەت باركى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەن: «ھەر پەيغەمبەرنىڭ نەسلى ئۆزىدىندۇر، مېنىڭ نەسلىم، ئەلىينىڭ نەسلىدۇر».

  ھەزرىتى ئەلىينىڭ(ر.ئە) شەخسى ھەققىدە باشقا خەلىپىلەردىن كۆپرەك ماختاش خاراكتىرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشىنىڭ سىرى شۇدۇركى، ئەمەۋىيلەر ۋە خاۋارىجلار ئۇنىڭغا ھەقسىز ھۇجۇم قىلغان ۋە كەمسۇندۇرغانلىقىغا قارشى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت بولغان ئەھلى ھەق، ئۇنىڭ ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى كۆپ تارقاتقان. باشقا خەلىپىلەر ئۇنداق تەنقىد ۋە كەمسۇندۇرۇشلارغا ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەققىدىكى ھەدىسلەرنىڭ تارقىلىشىغا ئېھتىياج كۆرۈلمىگەن. ھەم كېلەچەكتە ھەزرىتى ئەلىينىڭ(ر.ئە) ئەلەملىك ھادىسىلەرگە ۋە ئىچكى پىتنىلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى پەيغەمبەرلىك نەزىرى بىلەن كۆرگەن. ھەزرىتى ئەلىينى(ر.ئە) مەيۇسلۇقتىن ۋە ئۈممىتىنى ئۇنىڭ ھەققىدە يامان قاراشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مَنْ كُنْتُ مَوْلاَهُ فَعَلِىٌّ مَوْلاَهُ (مەن كىمنىڭ خوجىسى بولسام، ئەلىيمۇ شۇنىڭ خوجىسىدۇر.)غا ئوخشاش مۇھىم ھەدىسلەر بىلەن ھەزرىتى ئەلىيگە(ر.ئە) تەسەللىي بەرگەن ۋە ئۈممىتىنى توغرا يولغا باشلىغان.

  ھەزرىتى ئەلىيگە(ر.ئە) قارىتا شىئەيى ۋەلايەتنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق مۇھەببەتلىرى ۋە تەرىقەت جەھەتىدىن كەلگەن ئۈستۈن كۆرۈشلىرى، ئۆزلىرىنى شىئەيى خىلافەت دەرىجىسىدە مەسئۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئەھلى ۋەلايەت مەسلەك ئېتىبارى بىلەن، شەيخلىرىگە مۇھەببەت بىلەن قارايدۇ. مۇھەببەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىفراتتۇر(ئاشۇرۇۋېتىشتۇر). سۆيگىنىنى دەرىجىسىدىن ئارتۇق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە شۇنداقمۇ كۆرىدۇ. مۇھەببەتنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشتە مەنىۋى فەيزگە ئىگە بولغانلار ئۆزۈرلۈك بولىشى مۇمكىن. ئەمما ھەزرىتى ئەلىيگە قارىتا بولغان ئۇلارنىڭ مۇھەببەتتىن كەلگەن ئۈستۈن كۆرۈشلىرى، باشقا خەلىپىلەرنى ئەيىپلىمەسلىك ۋە ئۇلارغا ئاداۋەت قىلماسلىق، ھەمدە ئىسلام پرىنسىپلىرىنىڭ سىرتىغا چىقماسلىق شەرتى بىلەن ئۆزۈرلۈك كۆرۈلسە بولىدۇ.

