ناماز ئوقۇش ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلماسلىق ھەققىدە

ناماز ئوقۇش ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلماسلىق ھەققىدە

بەشىنچى سۆز

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿اِنَّ اللّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ*

  ناماز ئوقۇش ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلماسلىق ئىنساننىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە ھەقىقى ۋەزىپىسى، ھەمدە ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى نەقەدەر مۇناسىپ ۋە تەبىئى نەتىجە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلى ھېكايىنى ئاڭلا:

  ئۇرۇش مەزگىلىدە، بىر ھەربى قىسىمدا، بىرى بىلىملىك ۋە ۋەزىپەپەرۋەر، يەنە بىرى نادان ۋە نەفسپەرۋەر ئىككى ئەسكەر بار ئىدى. ۋەزىپەپەرۋەر ئەسكەر ھەربىي تەلىم ۋە جەڭ ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرەتتى. رىزىق ۋە تەمىناتىنى ھېچ ئويلىمايتتى، چۈنكى ئۇ چۈشەنگەنكى، ئۇنىڭ قورسىقىنى بېقىش، لازىمەتلىكلىرىنى بېرىش، كېسەل بولۇپ قالسا داۋالاش، ھەتتا لوقمىنى ئاغزىغا سېلىپ قويۇشقا قەدەر ئىشلار دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى، ھەربىي تەلىم ۋە جەڭ ئىشلىرىدۇر. بىراق بەزىدە ئوزۇقتۈلۈك ۋە قورالياراققا ئائىت ئىشلاردا ئىشلەيدۇ، قازان قاينىتىدۇ، قاچاقۇچا يۇيىدۇ. ئۇنىڭدىن:

نېمە قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سورالسا، «ئۆز تېرىكچىلىكىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن» دىمەيدۇ، بەلكى «دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمەندەيدۇ.

  يەنە بىرى ئاچكۆز ۋە نادان ئەسكەر بولۇپ، ھەربىي تەلىم ۋە جەڭ ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيتتى، «ئۇ دېگەن دۆلەتنىڭ ئىشى، مېنىڭ نېمە كارىم!» دەيتتى. دائىم تىرىكچىلىكىنى ئويلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پالاقشىيتتى. ئارمىيەنى تاشلاپ، بازارغا بېرىپ سوداسېتىق قىلاتتى.

  بىر كۈنى بىلىملىك دوستى ئۇنىڭغا دېدى:

  –بۇرادەر، ھەقىقى ۋەزىپەڭ ھەربىي تەلىم ۋە جەڭ ئىشلىرىدۇر، سەن ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەنسەن، پادىشاھقا ئىشەن، ئۇ سېنى ئاچ قويمايدۇ، سېنى بېقىش ئۇنىڭ ۋەزىپىسدۇر. يەنە بىر جەھەتتىن سەن بەكلا ئاجىز ۋە پېقىرسەن، ھەر ۋاقىت ھەر يەردە ئۆزۈڭنى باقالمايسەن. ھەم بۇ دېگەن ئۇرۇش مەزگىلى، ئارمىيەنى تەرك قىلساڭ، ساڭا قاچاق دەپ جازا بېرىشىدۇ. قارىساق كۆز ئالدىمىزدا ئىككى خىل ۋەزىپە كۆرۈنىۋاتىدۇ: بىرىسى پادىشاھنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ، (بىز ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا رىئايە قىلساقلا) ئۇنىڭ بىزنى بېقىشىدۇر. يەنە بىرى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بولۇپ، (پادىشاھ بىزگە ئوڭايلىق يارىتىپ ياردەم بېرىدۇكى) ھەربىي تەلىم ۋە جەڭ ئىشلىرىدۇر.

  ئەجەبا شۇ ئەخمەق ئەسكەر ئۇ بىلىملىك پىداكارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىسا، قانچىلىك زىيان ۋە خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئەلۋەتتە چۈشىنىشلىك.

  ئەي ھورۇن نەفسىم! ئۇ قالايمىقان ئۇرۇش مەيدانى بولسا، بۇ دولقۇنلۇق دۇنيا ھاياتىدۇر. قىسىملارغا تەقسىم قىلىنغان ئۇ ئارمىيە بولسا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدۇر. ئۇ قىسىم بولسا شۇ ئەسىردىكى ئىسلام جامائىتىدۇر. ئۇ قىسىمدىكى ئىككى ئەسكەر بولسا، بىرىسى دىنى پەرزلەرنى بىلىپ ئورۇنلىغان ۋە گۇناھلارنى قىلماسلىق ئۈچۈن نەفس ۋە شەيتان بىلەن كۆرەش قىلغان تەقۋادار مۇسۇلماندۇر. يەنە بىرى بولسا، ھەقىقىي رىزىق بەرگۈچى ﷲنىڭ (رىزىق بېرىدىغانلىقىغا) ئىشەنمەسلىك دەرىجىسىدە تىرىكچىلىك دەردىگە شۇڭغۇپ، پەرزلەرنى تەرك قىلىپ تىرىكچىلىك يولىدا ئۇچرىغان گۇناھلارنى قىلىۋەرگەن گۇناھكار پاسىقنىڭ مىسالىدۇر. ئۇ ھەربىي تەلىم بولسا (باشتا ناماز بولۇپ) ئىبادەتتۇر. ئۇ ئۇرۇش بولسا، نەفس، ھەۋايىھەۋەس، ھەمدە جىننى ۋە ئىنسى شەيتانلارغا قارشى كۆرەش قىلىپ، قەلب ۋە روھىنى گۇناھلاردىن ۋە رەزىل ئەخلاقلاردىن مۇھاپىزەت قىلىپ ئەبەدىي ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىشتۇر. ئۇ ئىككى ۋەزىپە بولسا، بىرىسى، ھاياتلىقنى بېرىپ (ياشىتىپ) بېقىشتۇر. يەنە بىرى ھاياتنى بېرىپ باققۇچىغا (ﷲقا) مۇھەببەت بىلەن يالۋۇرۇشتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىپ ئىشەنچ باغلاشتۇر.

