قېرىنداشلىق ھەققىدە

قېرىنداشلىق ھەققىدە

يولۇم ھەق ياكى تېخىمۇ ياخشى دېيىشكە ھەققىڭ بار،

لېكىن «ھەق يول مېنىڭلا يولۇمدۇر» دېيىشكە ھەققىڭ يوقتۇر.

بِاسْمِهِ

﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾

(كائىناتتا) ﷲنى مەدھىيىلەپ تەسبىھ ئېيتمايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر.

(سۈرە بەنى ئىسرائىل: 44)

يىگىرمە ئىككىنچى مەكتۇپ

بۇ مەكتۇپ ئىككى قىسىمدۇر

(بىرىنچى قىسىم ئەھلى ئىماننى قېرىنداشلىققا ۋە مۇھەببەتكە دەۋەت قىلىدۇ.)

بىرىنچى قىسىم

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

   اِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ اِخْوَةٌ فَاَصْلِحُوا بَيْنَ اَخَوَيْكُمْ ٭ اِدْفَعْ بِالَّتِى هِىَ اَحْسَنُ فَاِذَا الَّذِى بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَاَنَّهُ وَلِىٌّ حَمِيمٌ ٭ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ

وَاللّٰهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ

مۆئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىندىشىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار. (سۈرە ھۇجۇرات: 10)،ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. (سۈرە فۇسسىلەت: 34)،(ئۇلار ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇپ) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ﷲ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (سۈرە ئال ئىمران: 134)

   مۆئمىنلەردە ئىتتىپاقسىزلىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە، ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىشكە سەۋەب بولغان تەرەپۋازلىق، تالاش–تارتىش ۋە ھەسەتخورلۇقلار ھەقىقەت بويىچە، ھېكمەت بويىچە، ئىنسانىيەتى كۇبرا (چوڭ ئىنسانىيەت) دېيىلىدىغان ئىسلامىيەت بويىچە، شۇنداقلا شەخسى ھايات، ئىجتىمائى ھايات ۋە مەنىۋى ھايات بويىچە يىرگىنچلىك ۋە ناچار ئىللەتلەر بولۇپ زىيانلىق ۋە زۇلۇم ھېساپلىنىدۇ. ھەمدە ئىنسانىيەت ھاياتى ئۈچۈنمۇ زەھەردۇر. شۇ ھەقىقەتنىڭ ناھايىتى كۆپ تەرەپلىرىدىن ئالتە جەھەتنى بايان قىلىمىز.

   بىرىنچى جەھەت: ھەقىقەت نۇقتى نەزىرىدە زۇلۇمدۇر.

   ئەي مۆئمىنگە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك قىلغان ئىنساپسىز ئىنسان! سەن بىر كېمىدە ياكى بىر ئۆيدە بولغان بولساڭ، سەن بىلەن بىللە توققۇز گۇناھسىز ۋە بىر قاراقچى بولسا، ئۇ كېمىنى غەرق قىلىشقا ياكى ئۇ ئۆيگە ئوت قويۇپ بېرىشكە ئۇرۇنغان بىر كىشىنىڭ نەقەدەر زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىسەن ۋە زالىملىقىنى ئاسمانغا ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە توۋلاپ ئېلان قىلىسەن. ھەتتا بىرلا گۇناھسىز توققۇز قاراقچى بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۇ كېمە ھېچبىر ئادالەت قانۇنى بويىچە چۆكتۈرۈلمەيدۇ.

   دەل مۇشۇ مىسالغا ئوخشاش، ﷲنىڭ بىر ئۆيى ۋە بىر كېمىسى ھۆكمىدە بولغان بىر مۆئمىننىڭ تېنىدە ئىمان، ئىسلامىيەت ۋە قوشنىدارچىلىقتەك توققۇز ئەمەس، بەلكى يىگىرمىدەك گۇناھسىز سۈپەتلىرى بار تۇرسا، ساڭا زىيانلىق بولغان ياكى ياقمىغان بىر يامان سۈپىتى يۈزىدىن ئۇنىڭغا ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، مەنىۋى ئۆي ھۆكمىدىكى ئۇ تەننى، مەنىۋى جەھەتتىن غەرق قىلىۋېتىشكە، كۆيدۈرىۋېتىشكە ۋە چۆكتۈرۈپ ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشۇڭ ياكى ئارزۇ قىلىشىڭ يۇقىرىقى مىسالدىكىدەكلا ناھايىتى ئېچىنىشلىق زۇلۇمدۇر.

    ئىككىنچى جەھەت: ھېكمەت جەھەتتىمۇ زۇلۇمدۇر.

   مەلۇمدۇركى، ئاداۋەت بىلەن مۇھەببەت، نۇر بىلەن قاراڭغۇلۇققا ئوخشاش بىر ـ بىرىگە زىتتۇر. ئىككىسى ھەقىقىي مەنىسى بويىچە بىللە جەم بولالمايدۇ. ئەگەر مۇھەببەت، ئۆزىنى نەتىجىلەندۈرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ ئۈستۈنلىكىگە قارىتا ھەقىقىي ھالدا بىر قەلبدە بولغان بولسا، ئۇ ۋاقىت ئاداۋەت ھەقىقىي بولمايدۇ، ئىچ ئاغرىتىش شەكلىگە ئۆزگىرىدۇ. شۇنداق، مۆئمىن كىشى قېرىندىشىنى سۆيىدۇ ۋە سۆيىشى كېرەك. لېكىن يامانلىقى ئۈچۈن پەقەتلا ئىچ ئاغرىتىدۇ. ھۆكۈمرانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلتىپات بىلەن تۈزىلىشىگە تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىستە دېيىلگەن: «مۆئمىن مۆئمىنگە قېيداپ ئۈچ كۈندىن ئارتۇق گەپلەشمەسلىككە بولمايدۇ

   ئەگەر ئاداۋەت ھەقىقىي ھالدا بىر قەلبتە بولسا، ئۇ ۋاقىت مۇھەببەت ھەقىقىي بولمايدۇ، ياسالمىچىلىق، ھىيلىگەرلىك شەكلىگە كىرىدۇ.