  شىئەيى خىلافەت بولسا، سىياسىي غەرەزلەر ئىچىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن، غەرەزدىن، تاجاۋۇزدىن خالىي بولالمايدۇ، ئۆزۈرلۈك بولۇش ھەققىنى يوقىتىدۇ. ھەتتا لاَ لِحُبِّ عَلِىٍّ بَلْ لِبُغْضِ عُمَرَ (مەقسەت ئەلىيگە بولغان مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ئۆمەرگە بولغان ئاداۋەتتۇر.) سۆزىگە لايىق بولۇپ، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ(ر.ئە) قولى بىلەن ئىران مىللىتى زەربە يىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىنتىقاملىرىنى ئەلىينى ياخشى كۆرۈش سۈرىتىدە كۆرسەتكەنلىكلىرىدەك، ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ ھەزرىتى ئەلىيگە(ر.ئە) قارشى چىققانلىقى ۋە ئۆمەر ئىبنى سەئدنىڭ ھەزرىتى ھۆسەيىنگە(ر.ئە) قارشى پاجىئەلىك ئۇرۇشلىرى، شىئەلەردە ئۆمەر ئىسمىغا قارشى شىددەتلىك ئۆچ ۋە ئاداۋەتنى ئويغاتقاندۇر.

  ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتكە قارشى شىئەيى ۋەلايەتنىڭ ئەھلى سۈننەتنى تەنقىد قىلىشقا ھەققى يوق. چۈنكى ئەھلى سۈننەت ھەزرىتى ئەلىينى(ر.ئە) كەمسۇندۇرمايدۇ، بەلكى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، ھەدىستە خەتەرلىك سانالغان ئارتۇقچە مۇھەببەتتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ھەدىس بويىچە ھەزرىتى ئەلىينىڭ(ر.ئە) شىئەسى(تەرەپدارلىرى) ھەققىدىكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ماختاشلىرى ئەھلى سۈننەتكە ئائىتتۇر. چۈنكى، توغرا مۇھەببەت بىلەن ھەزرىتى ئەلىيگە(ر.ئە) شىئە بولغانلار، ئەھلى ھەق بولغان ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتتۇر. ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ئارتۇق مۇھەببەت ناسارالار ئۈچۈن خەتەرلىك بولغىنىدەك، ھەزرىتى ئەلىي (ر.ئە) ھەققىدىمۇ ئۇ شەكىلدىكى ئارتۇق مۇھەببەتنىڭ سەھىھ ھەدىستە خەتەرلىك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  ئەگەر شىئەيى ۋەلايەت دېسە: ھەزرىتى ئەلىينىڭ(ر.ئە) پەۋقۇلئاددە كامالىتى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ھەزرىتى سىددىقنى(ر.ئە) ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كۆرسە قانداق بولىدۇ؟

  جاۋاب: سىددىقى ئەكبەر بولغان ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ ۋە فارۇقى ئەئزەم بولغان ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ(ر.ئە) شەخسىي كامالەتلىرىنى ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىككە ۋارىسلىق ۋەزىپىسىدە خەلىپىلىك زامانىدىكى كامالەتلىرىگە قوشۇپ تارازىنىڭ بىر تەرىپىگە، ھەزرىتى ئەلىينىڭ(ر.ئە) ھەيران قالارلىق شەخسىي كامالىتى بىلەن بىللە، خەلىپىلىك زامانىسىدىكى مەجبۇرى ھالدا كىرىپ قالغان ئەلەملىك ئىچكى ۋەقەلەر ۋە يامان قاراشلارغا دۇچار بولغان خەلىپىلىك كۆرەشلىرى تارازىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلسا، ئەلۋەتتە ھەزرىتى سىددىقنىڭ(ر.ئە) ياكى فارۇقنىڭ(ر.ئە) ۋەياكى ئوسمان زىننۇرەيننىڭ(ر.ئە) تەرىپى ئېغىر كەلگەنلىكىنى ئەھلى سۈننەت كۆرگەن ۋە بۇلارنى ئۈستۈن كۆرگەندۇر.

