«كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ۋە سوئاللىرىنى قوزغىغان «تۆت كىچىك مەسىلە

ئون ئالتىنچى لەمئا
بِاسْمِهِ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾
اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّٰهِ وَ بَرَكَاتُهُ
ئەزىز، سىددىق قېرىنداشلىرىم خوجا سابرى، ھافىز ئەلى، مەسئۇد، مۇستافالار، خۇسرەۋ، رەئفەت، بەكىر ئەپەندى، رۈشدۈ، لۈتفۈلەر، ھافىز ئەھمەد، شەيخ مۇستافا ۋە باشقىلار… سىلەرگە كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ۋە سوئاللىرىنى قوزغىغان «تۆت كىچىك مەسىلە»نى مەلۇمات شەكلىدە، قىسقىچە بىر سۈرەتتە بايان قىلىشقا قەلبىمدە بىر ئەسكەرتمە ھېس قىلدىم.
بىرىنچىسى: قېرىنداشلىرىمىزدىن چاپراززادە ئابدۇللاھ ئەپەندىگە ئوخشاش بەزى ئادەملەر: ئەھلى كەشىف (ئەۋلىيالار) بۇ ئۆتكەن رامىزاندا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئۈچۈن بىر زەپەر، بىر مۇۋەپپىقىيەت بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ ۋۇجۇتقا چىقمىدى. بۇنداق ئەھلى ۋەلايەت ۋە ئەھلى كەشىف نېمىشقا ئەمەلىيەتكە زىت خەۋەرلەرنى بېرىدۇ؟ دەپ مەندىن سورىدى. بۇنىڭغا سۈنۇھات(قەلبكە كەلگەن مەنە) شەكلىدە بەرگەن جاۋابىمنىڭ خۇلاسىسى شۇدۇر:
ھەدىسى شەرىفتە باركى: «بەزەن بالا چۈشىدۇ، كەلگىچە قارشىسىغا سەدىقە چىقىدۇ، قايتۇرىدۇ.» شۇ ھەدىسنىڭ سىرى كۆرسىتىدۇكى: تەقدىر، ۋۇجۇتقا كېلىۋېتىپ بەزى شەرتلەر سەۋەبلىك كەينىگە قايتىدۇ. دېمەك بۇ، ئەھلى كەشىفنىڭ خەۋىرى بولغان تەقدىرنىڭ مۇتلەق ئەمەسلىكىنى، بەلكى بەزى شەرتلەر بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ شەرتلەرنىڭ مەيدانغا كەلمەسلىكى بىلەن ئۇ ھادىسىنىڭمۇ مەيدانغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما ئۇ ھادىسە، ئەجەلى مۇئەللەققە ئوخشاش، لەۋھى ئەزەلىينىڭ بىر تۈرلۈك دەپتىرى ھۆكمىدە بولغان لەۋھى مەھۋى ئىسباتتا (يازار–بۇزار دوسكىسىدا) تەيىن قىلىنىپ يېزىلغاندۇر. لەۋھى ئەزەلىيگە قەدەر كەشىف* چىقىشى ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپىنچىسى ئۇ يەرگە چىقالمايدۇ. مانا بۇ سىرغا بىنائەن، ئۆتكەن رامىزانى شەرىفتە، قۇربان ھېيىتتا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئىستىخراجغا** بىنائەن ۋەيا كەشفىيات تۈرىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەر، مۇئەللەق بولغان شەرتلەرنى تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن مەيدانغا چىقمىغاندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەۋەر بەرگەنلەرنى يالغانغا چىقارمايدۇ. چۈنكى بەلگىلەنگەندۇر. ئەمما شەرتى ئورۇنلانمىغاچقا ئۇمۇ مەيدانغا كەلمىگەن. شۇنداق، رامىزانى شەرىفتە بىدئەتلەرنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتتىكى كۆپ سانلىقنىڭ خالىس دۇئاسى بىر شەرت ۋە مۇھىم بىر سەۋەب ئىدى. ئەپسۇسكى مەسجىدلەرگە رامىزانى شەرىفتە بىدئەتلەر كىرگەنلىكى ئۈچۈن، دۇئالارنىڭ قوبۇل بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى ۋە زەپەرمۇ كەلمىدى. يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ سىرى بىلەن، سەدىقە بالانى يوقاتقاندەك، كۆپچىلىكنىڭ خالىس دۇئاسىمۇ ئومۇمىي راھەتلىكنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ. تارتىش كۈچى مەيدانغا كەلمىگەنلىكتىن، غەلىبىمۇ بېرىلمىدى.