  شۇنداق، ئەڭ پارلاق بىر سەمەدانىي سەنئەت مۆجىزىسى ۋە ئاجايىپ بىر رەببانىي ھىكمەت ئەسىرى بولغان ھاياتنى كىم بەرگەن بولسا، لايىق رىزىق ئارقىلىق ئۇ ھاياتنى بېقىپ تەمىنلىگەن، ياشىتىپ داۋام قىلدۇرغان يەنە شۇدۇر، باشقىسى بولالمايدۇ

  چۈنكى قارىساڭ، ئەڭ ئاجىز، ئەڭ ئەقىلسىز ھايۋان ئەڭ ياخشى بېقىلىدۇ (مېۋە قۇرتلىرى ۋە بېلىقلاردەك). ئەڭ قۇۋۋەتسىز، ئەڭ نازۇك مەخلۇق رىزىقنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى يەيدۇ (ئىنسان ۋە ھايۋان بالىلىرىدەك). دېمەك، ھالال رىزىق ئىقتىدار ۋە ئىختىيارنىڭ (كۈچلۈكلىكى) نىسبىتىدە ئەمەس، بەلكى ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكنى بىلىش نەتىجىسدە كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يىرتقۇچلار بىلەن ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىنى، سېمىز بېلىقلار بىلەن ئورۇق تۈلكىلەرنى، (رىزقى يۈگۈرەپ كېلىدىغان) دەرەخلەر بىلەن (رىزىققا يۈگۈرەيدىغان) ھايۋانلارنى نەزەرگە ئېلىش يېتەرلىكتۇر. (دېمەك رىزىق ﷲتىندۇر.)

  ئەمدى، تىرىكچىلىك دەردى ئۈچۈن نامازنى تاشلىغان كىشى، چېنىقىشنى ۋە قورغاننى تاشلاپ بازاردا تىلەمچىلىك قىلغان ھېلىقى ئەسكەرگە ئوخشايدۇ. بىراق نامازنى ئۆتىگەندىن كېيىن چەكسىز ساخاۋەت ئىگىسى بولغان رىزىق بەرگۈچى ﷲنىڭ رەھمەت خەزىنىسىدىن رىزقىنى ئىزدەش ۋە باشقىلارغا يۈك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزى تېرىشىش ياخشىدۇر، يۈكسەكلىكتۇر، بۇمۇ بىر ئىبادەتتۇر.

  ھەمدە ئىنساننىڭ ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىغا فىترەتى (تەبىئىتى) ۋە مەنىۋى تۈزۈلمىلىرى دەلىلدۇر. چۈنكى دۇنياۋى ھاياتنىڭ تەمىنلىنىشى جەھەتتە ئادەتتىكى بىر قۇشقاچچىلىك بولالمايدۇ. بىراق مەنىۋى ۋە ئاخىرەتلىك ھايات ئۈچۈن لازىم بولغان ئىلىم ئېلىپ، مۇھتاجلىقىنى بىلىپ ﷲقا يالۋۇرۇش ۋە ئىبادەت قىلىش جەھەتتە پۈتۈن ھايۋانلارنىڭ سۇلتانى ۋە قوماندانى ھۆكمىدە بولىدۇ.

 دېمەك، ئەي نەفسىم! ئەگەر دۇنياۋى ھاياتنى بىردىنبىر غايە قىلساڭ ۋە ئۇ بويىچە دائىم تېرىشساڭ، ئەڭ ئادەتتىكى بىر قۇشقاچنىڭ ئەسكىرى دەرىجىسىدە بولىسەن. ئەگەر ئاخىرەتلىك ھاياتنى بىردىنبىر مەقسەت قىلىپ، بۇ ھاياتنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاستە قىلساڭ، ھەمدە (ئۇ يەردىكى ھوسۇل ئۈچۈن) ئېتىز ھۆكمىدە كۆرۈپ ئۇ بويىچە تېرىشساڭ، ئۇ چاغدا ھايۋاناتلارنىڭ بۈيۈك بىر قوماندانى، ھەمدە بۇ دۇنيادا ﷲنىڭ سۆيۈملۈك بىر قۇلى ۋە شەرەپلىك بىر مېھمىنى دەرىجىسىگە چىقىسەن.

  مانا ساڭا ئىككى يول، خالىغىنىڭنى تاللىساڭ بولىدۇ. ھىدايەت ۋە تەۋپىقنى ئەرھەمەرراھىمىن بولغان ﷲتىن تىلە

———————————————-

(شۈبھىسىزكى، ﷲ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. (سۈرە نەھل: 128)*


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.