   ئەي ئىنساپسىز ئىنسان! مۆئمىن قېرىندىشىڭغا ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىكنىڭ نەقەدەر زۇلۇم ئىكەنلىكىگە قاراكى، سەن ئاددى كىچىك تاشلارنى كەئبىدىنمۇ قىممەتلىك ۋە ئۇھۇد تېغىدىنمۇ چوڭ دېسەڭ بەكمۇ ئەقىلسىزلىق قىلغان بولىسەن. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، كەئبە ھۆرمىتىدە بولغان ئىماندەك ۋە ئۇھۇد تېغى چوڭلىقىدا بولغان ئىسلامىيەتتەك كۆپلىگەن ئىسلامىي سۈپەتلەر، مۇھەببەتنى ۋە ئىتتىپاقلىقنى تەلەپ قىلسىمۇ، مۆئمىنلەرگە قارشى ئاداۋەتكە سەۋەب بولغان ئاددى تاشلار ھۆكمىدىكى بەزى قۇسۇرلارنى، ئىمان ۋە ئىسلامىيەتتىن ئۈستۈن بىلىشنىڭ، ئاشۇ دەرىجىدە ئىنساپسىزلىق ۋە ئەقىلسىزلىق، ھەمدە ناھايىتى چوڭ بىر زۇلۇم بولىدىغانلىقىنى ئەقلىڭ بولسا چۈشىنىسەن.

   شۇنداق، ئىماننىڭ بىردەكلىكى ئەلۋەتتە قەلبلەرنىڭ بىرلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقلا ئېتىقاد بىرلىكىمۇ، جەميەتنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى كېرەك قىلىدۇ. ئىنكار قىلالمايسەنكى، سەن بىرىسى بىلەن بىر ئارمىيەدە بىللە بولغان بولساڭ، ئۇ كىشىگە قارىتا دوستانە بىر مۇناسىۋەت ھېس قىلىسەن. بىر قۇمانداننىڭ ئەمرى ئاستىدا بولغانلىقىڭلاردىن بىر قېرىنداشلارچە ئالاقە پەيدا بولىدۇ. ھەمدە بىر شەھەردە بىللە بولۇش بىلەن تۇغقانلارچە بىر مۇناسىۋەت ھېس قىلىسەن. ھالبۇكى ئاراڭلاردا، ئىمان ساڭا كۆرسەتكەن ۋە بىلدۈرگەن ئىلاھىي ئىسىملار سانىچە، ئۇ تەمىن قىلغان نۇر ۋە زېھىن ئارقىلىق ھېس قىلىنىدىغان بىرلىك ئالاقىلىرى، ئىتتىپاقلىق باغلىرى ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى بار.

    مەسىلەن، ھەر ئىككىڭلارنىڭ ياراتقۇچىڭلار بىر، مالىكىڭلار بىر، مەبۇدىڭلار بىر، رىزىق بەرگۈچىڭلار بىربىر بىر مىڭغا قەدەر بىر بىر. ھەمدە پەيغەمبىرىڭلار بىر، دىنىڭلار بىر، قىبلەڭلار بىربىر بىر يۈزگە قەدەر بىر بىر. ئاندىن يېزاڭلار بىر، ۋەتىنىڭلار بىر ۋە شەھرىڭلار بىرئونغا قەدەر بىر بىر. بۇ قەدەر بىر بىرلار بىرلىكنى، بىرلىشىشنى، ئىتتىپاقلىقنى، مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىقنى كېرەك قىلىپ تۇرسا، ھەمدە پۈتۈن مەۋجۇداتنى ۋە يۇلتۇزلارنى بىربىرىگە باغلايدىغان مەنىۋى زەنجىرلەر تۇرغان يەردە، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە، ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىشكە سەۋەب بولغان ئۆمۈچۈك تورىدەك ئەھمىيەتسىز ۋە ئەرزىمەس نەرسىلەرنى ئۇلاردىن ئۈستۈن كۆرۈپ، مۆئمىنگە قارشى ھەقىقىي دۈشمەنلىك قىلىش ۋە ئاداۋەت تۇتۇش ئۇ بىرلىك باغلىنىشلىرىغا قانچىلىك بىر ھۆرمەتسىزلىك، ئۇ مۇھەببەت سەۋەبلىرىگە قارشى قانچىلىك بىر ھاقارەت ۋە ئۇ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە قارشى نەقەدەر زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىق بولىدىغانلىقىنى قەلبىڭ ئۆلمىگەن بولسا، ئەقلىڭ ئۆچمىگەن بولسا چۈشىنىسەن.

