ئىنساننىڭ ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى بار، بىلەمسىز؟

ئىنساننىڭ ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى بار، بىلەمسىز؟

ئىنساننىڭ ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى:

  بىرىنچىسى: كائىناتتا يېيىلغان پۈتۈن نىمەت تۈرلىرىنى ئىنسان ئارقىلىق تەرتىپكە قويۇپ، ئىنساننىڭ مەنپەئەتلىنىش يىپى بىلەن تەسبىھ دانىلىرىدەك ئىنتىزامغا سالىدۇ، نىمەتلەرنىڭ يىپلىرىنىڭ ئۇچلىرىنى ئىنساننىڭ بېشىغا باغلايدۇ، رەھمەت خەزىنىلىرىنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىگە ئىنساننى بىر تىزىملىك ھۆكمىگە كەلتۈرگەندۇر.

  ئىككىنچى ۋەزىپىسى: ھەييۇل قەييۇم بولغان زاتنىڭ خىتابلىرىغا مۇجەسسەملىك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئەڭ مۇكەممەل مۇخاتاب (خىتاپ قىلىنغۇچى) بولۇش، ھەيرانلىق بىلەن سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقدىرلەش ۋە ئالقىشلاش ئارقىلىق، ئەڭ يۇقىرى سادالىق بىر ئېلانچى بولۇش ۋە ئىدراكلىق بولغان شۈكۈرلەرنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى بىلەن پۈتۈن نىمەت تۈرلىرىگە ۋە خىلمۇخىل چەكسىزلىگەن ئېھسانلىرىغا شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانا قىلىشتۇر.

  ئۈچىنچى ۋەزىپىسى: ھايات بىلەن ئۈچ جەھەتتە ھەييۇل قەييۇم بولغان زاتقا، شۇئۇناتىغا ۋە ھەممىنى قورشىغان سۈپەتلىرىگە ئەينەكدارلىق قىلماقتۇر.

  بىرىنچى جەھەتى: ئىنساننىڭ مۇتلەق ئاجىزلىقى بىلەن ياراتقۇچىسىنىڭ مۇتلەق قۇدرىتىنى، ئاجىزلىق دەرىجىلىرى بىلەن قۇدرىتىنىڭ مەرتىۋىلىرىنى ھېس قىلىشىدۇر.

  مۇتلەق پېقىرلىقى بىلەن رەھمىتىنى ۋە رەھمىتىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئىدراك قىلىشى، زەئىپلىك بىلەن ئۇنىڭ قۇۋۋىتىنى چۈشىنىشىدۇر ۋەھاكازانۇقسانلىق سۈپەتلىرى بىلەن ياراتقۇچىسىنىڭ كامالىي سۈپەتلىرىگە سېلىشتۇرما ئەينەك بولۇشى، كېچىدە نۇرنىڭ تېخىمۇ زىيادە پارلىشىدەك ۋە كېچە قاراڭغۇلىقىنىڭ ئېلېكتىر لامپىلىرىنى كۆرسىتىشكە مۇكەممەل بىر ئەينەك بولغىنىدەك، ئىنسانمۇ شۇ خىل نۇقسانلىق سۈپەتلىرى ئارقىلىق ﷲنىڭ كامالەتلىرىگە ئەينەكدارلىق قىلىشىدۇر.

  ئىككىنچى جەھەت: ئىنسان جۈزئىي ئىرادىسى، ئازغىنا ئىلمى، كىچىككىنە قۇدرىتى، كۆرۈنۈشتىكى ئىگىدارچىلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆيىنى بىنا قىلىشى بىلەن بۇ كائىنات ئۇستىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى، سەنئىتىنى، ئىرادىسىنى، قۇدرىتىنى ۋە ئىلمىنى كائىناتنىڭ چوڭلۇقى نىسبىتىدە چۈشىنىدۇ، ئەينەكدارلىق قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى جەھەتتىكى ئەينەكدارلىقىنىڭ ئىككى يۈزى بار:

  بىرىسى: ئىلاھىي ئىسىملارنىڭ باشقاباشقا نەقىشلىرىنى ئۆزىدە كۆرسىتىشتۇر. گويا ئىنسان مۇجەسسەملىكى بىلەن كائىناتنىڭ كىچىك بىر مۇندەرىجىسى ۋە بىر كىچىكلىتىلگەن مىسالى ھۆكمىدە بولۇپ، پۈتۈن ئىسىملارنىڭ نەقىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئىككىنچى يۈزى: ئىلاھىي شۇئۇناتقا ئەينەكدارلىق قىلىدۇ. يەنى، ئۆز ھاياتى بىلەن ھەييۇل قەييۇم بولغان ﷲنىڭ ھاياتىغا ئىشارەت قىلغىنىدەك، ئۆز ھاياتىدىكى قۇلاق ۋە كۆزدەك تۇيغۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھەييۇل قەييۇمنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈشتەك سۈپەتلىرىگە ئەينەكدارلىق قىلىدۇ، بىلدۈرىدۇ.