قىزىقتۇرىدىغان ئىككىنچى سوئال: بۇ ئىككى ئايدىن بېرى ھاياجانلىق بىر سىياسىي ۋەزىيەت قارشىسىدا، قۇۋۋەتلىك بىر ئېھتىمال بىلەن ماڭا ھەم ئالاقىدار بولغان كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمغا سۆيۈنچ بېرىدىغان بىر تەشەببۇستا بولىشىم لازىم تۇرسىمۇ، ئۇ ۋەزىيەتكە ھېچ ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئەكسىچە مېنى ئەزگەن ئەھلى دۇنيانىڭ تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر پىكىردە بولدۇم. بەزى زاتلار بەكمۇ چوڭ ھەيرانلىق ئىچىدە قېلىشتى. دېيىشتىكى: «سېنى ئىسكەنجىگە ئالغان بۇ بىدئەتچى ۋە قىسمەن مۇناپىق بولغان باشتىكى ئىنسانلار تۇتقان سىياسەتكە قانداق قاراۋاتىسەنكى، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمايۋاتىدۇ؟»
بەرگەن جاۋابىمنىڭ خۇلاسىسى شۇدۇركى: بۇ زاماندا ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم تەھلىكىسى(ھالاكىتى)، پەن ۋە پەلسەپىدىن كەلگەن بىر زالالەت بىلەن قەلبلەرنىڭ بۇزۇلىشى ۋە ئىماننىڭ زېدىلىنىشىدۇر. بۇنىڭ يىگانە چارىسى: نۇردۇر. نۇر كۆرسىتىلگەندىلا، قەلبلەر ئىسلاھ بولىدۇ، ئىمانلار قۇتۇلىدۇ. ئەگەر سىياسەت توقمىقى بىلەن ھەرىكەت قىلىنسا، زەپەر قازىنىلسا، ئۇ كاپىرلار مۇناپىق دەرىجىسىگە چۈشىدۇ. مۇناپىق كاپىردىن تېخىمۇ ياماندۇر. دېمەك، توقماق بۇنداق بىر زاماندا قەلبنى ئىسلاھ قىلالمايدۇ. ئۇ چاغدا كۇفۇر قەلبكە كىرىدۇ، يوشۇرىنىدۇ، مۇناپىقلىققا ئۆزگىرىدۇ. ھەم نۇر، ھەم توقماق… ئىككىسىنى بۇ زاماندا مەندەك بىر ئاجىز ئادەم قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن قۇۋۋىتىم بىلەن نۇرغا ئېسىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىمدىن، سىياسەت توقمىقى قانداق شەكىلدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا قارىماسلىق لازىم كېلىدۇ. ئەمما ماددى جىھادنىڭ لازىملىقى بولسا، ئۇ ۋەزىپە ھازىرچە بىزدە ئەمەس. شۇنداق، زۆرۈر تېپىلغاندا كافىرنىڭ ۋەيا مۇرتەدنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشقا توقماق لازىمدۇر. ئەمما ئىككى قولىمىز بار، ئەگەر يۈز قولىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، نۇرغا ئاران يېتىدۇ، توقماق تۇتىدىغانغا قولىمىز يوق!…