  ئۈچىنچى جەھەت: مۇتلەق ئادالەتنى ئىپادە قىلغان

﴿وَلاَ تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ اُخْرَى

بىر گۇناھكار ئادەم باشقىسىنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس. (سۈرە ئەنئام: 164)

سىرىغا بىنائەن، بىر مۆئمىندىكى بىر يامان سۈپەت يۈزىدىن، باشقا ياخشى سۈپەتلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتىش ھۆكمىدە بولغان دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت قىلىش نەقەدەر چەكسىز بىر زۇلۇم بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بىر مۆئمىننىڭ بىر يامان سۈپىتىدىن قېيىداپ، ئۇ مۆئمىننىڭ تۇغقىنىغىمۇ ئاداۋەت قىلىشنىڭ

﴿اِنَّ اْلاِنْسَانَ لَظَلُومٌ﴾

ھەقىقەتەن ئىنسان ئىنتايىن زۇلۇم قىلغۇچىدۇر. (سۈرە ئىبراھىم: 34)

سىرى بويىچە مۇبالىغىلىق تەبىر بىلەن ئىنتايىن چوڭ بىر زۇلۇم بولىدىغانلىقىنى ھەقىقەت، شەرىئەت ۋە ئىسلامىيەت ھىكمىتى ئەسكەرتىپ تۇرسا، ئۆزۈڭنى قانداقمۇ ھەقلىق دەپ تونۇيسەن؟ مېنىڭ ھەققىم بار دەيسەن؟ ھەقىقەت نۇقتىئىنەزىرىدە ئاداۋەتكە ۋە شەرگە(يامانلىققا) سەۋەب بولغان يامانلىقلار، شەر ۋە تۇپراقتەك قاراڭغۇ، نۇرسىز بولۇپ، باشقىسىغا يۇقماسلىقى ۋە ئەكس ئەتمەسلىكى كېرەك. باشقىسى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ يامانلىق قىلسا ئۇ باشقا مەسىلە. مۇھەببەتنىڭ سەۋەبى بولغان ياخشىلىقلار مۇھەببەتكە ئوخشاش نۇردۇر، يۇقۇش ۋە ئەكس ئېتىش ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. شۇڭلاشقا «دوستنىڭ دوستى دوستتۇر» سۆزى مەشھۇر ماقال قاتارىغا ئۆتكەن. ھەمدە «بىر كۆزنىڭ يۈزى ئۈچۈن، كۆپ كۆزلەر سۆيىلىدۇ» سۆزىمۇ ھەممىنىڭ تىلىدا ئېيتىلىپ تۇرىشى مانا شۇنىڭ ئۈچۈندۇر.

   ئەي ئىنساپسىز ئىنسان! ھەقىقەت ئەنە شۇنداق قارايدۇ. ئۇنداقتا سەن سۆيمىگەن بىر كىشىنىڭ سۆيۈملۈك بىر قېرىندىشىغا ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىغا ئاداۋەت قىلىشنىڭ نەقەدەر ھەقىقەتكە زىت ئىكەنلىكىنى ھەقىقەتچىل بولساڭ چۈشىنىسەن.

   تۆتىنچى جەھەت: ئاداۋەتلىشىش شەخسىي ھايات جەھەتتىن قارىغاندىمۇ زۇلۇمدۇر. شۇ تۆتىنچى جەھەتنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە بىر قانچە دەستۇرنى ئاڭلا.

  بىرىنچىسى: سەن يولۇڭنى ۋە پىكرىڭنى ھەق دەپ بىلگىنىڭدە، «يولۇم ھەق ياكى تېخىمۇ ياخشى» دېيىشكە ھەققىڭ بار، لېكىن «ھەق يول مېنىڭلا يولۇمدۇر» دېيىشكە ھەققىڭ يوقتۇر.

وَعَيْنُ الرِّضَا عَنْ كُلِّ عَيْبٍ كَلِيلَةٌ

وَلكِنَّ عَيْنَ السُّخْطِ تُبْدِى الْمَسَاوِيَا

سىرى بويىچە ئىنساپسىز نەزىرىڭ ۋە ئاددى پىكرىڭ ھەكەم (ھەقناھەقنى ئايرىغۇچى) بولالمايدۇ، باشقىسىنىڭ يولىنى خاتا دەپ ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ.

  ئىككىنچى دەستۇر: ھەر سۆزلىگىنىڭ ھەق بولسۇن، بىراق ھەر قانداق ھەقنى سۆزلەشكە سېنىڭ ھەققىڭ يوقتۇر. ھەر دېگىنىڭ توغرا بولىشى كېرەك. بىراق ھەر قانداق توغرىنى دىيىش توغرا ئەمەس. لېكىن ساڭا ئوخشاش نىيىتى خالىس بولمىغان بەزىدە نەسىھەتنى زىتىغا تەككۈزۈپ ئېيتىپ، ئەكسىچە نەتىجە چىقىرىدۇ.

  ئۈچىنچى دەستۇر: ئاداۋەت قىلىشنى خالىساڭ، قەلبىڭدىكى ئاداۋەتكە ئاداۋەت قىل، ئۇنى يوقىتىشقا تىرىش. ساڭا ئەڭ كۆپ زىيان بەرگەن نەفسى ئەممارەڭگە، ھاۋايىنەفسىڭگە ئاداۋەت قىل، تۈزىلىشىگە ھەرىكەت قىل. ئۇ زىيانداش نەفىسنىڭ يۈزى ئۈچۈن مۆئمىنلەرگە ئاداۋەت قىلما. ئەگەر دۈشمەنلىك قىلىشنى خالىساڭ، كاپىرلار، دىنسىزلار كۆپ، ئۇلارغا ئاداۋەت قىل. شۇنداق، مۇھەببەت سۈپىتى مۇھەببەتكە لايىق بولغىنىدەك، ئاداۋەت سۈپىتىمۇ ئاداۋەتكە لايىقتۇر. ئەگەر رەقىبىڭنى مەغلۇپ قىلىشنى خالىساڭ يامانلىقىغا قارىتا ياخشىلىق قىل. ئەگەر يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرساڭ خۇسۇمەت (دۈشمەنلىك) تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. كۆرىنىشتە مەغلۇپ بولسىمۇ قەلبىدە غۇم ساقلايدۇ، ئاداۋەت داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرساڭ پۇشايمان قىلىدۇ، ساڭا دوست بولىدۇ