  ھەم ئون ئىككىنچى ۋە يىگىرمە تۆتىنچى سۆزلەردە ئىسپات قىلىنغىنىدەك، پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەۋلىيالىققا نىسبەتەن دەرىجىسى ئۇ قەدەر يۈكسەكتۇركى، پەيغەمبەرلىكنىڭ بىر دىرھەمچىلىك جىلۋىسى، ئەۋلىيالىقنىڭ بىر پاتمان جىلۋىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىئىنەزەردىن ھەزرىتى سىددىقى ئەكبەرنىڭ(ر.ئە) ۋە فارۇقى ئەئزەمنىڭ(ر.ئە) پەيغەمبەرلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە پەيغەمبەرلىك ئەھكاملىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى نۇقتىسىدا ئۈلۈشلىرى ﷲ تەرىپىدىن كۆپرەك بىرىلگەنلىكىگە، خەلىپىلىك زامانلىرىدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ نەزىرىدە دەلىل بولغاندۇر. ھەزرىتى ئەلىينىڭ(ر.ئە) شەخسىي كامالىتى، پەيغەمبەرلىككە ۋارىسلىق قىلىشتىن كەلگەن ئۇ زىيادە ئۈلۈشنى ھۆكۈمدىن قالدۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەلىي(ر.ئە) شەيخەينى مۇكەررەمەين بولغان ئىماملارنىڭ خەلىپىلىك زامانلىرىدا ئۇلارغا شەيخۇل ئىسلام بولغان ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلغان. ئەجەبا، ھەزرىتى ئەلىينى(ر.ئە) سۆيگەن ۋە ھۆرمەت قىلغان ئەھلى ھەق ۋە ئەھلى سۈننەت، ھەزرىتى ئەلىي(ر.ئە) سۆيگەن ۋە جىددى ھۆرمەت قىلغان ئىماملارنى قانداقمۇ سۆيمىسۇن ۋە نېمىشقا ھۆرمەت قىلمىسۇن!؟ بۇ ھەقىقەتنى بىر مىسال بىلەن ئىزاھ قىلايلى. مەسىلەن: ناھايىتى باي بىر ئادەمنىڭ مىراسىدىن ئۇنىڭ بالىلىرىدىن بىرسىگە يىگىرمە پاتمان كۈمۈش بىلەن تۆت پاتمان ئالتۇن بىرىلىدۇ، بىرىگە بەش پاتمان كۈمۈش بىلەن بەش پاتمان ئالتۇن بىرىلىدۇ، يەنە بىرىگە بولسا، ئۈچ پاتمان كۈمۈش بىلەن بەش پاتمان ئالتۇن بىرىلسە، ئاخىرىدىكى ئىككىسى گەرچە سان جەھەتتىن ئاز ئالغان بولسىمۇ، بىراق سۈپەت جەھەتتىن ئەلۋەتتە كۆپ ئالغان بولىدۇ. دەل بۇ مىسالدىكىگە ئوخشاش، شەيخەين دېيىلگەن ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ۋە ھەزرىتى ئۆمەرلەرنىڭ(ر.ئە)، پەيغەمبەرلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە پەيغەمبەرلىك ئەھكاملىرىنى تەسىس قىلىشتا جىلۋىلەنگەن ﷲقا ئەقرەبىيەت** ھەقىقىتى ئالتۇنىدىن ئۈلۈشلىرىنىڭ بىر ئاز كۆپلۈكى، شەخسىي كامالەت ۋە ۋەلايەت(ئەۋلىيالىق) جەۋھىرىدىن چىققان ﷲقا قۇربىيەتنىڭ***ۋە ۋەلايەت كامالىتىنىڭ كۆپىنچىسىدىن ئۈستۈن كېلىدۇ. سېلىشتۇرۇشتا بۇ نۇقتىلارنى نەزەرگە ئېلىش كېرەكتۇر. بولمىسا شەخسىي كامالىتى، ئىلمى ۋە ئەۋلىيالىقى نۇقتىسىدا بىربىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلسا، ھەقىقەتنىڭ سۈرىتى ئۆزگىرىدۇ. ھەم ھەزرىتى ئەلىينىڭ زاتىدا كۆرۈنگەن ئالى بەيتنىڭ مەنىۋى شەخسىيىتى ۋە ئۇ مەنىۋى شەخسىيەتتە مۇتلەق ۋارىسلىق جەھەتى بىلەن جىلۋىلەنگەن ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ) نۇقتىسىدا سېلىشتۇرۇلمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ بۈيۈك سىرى بار.