  شۇنداقلا ئىنسان، ئۆزىنڭ ھاياتىدىكى تەرەققىي قىلمىغان، ھېس ۋە سەزگۈ سۈرىتىدە ھاياجانغا كېلىدىغان ۋە بەكمۇ كۆپ سۈرەتتە بولغان ئىنتايىن ئىنچىكە ھاياتىي تۇيغۇلار، مەنىلەر ۋە ھېسلار ۋاستىسى ئارقىلىق زاتى ھەييۇل قەييۇمنىڭ مۇقەددەس شۇئۇناتىغا ئەينەكدارلىق قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ھېسلار ئىچىدە سۆيۈش، ئىپتىخارلىنىش، مەمنۇن بولۇش، سۆيۈنۈش، راھەتلىنىشتەك مەنىلەر ئارقىلىق، زاتى ئەقدەسنىڭ مۇقەددەسلىكىگە، مۇتلەق ئىستىغناسىغا مۇناسىپ ۋە لايىق بولۇش شەرتى بىلەن ئۇ تۈردىن دېيىشكە بولىدىغان شۇئۇناتىغا ئەينەكدارلىق قىلىدۇ.

  ھەمدە ئىنسان مۇجەسسەم ھاياتى ئارقىلىق ﷲنىڭ سۈپەت ۋە شۇئۇناتىنى بىر تونۇش ئۆلچىمىدۇر. ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىسىگە بىر مۇندەرىجىدۇر. ۋە ئىدراكلىق بىر ئەينەكتۇر ۋەھاكازاشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ جەھەتلەردە زاتى ھەييۇل قەييۇمغا ئەينەكدارلىق قىلغاندەك، ئىنسان شۇ كائىنات ھەقىقەتلىرىگە بىر قىياسىي ئۆلچەم بىرلىكىدۇر، بىر مۇندەرىجىدۇر، بىر تارازىدۇر.

  مەسىلەن: كائىناتتا لەۋھۇلمەھفۇزنىڭ بارلىقىغا بەكمۇ قەتئىي بولغان بىر دەلىل ۋە بىر نەمۇنە ئىنساندىكى ئەستە ساقلاش ھېسسىدۇر. مىسال ئالىمىنىڭ بارلىقىغا قەتئىي دەلىل ۋە نەمۇنە خىيال سېزىمىدۇر. (ھاشىيە) كائىناتتىكى روھانىلارنىڭ بارلىقىنىڭ بىر دەلىلى ۋە نەمۇنىسى ئىنساندىكى ھېستۇيغۇلاردۇر ۋەھاكازائىنسان كىچىك بىر مىقياستا كائىناتتىكى ئىمان ھەقىقەتلىرىنى كۆرگەندەك دەرىجىدە كۆرسىتەلەيدۇ.