اِذَا اَنْتَ اَكْرَمْتَ الْكَرِيمَ مَلَكْتَهُ

وَ اِنْ اَنْتَ اَكْرَمْتَ اللَّئِيمَ تَمَرَّدًا

ھۆكۈمى بويىچە، كەڭ قورساقلىق مۆئمىننىڭ شەنىدۇر. سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن ساڭا بويسۇنىدۇ. كۆرىنىشتە ئىچى تار بولسىمۇ ئىمان جەھەتتە كەڭرىدۇر.

  شۇنداق، بىر يامان كىشىگە ياخشى، ياخشى دەپ مۇئامىلە قىلساڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ۋە بىر ياخشى كىشىگە يامان، يامان دېسەڭ، يامان بولۇپ كېتىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا

﴿وَاِذَا مَرُّوا بِاللَّغْوِ مَرُّوا كِرَامًا﴾** ❁

﴿وَاِنْ تَعْفُوا وَتَصْفَحُوا وَتَغْفِرُوا فَاِنَّ اللّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ﴾***

دەك قۇرئاننىڭ مۇقەددەس دەستۇرلىرىغا قۇلاق سال، بەخت ۋە راھەتچىلىك ئۇنىڭدا.

  تۆتىنچى دەستۇر: خۇسۇمەتچىلەر ۋە ئاداۋەتخورلار ھەم ئۆزىگە ھەم مۆئمىن قېرىندىشىغا ھەم ﷲنىڭ رەھمىتىگە*** زۇلۇم قىلىپ، ھەددىدىن ئاشىدۇ. ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك بىلەن ئۆزىنى قايغۇلۇق بىر ئازابقا قويىدۇ. دۈشمىنىگە كەلگەن نىئمەتلەر سەۋەبلىك ئازاپلارنى، ئۇنىڭدىن قورقۇشتىن كەلگەن ئەلەملەرنى ئۆز نەفسىگە تارتقۇزىدۇ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ. ئەگەر ئاداۋەت ھەسەتخورلۇقتىن كەلسە، ئۇ تامامەن ئازاپتۇر. چۈنكى ھەسەتخورلۇق ئەڭ ئاۋۋال ھەسەتخورنى ئېزىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ، كۆيدۈرىدۇ. ھەسەت قىلىنغۇچىغا بولسا زىيان يا ئاز بولىدۇ ۋە ياكى ھېچ بولمايدۇ.

  ھەسەتخورلۇقنى يوق قىلىشنىڭ چارىسى: ھەسەتخور كىشى كۆرەلمەيۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىسۇن ۋە چۈشەنسۇنكى، دۈشمىنىدىكى دۇنياۋى گۈزەللىك، قۇۋۋەت، مەرتىۋە ۋە بايلىقلار فانىيدۇر (ۋاقىتلىقتۇر)، پايدىسى ئاز، زەخمىتى كۆپتۇر. ئەگەر ئاخىرەتلىك ئارتۇقچىلىقلار بار بولسا، ئۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇلارغىمۇ ھەسەتخورلۇق قىلسا يا ئۆزى رىياكاردۇر، ئاخىرەت مېلىنى دۇنيادا يوق قىلىشنى خالايدۇ ياكى قارشى تەرەپنى رىياكار دەپ بىلىدۇ، ھەقسىزلىق قىلىدۇ، زۇلۇم قىلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭغا كەلگەن بالاـ مۇسىبەتلەردىن مەمنۇن بولۇپ، نىئمەتلەردىن قايغۇرسا، ئۇنىڭغا قىلىنغان ياخشىلىقلار سەۋەبلىك ﷲنىڭ تەقدىرى ۋە رەھمىتىدىن ئاغرىنسا تەقدىرنى تەنقىد قىلىپ، رەھمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىك بولىدۇ، ئۇ ھالدا تەقدىرنى تەنقىت قىلغان، بېشىنى تاشقا ئۇرۇپ يارىدۇ، رەھمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن رەھمەتتىن مەھرۇم قالىدۇ.