  ئەمما شىئەيى خىلافەتنىڭ بولسا، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتكە قارىتا خىجىللىقتىن باشقا ھېچبىر ھەقلىرى يوقتۇر. چۈنكى بۇلار ھەزرىتى ئەلىينى(ر.ئە) پەۋقۇلئاددە ياخشى كۆرۈش دەۋاسىدا بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇنى كەمسۇندۇرىدۇ ۋە يامان ئەخلاقتا بولغانلىقىنى ئۇلارنىڭ مەزھەبلىرى تەقەززا قىلىدۇ (نەتىجىلەندۈرۈپ قويىدۇ). چۈنكى دەيدۇكى: «ھەزرىتى سىددىق بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر(ر.ئە) ھەقسىز بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەلىي (ر.ئە) ئۇلارغا قارشى تۇرمىغان، شىئەلەرنىڭ تەبىرىچە ئۆزىنى تارتقان. يەنى، ئۇلاردىن قورققان، رىياكارلىق قىلغان». ئەجەبا، بۇنداق بىر ئىسلام قەھرىمانى ۋە «ئەسەدۇللاھ»(ﷲنىڭ شىرى) نامىنى قازانغان، ھەمدە سىددىقلارنىڭ قۇماندانى ۋە رەھبىرى بولغان بىر زاتنى رىياكارلىق ۋە قورقۇنچاقلىق بىلەن، ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن زاتلارغا ياسالمىلارچە مۇھەببەت كۆرسىتىپ، يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قورقۇنچاقلىق ئىچىدە بىللە يۈرۈش ۋە ھەقسىزلارغا بويسۇنۇشنى قوبۇل قىلىش بىلەن سۈپەتلەش، ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئەمەستۇر. ئۇ خىل مۇھەببەتتىن ھەزرىتى ئەلىي (ر.ئە) ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

  ئەھلى ھەقنىڭ مەزھىبى بولسا، ھېچبىر جەھەتتە ھەزرىتى ئەلىينى (ر.ئە) كەمسۇندۇرمايدۇ، يامان ئەخلاق بىلەن قارىلىمايدۇ. ئۇنداق ھەيران قالارلىق شىجائەت قەھرىمانىغا قورقۇنچاقلىق سۈپىتىنى تاڭمايدۇ. ھەم دەيدۇكى: «ھەزرىتى ئەلىي (ر.ئە) بۇرۇنقى خەلىپىلەرنى ھەق كۆرمىگەن بولسا، بىر مىنۇتمۇ تونىمايتتى ۋە ئىتائەت قىلمايتتى. دېمەككى، ئۇلارنى ھەقلىق ۋە ئۈستۈن كۆرگەنلىكى ئۈچۈن غەيرەت ۋە شىجائىتىنى ھەقپەرەستلىك يولىغا تاپشۇرغاندۇر