قىزىقتۇرىدىغان ئۈچىنچى سوئال: بۇ يېقىندا ئېنگلىز ۋە ئىتالىيەگە ئوخشاش ئەجنەبىيلەرنىڭ بۇ ھۆكۈمەتكە چېقىلىشىغا قارشى، بۇرۇندىن بېرى بۇ ۋەتەندىكى ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي تايىنىش نۇقتىسى ۋە مەنىۋى قۇۋۋىتىنىڭ مەنبەسى بولغان ئىسلامىي ھامىيەتنىڭ(تۆھپىكارلىقنىڭ) راۋاجلاندۇرىلىشى ئىسلامىيەت شەئائىرلىرىنىڭ قىسمەن تىرىلىشىگە ۋە بىدئەتلەرنىڭ قىسمەن يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان تۇرسا، نېمىشقا شىددەت بىلەن ئۇرۇشقا قارشى چىقىپ، بۇ مەسىلىنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل بولىشىغا دۇئا قىلدىڭ ۋە شىددەتلىك بىر شەكىلدە بىدئەتچىلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە (زاھىردە) تەرەپدار بولدۇڭ؟ بۇ بىدئەتكە تەرەپدارلىق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: بىز مۇۋەپپىقىيەت، راھەتلىك، سۆيۈنچ ۋە غەلىبە خالايمىز. ئەمما كافىرلارنىڭ قىلىچى بىلەن ئەمەس. كافىرلارنىڭ قىلىچلىرى بېشىنى يېسۇن؛ قىلىچلىرىدىن كەلگەن پايدا بىزگە لازىم ئەمەس. ھىلىمۇ ئۇ تەكەببۇر ئەجنەبىيلەر، مۇناپىقلارنى ئەھلى ئىمانغا مۇسەللەت قىلدى ۋە دىنسىزلەرنى يېتىشتۈردى. ھەم ئۇرۇش بالاسى بولسا قۇرئان خىزمىتىمىزگە چوڭ بىر زەرەردۇر. بىزنىڭ ئەڭ پىداكار ۋە قىممەتدار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى قىرىق بەش ياشتىن تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئۇرۇش سەۋەبى بىلەن مۇقەددەس قۇرئان خىزمىتىنى تاشلاپ ئەسكەر بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مېنىڭ پۇلۇم بولغان بولسا، قەلبىمنڭ رازىلىقى بىلەن، بۇنداق قىمممەتدار قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەربىرسىنى ئەسكەرلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئالدىن تۆلىنىدىغان پۇل مىڭ لىرا بولغان تەقدىردىمۇ بەرگەن بولاتتىم. بۇنداق يۈزلەرچە قىممەتدار قېرىنداشلىرىمىز قۇرئاننىڭ، رىسالەئى نۇرنىڭ خىزمىتىنى تاشلاپ، ماددى جىھاد توقمىقىغا قول ئۇزىتىشى ماڭا يۈزمىڭ لىرا زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. ھەتتا زەكائىنىڭ بۇ ئىككى يىل ئەسكەرلىكى بەلكىم مىڭ لىرا قەدەر مەنىۋى پايدىسىنى يوقاتتى. بوپتۇ… ھەممىگە قادىر ﷲ، بىر مىنۇتتا بۇلۇتلار بىلەن تولغان ئاتموسفرانى سۈپۈرۈپ، تازىلاپ، ئاسماننىڭ پارلاق يۈزىدە نۇرلۇق قۇياشنى كۆرسەتكىنىدەك، بۇ زۇلمەتلىك ۋە رەھمەتسىز بۇلۇتلارنىمۇ زاۋال تاپقۇزۇپ، شەرىئەتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى قۇياشتەك كۆرسىتىدۇ، ھەمدە بەدىلى ئەرزان ۋە غەلىيانسىز بېرەلەيدۇ. بىزگە قىممەت توختاپ قالماسلىقىنى ئۇنىڭ رەھمىتىدىن تىلەيمىز. باشتىكىلەرنىڭ بېشىغا ئەقىل ۋە قەلبلىرىگە ئىمان بەرسە، بۇ يېتەرلىكتۇر. ئۇ چاغدا ئىش ئۆزلۈكىدىن تۈزىلىدۇ.