  ئەجىبا بىر كۈن ئاداۋەت ساقلاشقا ئەرزىمىگەن بىر نەرسىگە بىر يىل ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك قىلىشنى قايسى ئىنساپ قوبۇل قىلىدۇ؟ قايسى بۇزۇلمىغان ۋىجدانغا مۇۋاپىق كېلىدۇ؟ ھالبۇكى، مۆئمىن قېرىندىشىڭدىن ساڭا كەلگەن بىر يامانلىقنى پۈتۈنلەي ئۇنىڭدىن كۆرۈپ، ئۇ بويىچە ھۆكۈم قىلالمايسەن. چۈنكى بىرىنچىدىن، تەقدىرنىڭ بىر ئۈلۈشى بار، ئۇنى چىقار. ئىككىنچىدىن، نەفىس ۋە شەيتاننىڭ ئۈلۈشىنىمۇ ئايرىپ، ئۇ كىشىگە ئاداۋەت ئەمەس، بەلكى نەفسىگە مەغلۇپ بولغانلىقىدىن ئىچ ئاغرىت ۋە پۇشايمان قىلىشىنى كۈت. ئۈچىنچىدىن، سەن ئۆز نەفسىڭدىكى كۆرمىگەن ۋە كۆرۈشنى خالىمايۋاتقان قۇسۇرۇڭنىمۇ كۆر، بىر ئۈلۈشنى ئۇنىڭغىمۇ چىقار. كېيىن قېپقالغان كىچىك بىر ئۈلۈشكە قارىتا، ئەڭ ساغلام ۋە رەقىبىڭنى ئەڭ تېز مەغلۇپ قىلىدىغان ئەپۇ ۋە كەچۈرۈم قىلىش بىلەن، ئالىيجاناپلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرساڭ زۇلۇمدىن ۋە زىياندىن قۇتۇلىسەن. بولمىسا، ئەينەك ۋە مۇز پارچىلىرىنى ئالماس قىممىتىدە ئالغان مەست ۋە ئەخمەق جەۋھەرچى يەھۇدىيگە ئوخشاش، بەش تىيىنگە ئەرزىمىگەن فانى، ئۆتكۈنچى، ۋاقىتلىق، ئەھمىيەتسىز دۇنياۋى ئىشلارغا، خۇددى بۇ دۇنيادا ئەبەدى تۇرۇپ ئەبەدىي بىللە قالىدىغاندەك كۈچلۈك بىر ھېرىسمەنلىك بىلەن ۋە دائىمىي بىر ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، مۇبالىغىلىق تەبىر بىلەن ئېيىتقاندا بىر زۇلۇمدۇر ياكى بىر مەستلىكتۇر ۋە بىر خىل ئەخمەقلىقتۇر.

  ئەگەر شەخسىڭنى سۆيسەڭ شەخسى ھايات جەھەتتىن بۇ قەدەر زىيانلىق بولغان ئاداۋەت ۋە ئىنتىقام پىكرىنىڭ قەلبىڭگە كىرىشىگە ھېچ يول قويما. ئەگەر قەلبىڭگە كىرگەن بولسا، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىما. بۇ ھەقتە ھەقىقەتپەرۋەر ھافىز شىرازىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلا: دُنْيَا نَه مَتَاعِيسْتِى كِه اَرْزَدْ بَنِزَاعِى يەنى: «دۇنيا ئۇنچە تالىشىشقا ئەرزىگۈدەك قىممەتلىك تاۋار ئەمەس». چۈنكى فانى ۋە ئۆتكۈنچى بولغانلىقى ئۈچۈن قىممەتسىزدۇر. چوڭ دۇنيا بۇنداق تۇرسا، دۇنيانىڭ كىچىك ئىشلىرى نەقەدەر ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:

آسَايِشِ دُو گِيتِى تَفْسِيرِ اِينْ دُو حَرْفَسْتْ

بَا دُوسِتَانْ مُرُوَّتْ بَا دُشْمَنَانْ مُدَارَ

  يەنى: «ئىككى جاھاننىڭ راھەت ۋە ئامانلىقىنى ئىككى ھەرپ تەسۋىرلەپ بېرىدۇ ۋە قازاندۇرىدۇ: دوستلىرىغا قارىتا مەرتلىك بىلەن مۇناسىۋەت، دۈشمەنلىرىگە سۈلھى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتۇر

  ئەگەردە مۇنداق دېسەڭ: ئىختىيار مېنىڭ قولۇمدا ئەمەس، تەبىئىتىمدە ئاداۋەت بار. ھەمدە كۆڭلۈمنى ئاغرىتقانلىقىدىن ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمىسەم قانداق قىلىمەن؟

  جاۋاب: يامان خۇي ۋە ناچار مىجەز ئەسىرى كۆرسىتىلمىسە ۋە غەيۋەتكە ئوخشىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر بىلەن ئەمەل قىلىنمىسا، ھەمدە قۇسۇرىنىمۇ بىلسە زىيىنى يوق. ئىختىيار سېنىڭ قولۇڭدا بولمىغانلىقتىن ۋاز كېچەلمەيۋاتقان بولساڭ، سېنىڭ مەنىۋى بىر پۇشايمان، يوشۇرۇن بىر تۆۋبە ـ ئىستىغفار ھۆكمىدە بولغان قۇسۇرۇڭنى بىلىشىڭ ۋە ئۇ مىجەز بويىچە ھەقسىز ئىكەنلىكىڭنى چۈشىنىشىڭ ئۇنىڭ زىيىنىدىن سېنى قۇتقۇزىدۇ. بۇ مەكتۇبنىڭ يېزىلىش سەۋەبىمۇ، بۇ مەنىۋى ئىستىغفارنى قىلدۇرۇش، ھەقسىزلىكنى ھەق بىلمەسلىك، ھەقلىق رەقىبىنى ھەقسىز كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈندۇر.

  دىققەت تارتىدىغان بىر ھادىسە: بىر ۋاقىت غەرەزكارلارچە تەرەپۋازلىق نەتىجىسى بولغان بىر مۇئامىلە كۆردۈمكى، دىندار بىر ئالىم ئۆزىنىڭ سىياسەت پىكرىگە قارشى بولغان تەقۋادار بىر ئالىمنى كاپىرلىققا چىقارغۇدەك دەرىجىدە ھاقارەت قىلدى. ئۆز پىكرىدە بولغان بىر مۇناپىقنى بولسا ھۆرمەت بىلەن ماختىدى. سىياسەتنىڭ مانا مۇشۇنداق ناچار نەتىجىلىرىدىن ئۈركۈپ اَعُوذُ بِاللّٰهِ مِنَ الشَّيْطَانِ وَ السِّيَاسَةِ دېدىم. شۇ ۋاقىتتىن بېرى سىياسەت ھاياتىدىن ئۆزۈمنى تارتتىم.