  خۇلاسە: ھەر نەرسىدە ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىش ياكى ئەكسىچە چۈشۈرىۋېتىش ياخشى ئەمەستۇر. ئىستىقامەت (توغرىلىق) بولسا دەل ۋاسات (ئوتتۇرا يول)دۇركى، ئەھلى سۈننەت ۋە جامائەت ئۇنى ئىختىيار قىلغاندۇر. ئەمما ئەپسۇسكى، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت پەردىسى ئاستىغا ۋاھھابىيلىق ۋە خاۋارىجلىق پىكرى قىسمەن كىرگىنىدەك، سىياسەت مەپتۇنلىرى ۋە بىر قىسىم دىنسىزلار، ھەزرىتى ئەلىينى (ر.ئە) تەنقىد قىلىدۇ. ھاشا سىياسەتنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن خەلىپىلىككە تامامەن لاياقەت كۆرسىتەلمىگەن، ئىدارە قىلالمىغان دېيىشىدۇ. بۇلارنىڭ بۇ ھەقسىز قارىلاشلىرىدىن شىئەلەر ئەھلى سۈننەتكە قارىتا ئاچچىقلاش پوزىتسىيەسىنى تۇتىدۇ. ھالبۇكى، ئەھلى سۈننەتنىڭ دەستۇرلىرى ۋە ئاساس مەزھەبلىرى بۇ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ. بەلكى ئەكسىنى ئىسپات قىلىدۇ. خاۋارىجلار ۋە دىنسىزلار تەرىپىدىن كەلگەن بۇنداق پىكىرلەر بىلەن ئەھلى سۈننەت قارىلانسا بولمايدۇ. بەلكى ئەھلى سۈننەت، شىئەلەردىن بەكرەك ھەزرىتى ئەلىينىڭ (ر.ئە) تەرەپدارلىرىدۇر. پۈتۈن خۇتبىلىرىدە، دۇئالىرىدا ھەزرىتى ئەلىينى (ر.ئە) لايىق بولغان ماختاشلار بىلەن تىلغا ئالىدۇ. خۇسۇسەن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت مەزھىبىدە بولغان ئەۋلىيا ۋە ئەسفىيا ئۇنى مۇرشىد (رەھبەر) ۋە ئەۋلىيالارنىڭ شاھى دەپ بىلىدۇ. شىئەلەر، ھەم شىئەلەرنىڭ ھەم ئەھلى سۈننەتنىڭ ئاداۋىتىگە لايىق بولغان خاۋارىجلارنى ۋە دىنسىزلارنى قويۇپ، ئەھلى ھەققە قارشى تەرەپتە تۇرماسلىقى كېرەك. ھەتتا بىر قىسىم شىئەلەر ئەھلى سۈننەتكە قارشىلىق نامىدىن سۈننەتنى تەرك قىلىشىدۇ. بولدىبۇ تېمىدا كۆپ سۆزلىدۇق. چۈنكى، ئۆلىمالار بۇ تېمىدا كۆپ توختالغاندۇر.

  ئەي ئەھلى ھەق بولغان ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت! ۋە ئەي ئالى بەيتكە بولغان مۇھەببەتنى مەسلەك قىلغان شىئەلەر! تېزدىن بۇ مەنىسىز ۋە ھەقىقەتسىز، ھەقسىز، زىيانلىق بولغان چىقىشماسلىقنى ئاراڭلاردىن كۆتۈرىۋېتىڭلار. بولمىسا، ھازىر قۇۋۋەتلىك بىر سۈرەتتە ھۆكۈم سۈرىۋاتقان دىنسىزلىق ئېقىمى، بىرىڭلارنى يەنە بىرىڭلارنىڭ قارشىسىدا قورال قىلىپ پايدىلىنىدۇ. بۇنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇ قورالنىمۇ سۇندۇرىدۇ. سىلەر تەۋھىد ئەھلى بولغانىكەنسىلەر، ھەمدە قېرىنداشلىقنى، بىرلىشىشنى ئەمىر قىلغان يۈزلەرچە ئاساسلىق مۇقەددەس ئالاقىلار ئالدىڭلاردا تۇرغانىكەن، بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇششاق مەسىلىلەرنى تاشلاش زۆرۈردۇر.

———————————————————-

* سۈننەتى سەنىييە: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالى ۋە يۈكسەك ھايات يولى.ت

** ئەقرەبىيەت: تېخىمۇ يېقىنلىق، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بولغان يېقىنلىقى.ت

***قۇربىيەت: يېقىنلىق، ئاللاھنىڭ مەنىۋى يېقىنلىقىنى قازىنىش.ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.