-
ئەي سىڭلىم يۈزىڭىزنى نامەھرەمگە كۆرسەتمەڭ
ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دائىر ئالىملارنىڭ كۆرۈشلىرى قانداق؟ ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دائىر ئالىملارنىڭ كۆرۈشلىرى: ئەۋۋەلا: ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزى جانابى ھەقنىڭ «يُدْن۪ينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَاب۪يبِهِنَّۜ » ئايىتىنى شۇنداق تەپسىر قىلغانىكەن: «يەنى باشلىرىنى ۋە يۈزلىرىنى ياپسۇن، تاكى ھۆر ئىكەنلىكى بىلىنسۇن ۋە تەھلىكلىلەرگە(خەتەر ۋە يامانلىقلارغا) دۇچار بولمىسۇن.»« جىلباپ »تىن مۇرات:- ئىبنى قۇتەيبە دېگەن ئىكەن: […]
-
زۇلمەتلىك يوللار ئىچىدە بىر ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچ زادى نېمە؟
ئۈچىنچى نۇكتە: بۇ پېقىر سائىد، كونا سائىدتىن چىقىشقا تېرىشقان ۋاقىتتا، رەھبەرسىزلىك ۋە نەفسى ئەممارىنىڭ ھاكاۋۇرلىقى تۈپەيلى، غايەت مۇدھىش ۋە مەنىۋى بىر بوران–چاپقۇن ئىچىدە ئەقىل ۋە قەلبىم ھەقىقەتلەر ئارىسىدا دومىلاندى. گاھ سۈرەييادىن سەراغا(يۇلتۇزدىن يەرگە)، گاھ سەرادىن سۈرەيياغا قەدەر چۈشۈش ۋە چىقىشلار بىلەن چايقىلىۋاتاتتى. ئۇ زامان كۆردۈمكى، سۈننەتى سەنىييەنىڭ مەسىلىلىرىنى، ھەتتا كىچىك ئەدەپلىرىنى، كېمىلەردە يۆنىلىش كۆرسىتىدىغان […]
-
شەيتاندىن پاناھ تىلەش ھەققىدە
اَعُوذُ بِاللّٰهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجٖيمِ (قوغلاندى قىلىنغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن) بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم (ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن) ﴾وَقُلْ رَبِّ اَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ ❀ وَاَعُوذُ بِكَ رَبِّ اَنْ يَحْضُرُونِ﴿ (مۇئمىنۇن:97-98) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن [97]. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن» [98] (شەيتاندىن ئىستىئازە* سىرىغا دائىردۇر. «ئون ئۈچ ئىشارەت» يېزىلىدۇ. ئۇ ئىشارەتلەرنىڭ بىر قىسىمى ئايرىم–ئايرىم […]
-
ئايالىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىز قانچىلىك؟ئاتا-ئانا،پەزەنىت، دوسىت مۇھەببىتى
ئەگەر مۇھەببەتلەر قۇرئاننىڭ دېگىنى بويىچە، ﷲ نامىدىن، ئۇنى سۆيۈش نامىدىن بولسا، ئۇ چاغدا ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە ئېسىل نەتىجىلىرى بار. ………………………. ھايات رەپىقەڭگە بولغان مۇھەببىتىڭ، گۈزەل ئەخلاقىغا، شەپقەتلىك خىسلىتىگە، ھەمدە بىر رەھمەت ھەدىيەسى بولغانلىقىغا قاراپ قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت كۆرسىتىسەن. ئىككىڭلار قېرىغاندىمۇ بۇلار زىيادىلىشىدۇ. بولمىسا،چىراينىڭ گۈزەللىكىگە بولغان نەفسانى مۇھەببەت […]
-
ئازغۇنلارنىڭ بىر قىسمى دەيدۇكى: «كائىناتنى دائىمىي بىر پائالىيەت بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر زاتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇشى لازىم»؟