  بەشىنچى جەھەت: ئىجتىمائى ھايات بويىچە تەكەببۇرلۇق ۋە تەرەپۋازلىقنىڭ ناھايىتى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەگەر مۇنداق دەپ سورالسا:

  ھەدىستە اِخْتِلاَفُ اُمَّتِى رَحْمَةٌ**** دېيىلگەن. ئىختىلاپ بولسا تەرەپۋازلىقنى كېرەك قىلىدۇ. تەرەپۋازلىق كېسەللىكى، ئىزىلگەن ئاۋامنى زالىم كىشىلەرنىڭ زىيىنىدىن قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى بىر رايۇننىڭ ياكى بىر يېزىنىڭ چوڭلىرى ئىتتىپاقلىشىۋالسا، ئاۋام خەلقنى ئېزىدۇ. ئەگەر تەرەپۋازلىقلار بولسا، ئېزىلگەن كىشى بىر تەرەپكە ئىلتىجا قىلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ، ھەمدە پىكىر مۇنازىرىلرىدىن ۋە ئەقىل زىددىيەتلىرىدىن ھەقىقەت تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. (بۇنىڭ ئىزاھى؟)

  جاۋاب: بىرىنچى سوئالغا دەيمىزكى، ھەدىستە ئېيتىلغان ئىختىلاپ بولسا، مۇسبەت ئىختىلاپتۇر. ھەر بىرى ئۆز مەسلىكىنىڭ (يولىنىڭ) قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. باشقىسىنىڭ يولىنى بۇزۇش ۋە يوقىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭمۇ مۇكەممەللىشىشى ۋە تۈزىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. مەنپىي ئىختىلاپ بولسا، غەرەزكارانە، ئاداۋەتكارانە بىر ـ بىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىشتۇر. ھەدىس بويىچە بۇ مەقبۇل ئەمەس. چۈنكى بىربىرى بىلەن ئۇرۇشقانلار مۇسبەت ھەرىكەت قىلالمايدۇ.

  ئىككىنچى سوئالغا دەيمىزكى، تەرەپۋازلىق ئەگەر ھەق نامىغا بولسا، ھەقلىقلەر ئۈچۈن ئىلتىجا قىلىش نۇقتىسى بولىشى مۇمكىن، لېكىن ھازىرقىدەك غەرەزكارانە نەفىس نامىغا بولغان تەرەپۋازلىق بولسا ھەقسىزلار ئۈچۈن ئىلتىجا قىلىش ۋە تايىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى غەرەزكارانە تەرەپۋازلىق قىلغان بىر كىشىگە شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ پىكرىگە ياردەملىشىپ تەرەپدار بولسا، ئۇ كىشى شەيتانغا رەھمەت ئوقۇيدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپكە پەرىشتىدەك بىر كىشى كەلسە ئۇنىڭغا ھاشا**** لەنەت ئوقۇيدىغان دەرىجىدە بىر ھەقسىزلىق قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى سوئالغا دەيمىزكى، ھەق نامىغا، ھەقىقەت ھېسابىغا بولغان مۇنازىرىلەر بولسا، مەقسەت ۋە ئاساستا ئىتتىپاق بولۇش بىلەن بىرگە، ۋاستىلاردا ئىختىلاپ قىلىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ھەر بۈرجىكىنى ئىزھار قىلىپ، ھەق ۋە ھەقىقەتكە خىزمەت قىلىدۇ. بىراق تەرەپۋازلارچە ۋە غەرەزكارانە فىرئەۋنلاشقان نەفسى ئەممارە ھېسابىغا بولغان مەنمەنچىلىك، شۆھرەتپەرەستلىك شەكلىدىكى مۇنازىرىلەردىن «ھەقىقەت نۇرى» ئەمەس، بەلكى پىتنە ئوتلىرى چىقىدۇ. چۈنكى مەقسەتتە ئىتتىپاقلىق كېرەك تۇرسا، يۇقىرىقىدەكلەرنىڭ پىكىرلىرىنىڭ يەر شارىدىمۇ بىرلىشىش نۇقتىسى تېپىلمايدۇ. ھەق نامىغا بولمىغانلىقتىن چەكسىز دەرىجىدە ھەددىدىن ئېشىپ، ساقايتىش مۇمكىن بولمىغان پارچىلىنىشلارغا سەۋەب بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇنىڭغا شاھىتتۇر

  خۇلاسە: اَلْحُبُّ لِلّهِ وَالْبُغْضُ فِى اللّهِ وَالْحُكْمُ لِلّه******

بولغان ئالى دەستۇرلار ھەرىكەت دەستۇرى بولمىسا، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇنداق، الْبُغْضُ فِى اللّهِ وَالْحُكْمُ لِلّهِ دېمىسە، ئۇ دەستۇرلارنى نەزەرگە ئالمىسا، ئادالەت قىلىمەن دەپ زۇلۇم قىلىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ھادىسە: بىر ۋاقىت ئىمامى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كاپىرنى يەرگە يېقىتىدۇ. قىلىچىنى چىقىرىپ ئۆلتۈرىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ كاپىر ئۇنىڭغا تۈكۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، كاپىرنى ئۆلتۈرمەستىن قويىۋېتىدۇ. كاپىر ئۇنىڭغا «نېمىشقا ئۆلتۈرمەيسەن؟» دېگەندە، ھەزرىتى ئەلى جاۋابەن: «سېنى ﷲ ئۈچۈن ئۆلتۈرەتتىم. لېكىن سەن ماڭا تۈكۈرگەندىن كېيىن غەزەپكە كەلدىم. نەفسىمنىڭ ئۈلۈشى ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىخلاسىم زېدىلەندى. شۇڭلاشقا ئۆلتۈرمىدىمئۇ كاپىر ئۇنىڭغا دەيدۇ: «مېنى تېزراق ئۆلتۈرۈشۈڭ ئۈچۈن سېنىڭ غەزىپىڭنى كەلتۈرمەكچى ئىدىم. ھەقىقەتەن دىنىڭلار بۇ دەرىجىدە ساپ ۋە خالىس ئىكەن، دېمەك ئۇ دىن ھەقتۇر