  ئىنساننىڭ يۇقىرىدىكى مانا بۇ ۋەزىپىلىرىدەك كۆپلىگەن مۇھىم خىزمەتلىرى بار. باقىي بىر جامالغا ئەينەكتۇر، سەرمەدىي بىر كامالنى كۆرسىتىدىغان ئېلانچىدۇر ۋە ئەبەدىي رەھمەتكە ئېھتىياجلىق شۈكۈر قىلغۇچىدۇر. مادەم جامال، كامال، رەھمەت باقىيدۇر، ئەبەدىيدۇر، ئۇنداقتا ئەلۋەتتە ئۇ باقىي جامالنىڭ ئىشتىياقلىق ئەينىكى، ئۇ سەرمەدىي كامالنىڭ ئاشىق ئېلانچىسى ۋە ئۇ ئەبەدىي رەھمەتنىڭ ئېھتىياجلىق شۈكۈر قىلغۇچىسى بولغان ئىنسان باقىي قېلىش ئۈچۈن بىر باقىيلىق دىيارىغا كىرىدۇ. ئۇ باقىيلارغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن ئەبەدكە بارىدۇ. ۋە ئۇ ئەبەدىي جامال، سەرمەدىي كامال ۋە دائىمىي رەھمەت بىلەن ئەبەدىلئەبەد بىللە بولۇشى لازىمدۇر، زۆرۈردۇر. چۈنكى ئەبەدىي بىر جامال فانىي بىر ئىشتىياق ئىگىسىگە ۋە زاۋال تاپقۇچى بىر دوستقا رازى بولمايدۇ. چۈنكى جامال ئۆزىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن سۆيۈشىگە جاۋابەن مۇھەببەت خالايدۇ. زاۋال تېپىش ۋە يوقىلىش بولسا ئۇ مۇھەببەتنى ئاداۋەتكە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئەبەدكە يۈزلىنىپ باقىي قالمىسا، يارىتىلىشىدىكى سەرمەدىي جامالغا قارىتا بولغان قۇۋۋەتلىك مۇھەببەت ئورنىدا ئاداۋەت شەكىللىنىدۇ. ئونىنچى سۆزنىڭ ھاشىيەسىدە بايان قىلىنغىنىدەك، بىر زامان بىر دۇنيا گۈزىلى بىر ئاشىقىنى ھۇزۇرىدىن ھەيدەيدۇ. ئۇ ئادەمدىكى ئاشىقلىق بىردىنلا ئاداۋەتكە ئۆزگىرىدۇ ۋە دەيدۇكى: «تۈفى! نەقەدەر سەتدەپ ئۆزىگە تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن جامالىدىن ئاغرىنىدۇ، گۈزەللىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇنداق، ئىنسان بىلمىگەن نەرسىگە دۈشمەن بولغىنىدەك، قولى يېتىشمىگەن ياكى ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرنىڭ قۇسۇرىنى ئاداۋەت بىلەن ئىزدەيدۇ. ھەتتا دۈشمەنلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  مادەم پۈتۈن كائىناتنىڭ شاھادىتى بىلەن ھەقىقىي مەھبۇب (سۆيۈلگۈچى) ۋە مۇتلەق گۈزەللىك ئىگىسى بولغان ﷲ پۈتۈن گۈزەل ئەسمائۇل ھۇسناسى بىلەن ئۆزىنى ئىنسانغا سۆيدۈرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۇنى سۆيۈشلىرىنى خالايدۇ. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ھەم مەھبۇبى ھەم ھەبىبى (ياخشى كۆرگىنى) بولغان ئىنسانغا فىترى (تەبئىي) بىر ئاداۋەتنى بېرىپ ئىچئىچىدىن چوڭقۇر قايغۇغا مۇبتىلا قىلمايدۇ. يارىتىلىشىدىن ھەممىدىن بەك سۆيۈملۈك ۋە مۇھەببەتكە باي، ھەمدە ئىبادەت ئۈچۈن ياراتقان، ئەڭ ئۆزگىچە مەخلۇقى بولغان ئىنساننىڭ روھىغا ئۇنىڭ تەبىئىتىگە تامامەن زىت ھالدا يوشۇرۇن بىر ئاداۋەتنى قويمايدۇ. چۈنكى ئىنسان سۆيگەن ۋە قەدىرقىممىتىنى ئالقىشلىغان مۇتلەق بىر جامالدىن ئەبەدىي ئايرىلىشتىن كەلگەن چوڭقۇر جاراھىتىنى پەقەتلا ئۇنىڭغا ئاداۋەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق داۋالايدۇ. كاپىرلارنىڭ ﷲنىڭ دۈشمىنى بولۇشى مۇشۇ نۇقتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنداق بولسا، ئۇ ئەزەلىي جامال ئۆزىنىڭ ئىشتىياقلىق ئەينىكى بولغان ئىنسان بىلەن ئەبەدىلئەبەد يولىدىكى ساياھىتىدە بىللە بولۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر باقىي دىياردا ئۇ ئىنساننى بىر باقىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ.

  شۇنداق، مادەم ئىنسان يارىتىلىشىدىن باقىي بىر جامالغا ئاشىق ۋە مۇشتاق بىر سۈرەتتە يارىتىلغاندۇر.

  ۋە مادەم باقىي بىر جامال ئۆتكۈنچى بىر مۇشتاققا رازى بولمايدۇ.