قىزىقتۇرىدىغان تۆتىنچى سوئال: دېيىلىۋاتىدۇكى: مادەم سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى نۇردۇر، توقماق ئەمەس؛ نۇرغا قارشى چىقىلمايدۇ، نۇردىن قېچىلمايدۇ ۋە نۇرنىڭ كۆرسىتىلىشىدىن زىيان كەلمەيدۇ. نېمىشقا دوستلىرىڭغا ئېھتىياتنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ بەكمۇ نۇرلۇق رىسالىلەرنىڭ خەلقلەرگە كۆرسىتىلىشىنى توسىسەن؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى شۇدۇركى: باش تەرەپتىكى باشلارنىڭ كۆپىنچىسى مەست، ئوقۇمايدۇ. ئوقىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. خاتا مەنە بېرىپ بىزگە چېقىلىدۇ. چېقىلماسلىقى ئۈچۈن ئەقلى بېشىغا كەلگىچە كۆرسەتمەسلىك لازىم كېلىدۇ. ھەم نۇرغۇنلىغان ۋىجدانسىز ئىنسانلار باركى، غەرەز ياكى مەنپەئەت ۋەياكى قورقۇش جەھەتى بىلەن نۇرنى ئىنكار قىلىدۇ ياكى كۆزىنى يۇمىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمغىمۇ تەۋسىيە قىلىمەنكى، ئېھتىيات قىلسۇن، نائەھلىلەرنىڭ قولىغا ھەقىقەتلەرنى بەرمىسۇن. ھەم ئەھلى دۇنيانىڭ ۋەھىمىلىرىنى قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلمىسۇن.(ھاشىيە)***
خاتىمە
بۈگۈن رەئفەت ئەپەندىنىڭ بىر مەكتۇبىنى ئالدىم. لىھيەئى شەرىف(پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقىلى) ھەققىدىكى سوئالى مۇناسىۋىتى بىلەن دەيمەنكى: ھەدىس بويىچە، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ لىھيەئى سائادىتىدىن چۈشكەن ساقاللارنىڭ سانى چەكلىكتۇر. ئوتتۇز–قىرىق دانە ۋەياكى ئەللىك–ئاتمىش دانىدەك ئاز بىر مىقداردا ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرۇقلۇق، مىڭلارچە يەردە لىھيەئى سائادەتنىڭ ساقال قىللىرى بولىشى مېنى بىر چاغلاردا كۆپ ئويلاندۇردى. ئۇ چاغدا ئەقلىمگە كەلگەن ئىدىكى: لىھيەئى سائادەت، پەقەتلا لىھيەئى شەرىفنىڭ قىللىرىدىن ئىبارەت ئەمەس، بەلكى مۇبارەك بېشىنى چۈشۈرتكەندە ھېچبىر نەرسىنى يوقاتمىغان ساھابىلەر، ئۇ نۇرلۇق، مۇبارەك ۋە دائىمىي ياشايدىغان چاچلارنى مۇھاپىزەت قىلغاندۇر. ئۇلار مىڭلارچىدۇر. ھازىر بار بولغىنىغا تەڭ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا يەنە ئويلاپ قالدىم: كۆپ مەسجىدلەردە بولغان بۇ چاچ ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ(س.ئە.ۋ) چېچى ئىكەنلىكى راست بولسا ئۇنىڭغا قارىتا زىيارەت مەقبۇل بولغان بولاتتى، ئەجەبا راستلىقى ساغلام ھۆججەتلەرگە تايىنامدۇ قانداق؟ بىردىنلا خاتىرەمگە كەلدىكى، ئۇ چاچلارنىڭ زىيارىتى، ۋەسىلەدۇر(ۋاستە). رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا قارىتا سالاۋات(دۇرۇت) كەلتۈرۈشكە ۋاستە بولۇپ بىر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتكە سەۋەبتۇر. ۋەسىلىلىك جەھەتى ئۇ نەرسىنىڭ زاتىغا(ئۆزىگە) قارىمايدۇ، ۋەسىلىلىك جەھەتىگە قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر بىر چاچ ھەقىقەتەن لىھيەئى سائادەتتىن بولمىسا، مادەم زاھىرى ھالغا كۆرە شۇنداق دەپ قارالغاندۇر ۋە ئۇ ۋەسىلىلىك ۋەزىپىسىنى قىلىۋاتىدۇ، ھەمدە پەيغەمبىرىمىزگە ھۆرمەتكە، يۈزلىنىشكە ۋە سالاۋاتقا ۋەسىلە بولىۋاتىدۇ. قەتئىي ھۆججەت بىلەن ئۇ چاچنىڭ قانداقلىقىنى ئايرىش ۋە بىكىتىش لازىم ئەمەس. ئەكسىگە قەتئىي دەلىل بولمىسا، يېتەرلىكتۇر. چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئۈممەتنىڭ قوبۇل قىلىشىمۇ، بىر تۈرلۈك ھۆججەت ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. بەزى ئەھلى تەقۋا بۇ ئىشلاردا يا تەقۋالىق، يا ئېھتىيات، ۋەياكى پەزىلەت نۇقتىسىدا قارشى چىقسا بۇ خۇسۇسىي بولىدۇ. بىدئەت دېسىمۇ، بىدئەيى ھەسەنە(ياخشى بىدئەت) تۈرىگە كىرىدۇ. چۈنكى سالاۋاتقا سەۋەب بولىۋاتىدۇ. رەئفەت ئەپەندى مەكتۇبىدا دەپتۇ: «بۇ مەسىلە قېرىنداشلار ئارىسىدا مۇنازىرىگە سەۋەب بوپتۇ.» قېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيە قىلىمەنكى: بۆلۈنۈشكە ۋە ئايرىلىشقا سەۋەب بولىدىغان مۇنازىرىنى قىلمىسۇن. پەقەت پىكىر ئالماشتۇرۇش سۈرىتىدە، تالاش–تارتىشسىز پىكىر بايان قىلىشقا كۆنسۇن.
——————————————————-
*كەشىف: يوشۇرۇن بىر نەرسىنىڭ جانابى ھەقنىڭ ئىلھامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى.-ت
**ئىستىخراج: قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن مەنە چىقارماق.-ت
***(ھاشىيە): جىددى بىر مەسىلىگە ئالاقىدار بولغان بىر كىچىك ھادىسە: تۈنۈگۈن ئەتىگەن بىر دوستۇمنىڭ كۈيئوغلى مەھمەت يېنىمغا كەلدى. خوشال ھالدا، خوش خەۋەر تۈرىدە دېدى: «سېنىڭ بىر كىتابىڭنى ئىسپارتادا بېسىپتۇ، كۆپ كىشىلەر ئوقۇۋېتىپتۇ.» مەن دېدىم: «چەكلەنگىنى مەتبەئەدە بېسىلىشىدۇر، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار كۆپەيتىش ماشىنىسى بىلەن كۆپەيتكەن بەزى نۇسخىلارغا، ھۆكۈمەت بىر نەرسە دېمەيدۇ.» ھەم دېدىم: «بۇنى ھەرگىزمۇ سېنىڭ دوستۇڭ بولغان ئىككى مۇناپىققا دەپ تاشلىما. ئۇلار باھانە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر نەرسە ئىزدەپ يۈرىشىدۇ.» قېرىنداشلىرىم، بۇ ئادەم بىر دوستۇمنىڭ كۈيئوغلى بولغاچقا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنىڭمۇ تۇغقىنىم سانىلىدۇ. ئەمما ساتىراچلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىجدانسىز مۇئەللىم ۋە مۇناپىق مۇدىرنىڭ دوستىدۇر. ئۇ يەردە بىر دوستىمىز بىلمەستىن شۇنداق دەپتۇ. ياخشى يېرى، ئەڭ ئاۋۋال كېلىپ ماڭا خەۋەر بەردى. مەن ئەسكەرتىپ قويدۇم، يامانلىقنىڭ ئالدى ئېلىندى. كۆپەيتىش ماشىنىسى مىڭلارچە نۇسخىلارنى بۇ پەردە ئاستىدا نەشىر قىلدى.