  يەنە بىر دىققەتكە ئەرزىيدىغان ۋەقە: بىر زامان بىر جاللات بىر ئوغرىنىڭ قولىنى كەسكەن ۋاقىتتا غەزەپ ئەسىرى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دىققەت قىلغان ئادىل ھاكىمى، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ. چۈنكى شەرىئەت نامىغا ئىلاھىي قانۇن ھېسابىغا كەسكەن بولسا، نەفسى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتاتتى ۋە قەلبى غەزەپلەنمەي، مەرھەمەتمۇ قىلمايدىغان بىر شەكىلدە كەسكەن بولاتتى. دېمەك نەفسىگىمۇ ئۇ ھۆكۈمدىن بىر ئۈلۈش چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئادالەت بىلەن ئىش كۆرەلمىگەن.

  ئېچىنىشقا تېگىشلىك بىر ئىجتىمائى ۋەزىيەت ۋە ئىسلام قەلبىنى يىغلىتىدىغان ئىجتىمائى ھاياتتىكى دەھشەتلىك بىر كېسەل:

  «سىرتقى دۈشمەنلەر ھۇجۇم قىلغاندا، ئىچكى دۈشمەنلىكنى تاشلاش ۋە ئۇنۇتۇش» دېگەن بىر ئىجتىمائى ھىكمەتنى ئەڭ بەدەۋى قەۋملەرمۇ تەقدىرلەپ، ئۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىشقان. ئەمدى شۇ ئىسلامىيەت جامائىتىگە خىزمەت كۆرسىتىش داۋاسى قىلغانلارغا نېمە بولدىكىن، بىر ـ بىرى ئارقىسىدا ئىسلامغا ھۇجۇم ۋەزىيىتىنى ئالغان چەكسىز دۈشمەنلەر بار تۇرسا، كىچىككىنە ئاداۋەتنى ئۇنۇتماي، دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا زېمىن ھازىرلىشىۋاتىدۇ. شۇ ۋەزىيەت بىر چۆكۈشتۇر. بىر قالاقلىقتۇر. ئىسلامىيەتنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىغا بىر خىيانەتتۇر.

  ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك بىر ھېكايە: سەھرا قەۋملىرىدىن ھاسانان قەۋمىنىڭ بىر ـ بىرىگە دۈشمەن ئىككى قەبىلىسى بار ئىدى. بىرـ بىرىدىن بەلكىم ئەللىك كىشىدىن كۆپرەك ئۆلتۈرۈشكەن بولسىمۇ، سىپقان ياكى ھايدەران قەۋمىدەك بىر قەۋم قارشى چىققان ۋاقىتتا، ئىككى دۈشمەن قەبىلە بۇرۇنقى ئاداۋەتنى ئۇنۇتۇپ، مۈرىنىمۈرىگە تىرەپ، ئۇ سىرتقى دۈشمەننى تارمار قىلغانغا قەدەر ئىچكى ئاداۋەتنى ئېسىگە ئېلىشمايتتى.

  ئەي مۆئمىنلەر!… ئەھلى ئىمان قەۋمىگە قارشى تاجاۋۇز ۋەزىيىتىنى ئالغان قەۋىملەر ھۆكمىدىكى نەقەدەر دۈشمەننىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بىر ـ بىرى ئىچىدىكى دائىرىلەردەك يۈز دائىرىدىن كۆپرەك بار. ھەر بىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۇداپىئەلىنىشكە مەجبۇر تۇرساق، ئۇلارغا ھۇجۇمىنى قۇلايلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئىسلامىيەت شەھەرلىرىگە كىرىشى ئۈچۈن ئىشىكلەرنى ئىچىش ھۆكمىدە بولغان غەرەزكارانە تەرەپۋازلىق ۋە ئاداۋەتكارانە تەكەببۇرلۇق ھېچ بىر جەھەتتە ئەھلى ئىمانغا يارىشامدۇ؟ ئۇ دۈشمەن دائىرىلىرىدىن، ئازغۇن ئەھلى زالالەتتىن باشلاپ، تا كۇففارلار ئالىمىگە قەدەر، ھەتتا دۇنيانىڭ قورقۇنچلۇق ئەھۋاللىرى ۋە مۇسىبەتلىرىگە قەدەر بىر ـ بىرى ئارقىسىدا سىلەرگە غەزەپ ۋە ئاچكۆزلۈك بىلەن قاراۋاتقان بەلكىم يەتمىش تۈرلۈك دۈشمەنلەر بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارشى قۇۋۋەتلىك قورالىڭ، قالقىنىڭ ۋە قەلئەيىڭ ئىسلامىيەت قېرىنداشلىقىدۇر! ئۇ ئىسلامىيەت قەلئەسىنى كىچىك ئاداۋەتلەر ۋە باھانىلەر بىلەن ئاجىزلاتماق، ۋىجدان ۋە ئىسلامىيەت دەستۇرىغا زىت ئىكەنلىكىنى بىل ۋە ئويغان!