  ۋە مادەم ئىنسان بىلمىگەن، يېتىشمىگەن ياكى ئېرىشەلمىگەن مەقسىتىدىن كەلگەن قايغۇ ۋە ئەلەمدىن تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن ئۇ نەرسىنىڭ قۇسۇرىنى تېپىش ئارقىلىق، ھەتتا يوشۇرۇن ئاداۋەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تېنچلاندۇرىدۇ.

  ۋە مادەم بۇ كائىنات ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلغان، ئىنسان بولسا ﷲنى تونۇش ۋە سۆيۈش ئۈچۈن يارىتىلغان.

  ۋە مادەم بۇ كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئىسىملىرى بىلەن بىللە ئەبەدىيدۇر.

  ۋە مادەم ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرى دائىمىي، باقىي ۋە ئەبەدىي بولىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن ئەلۋەتتە ۋە ئەلۋەتتە ئىنسان بىر باقىي دىيارغا بارىدۇ ۋە باقىي بىر ھاياتقا ئىگە بولىدۇ

  ئىنساننىڭ قىممىتىنى، ۋەزىپىلىرىنى ۋە كامالىتىنى بىلدۈرگەن ئەڭ بۈيۈك رەھبەر، ئەڭ كامىل ئىنسان بولغان مۇھەممەدى ئەرەبى ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئىنسانغا دائىر بىز بايان قىلغان پۈتۈن كامالەتنى ۋە ۋەزىپىلەرنى ئەڭ مۇكەممەل بىر سۈرەتتە ئۆزىدە ۋە دىنىدا كۆرسىتىشى بىلەن كۆرسىتىدۇكى، كائىنات ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلغان، ھەمدە كائىناتتىن مەقسۇد (مەقسەت قىلىنغان) ۋە مۇنتەھاب (تاللىنىلغان) مەخلۇق ئىنساندۇر. شۇنىڭدەك ئىنسان ئىچىدىنمۇ ئەڭ بۈيۈك مەقسۇد، ئەڭ قىممەتلىك مۇنتەھاب ۋە ئەڭ پارلاق ئەھەدىيەت ۋە سەمەدىيەت ئەينىكى ئەھمەدى مۇھەممەدتۇر.

عَلَيْهِ وَ عَلَى آلِهِ الصَّلاَةُ و السَّلاَمُ بِعَدَدِ حَسَنَاتِ اُمَّتِهِ

(ئۈممىتىنىڭ ساۋاپلىرى سانىچە ئۇنىڭغا ۋە ئائىلەتاۋاباتلىرىغا

سالاتۇسالاملار بولسۇن.)

يَا اَللّهُ يَا رَحْمنُ يَا رَحِيمُ يَا فَرْدُ يَا حَىُّ يَا قَيُّومُ

يَا حَكَمُ يَا عَدْلُ يَا قُدُّوسُ

نَسْئَلُكَ بِحَقِّ فُرْقَانِكَ الْحَكِيمِ وَ بِحُرْمَةِ حَبِيبِكَ اْلاَكْرَمِ

وَ بِحَقِّ اَسْمَائِكَ الْحُسْنَى وَ بِحُرْمَةِ اِسْمِكَ اْلاَعْظَمِ اِحْفَظْنَا مِنْ شَرِّ النَّفْسِ وَ الشَّيْطَانِ وَ مِنْ شَرِّ الْجِنِّ

وَ اْلاِنْسَانِ آمِينَ

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

———————————————————

*(ھاشىيە): شۇنداق، خۇددى ئىنسان بەدىنىنىڭ زەررىلىرى كائىناتنىڭ ئېلېمېنتلىرىدىن، سۆڭەكلىرى تاش ۋە قىيالىرىدىن، چاچلىرى ئۆسۈملۈك ۋە دەرەخلەردىن، ئېقىۋاتقان قانلىرى، ھەمدە كۆز، قۇلاق، بۇرۇن ۋە ئېغىزلىرىدىن ئاققان باشقاباشقا سۇلىرى زېمىندىكى بۇلاق ۋە مېنىرال سۇلىرىدىن خەۋەر بېرىپ، دالالەت قىلىپ ئۇلارغا ئىشارەت قىلغىنىدەك، ئوخشاشلا ئىنساننىڭ روھى روھلار ئالىمىدىن، ئەستە ساقلاش سېزىمى لەۋھۇلمەھفۇزدىن، خىيالى مىسال ئالىمىدىن ۋەھاكازاھەر بىر ھېستۇيغۇسى بىر ئالىمىدىن خەۋەر بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بارلىقىغا قەتئىي گۇۋاھلىق قىلىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.