  ھەدىسى شەرىفلەردە كەلگەنكى، «ئاخىرزاماندا مۇناپىقلىق ۋە كاپىرلىقنىڭ بېشىغا ئۆتىدىغان سۇفيان ۋە دەججالغا ئوخشاش زىيانداش بولغان دەھشەتلىك شەخسلەر ئىسلامىيەتنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ نەفسانىيەتچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاز بىر قۇۋۋەت بىلەن ئىنسانىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ۋە چوڭ ئىسلام ئالىمىنى ئاسارەت ئاستىغا ئالىدۇ

  ئەي ئەھلى ئىمان! خارلىق ئىچىدە ئاسارەت ئاستىغا كىرمەسلىكنى خالىساڭلار، ئەقلىڭلارنى بېشىڭلارغا ئېلىڭلار. ئىختىلاپلىرىڭلاردىن پايدىلىنىۋاتقان زالىملارغا قارشى ﴿اِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ اِخْوَةٌ دېگەن مۇقەددەس قەلئە ئىچىگە كىرىڭلار ۋە قوغدىنىڭلار. بولمىسا نە ھاياتىڭلارنى مۇھاپىزەت، نە ھوقۇقىڭلارنى مۇداپىئە قىلالماي قالىسىلەر. مەلۇمدۇركى، ئىككى قەھرىمان بىر ـ بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقاندا بىر كىچىك بالا ھەر ئىككىسىنى ئۇرۇۋېتەلەيدۇ. ئىنتايىن نازۇك بىر تارازىدا ئىككى تاغ بىر ـ بىرىگە قارشى تەڭپۇڭ ھالدا بولسا، بىر كىچىك تاش ئۇ تەڭپۇڭلۇقنى بۇزالايدۇ. ئۇلار بىلەن ئويناپ بىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەلەيدۇ.

  ئەي ئەھلى ئىمان! نەفسانىيەتچىلىكىڭلاردىن ۋە خۇسۇمەتكارانە تەرەپۋازلىقىڭلاردىن قۇۋۋىتىڭلار تامامەن يوق بولىدۇ. ئاز بىر قۇۋۋەت بىلەن ئېزىلىشىڭلار مۇمكىن. ئىجتىمائى ھاياتىڭلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار بار بولسا، اَلْمُؤْمِنُ لِلْمُؤْمِنِ كَالْبُنْيَانِ الْمَرْصُوصِ يَشُدُّ بَعْضُهُ بَعْضًا****** دېگەن ئالى دەستۇرنى ھايات دەستۇرى قىلىڭلار. دۇنيادا ئېزىلىشتىن، ئاخىرەتتە ھالاكەتتىن قۇتۇلۇڭلار!

  ئالتىنچى جەھەت: مەنىۋى ھايات ۋە ساغلام ئىبادەت، ئاداۋەت ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن ھالسىرايدۇ. چۈنكى نىجات تېپىش ۋە قۇتۇلۇش ۋاستىسى بولغان ئىخلاس يوقىلىدۇ. تەرەپۋاز بىر تەكەببۇر كىشى ئۆزىنىڭ ساۋابلىق ئىشلىرىدا رەقىبىدىن ئۈستۈن بولۇشنى خالايدۇ. ﷲ ئۈچۈن خالىس ھالدا بولىدىغان ئەمەلدە ئانچە مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. ھەمدە ھۆكۈم ۋە مۇئامىلىدە ئۆز تەرەپدارىنى ئۈستۈن كۆرىدۇ، ئادالەت بىلەن ئىش قىلالمايدۇ. مانا شۇ ياخشى ئەمەل ۋە ساۋابلىق ئىشلارنىڭ ئاساسلىرى بولغان «ئىخلاس» ۋە «ئادالەت»، خۇسۇمەت ۋە ئاداۋەت ئارقىلىق يوقىلىدۇ. شۇ ئالتىنچى جەھەت كۆپ ئۇزۇن، لېكىن ماقام جەھەتتىكى قابىلىيەت قىسقا بولغانلىقتىن بۇ يەردە بولدى قىلىمىز.

—————————————————————

*رازىلىق كۆزى ئەيىبلەرگە قارىتا كوردۇر، يامان كۆز قۇسۇر ئىزدەيدۇ.

** نەفسى ئەممارە: شەيتاننىڭ تەكلىپىنى ئېتىرازسىز قوبۇل قىلىدىغان نەفىس؛ ئىنساننىڭ ساۋاپلىق ئىشتىن ئۈركىدىغان، گۇناھلارغا ئامراق بولغان ھېسسى.

***يامان سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. (سۈرە فۇرقان: 72)

****ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (ﷲ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). ﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. (سۈرە تەغابۇن: 14)

*****رەھمەت: مەرھەمەت، شەپقەت، ئېھسان قىلىش.-ت

******ئۈممىتىمنىڭ ئىختىلاپى رەھمەتتۇر.

*****ھاشا: قەتئىي بولمايدۇ!، ﷲ ساقلىسۇن، مەنىلىرىدە قوللىنىلىدۇ.-ت

******ﷲ ئۈچۈن سۆيمەك، ﷲ ئۈچۈن غەزەپلەنمەك، ﷲنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ھۆكۈم قىلماق.

*******مۆئمىننىڭ مۆئمىنگە باغلىنىشى، قىسىملىرى بىربىرىگە گىرەلەشكەن بىنادەكتۇر.(ھەدىس)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.