مۇھىم بىر سوئالغا قەتئىي بىر جاۋاپ: ئازغۇنلارنىڭ بىر قىسمى دەيدۇكى: «كائىناتنى دائىمىي بىر پائالىيەت بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر زاتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇشى لازىم»(؟) جاۋاب: ھاشا! يۈزمىڭ قېتىم ھاشا!… يەردىكى ئەينەكلەرنىڭ ئالمىشىشى، ئاسماندىكى قۇياشنىڭ ئالمىشىدىغانلىقىنى ئەمەس، ئەكىسچە جىلۋىلىرىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەمدە ئەزەلىي، ئەبەدىي، سەرمەدىي ۋە ھەر جەھەتتە مۇتلەق كامالەت، مۇتلەق ئىستىغنادىكى، ماددىيلىقتىن […]
-
رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ توغرىدىن-توغرا نەفسنىڭ مەۋھۇم رۇبۇبىيىتىنى سۇندۇرۇش ۋە ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق قۇللىقىنى بىلدۈرۈش جەھەتتىكى ھىكمەتلىرى
توققۇزىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ توغرىدىن–توغرا نەفسنىڭ مەۋھۇم رۇبۇبىيىتىنى سۇندۇرۇش ۋە ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق قۇللىقىنى بىلدۈرۈش جەھەتتىكى ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: نەفس رەببىنى تونۇشنى خالىمايدۇ ۋە پىرئەۋنلارچە ئۆز–ئۆزىگە رۇبۇبىيەت خالايدۇ. نەقەدەر ئازاپلار بىرىلسىمۇ ئۇ ھېس ئۇنىڭدا قالىدۇ. بىراق ئاچلىق ئارقىلىق ئۇ ھېس سۇنىدۇ… مانا بۇ رامىزاندىكى روزا بولسا بىۋاستە نەفسنىڭ پىرئەۋنلىك ئىستىھكامىغا زەربە بېرىدۇ، […]
-
رامىزاندىكى روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ شەخسى ھاياتىغا قارىغان جەھەتتىكى ھىكمەتلىرى
سەككىزىنچى نۇقتا: رامىزاندىكى روزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ شەخسى ھاياتىغا قارىغان جەھەتتىكى كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: روزا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر دورا قاتارىدىكى ماددى ۋە مەنىۋى بىر پەرھىز تۇتماقتۇر. ھەمدە تىببى جەھەتتىن بىر داۋا بولۇپ، ئىنساننىڭ نەفسى يەپ–ئىچىش جەھەتتە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىۋەرسە، ئۇنىڭ جىسمانى ھاياتىغا تىببى جەھەتتىن زىيان يەتكىنىدەك، ھالال–ھارام دېمەستىن ئۇچرىغان نەرسىنى يەۋەرسە، مەنىۋى ھاياتىنىمۇ […]
-
رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ قۇرئانى ھەكىمنىڭ نازىل بولۇشىغا قارىغان جەھەتى
ئالتىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ قۇرئانى ھەكىمنىڭ نازىل بولۇشىغا ۋە رامىزاننىڭ قۇرئانى ھەكىمنىڭ نازىل بولغان ئەڭ مۇھىم ۋاقتى ئىكەنلىكىگە قارىغان كۆپلىگەن ھىكمەتلىرىدىن بىرى شۇدۇركى: قۇرئانى ھەكىم رامىزان ئېيىدا نازىل بولغاچقا، ئۇ قۇرئاننىڭ چۈشۈش ۋاقتىنى ئىنتىزار بىلەن، ئۇ ساماۋى خىتابنى ئالقىشلاش ئۈچۈن بۇ ئايدا نەفسنىڭ پەس ھاجەت ۋە مەنىسىز ھالەتلىرىدىن سىيرىلىپ چىقىپ، يەپ–ئىچىشنى تەرك قىلىپ، خۇددى […]
-
رامىزان روزىسىنىڭ، دۇنياغا ئاخىرەتلىك ھوسۇل ۋە پايدا ئۈچۈن تېرىش جەھەتىگە قارىغان تەرىپى
يەتتىنچى نۇقتا: رامىزان روزىسىنىڭ، دۇنياغا ئاخىرەتلىك ھوسۇل ۋە پايدا ئۈچۈن تېرىش ۋە تىجارەت قىلىشقا كەلگەن ئىنسانلارنىڭ تاپاۋىتىگە قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: رامىزانى شەرىپتە ئەمەللەرنىڭ ساۋابى بىرگە مىڭدۇر. ھەدىسنىڭ ئېنىق ئىپادىسى بويىچە قۇرئانى ھەكىمنىڭ ھەر بىر ھەرپىنىڭ ئون ساۋابى بار، ئون ھەسەنە (ياخشىلىق) يېزىلىدۇ. ئون جەننەت مېۋىسى بېرىدۇ. رامىزانى شەرىپتە بولسا، ھەر […]
-
قۇرئان نېمىنى تەلىم بىرىدۇ؟
قۇرئان نېمىنى تەلىم بىرىدۇ؟ ” راھمانى زۈلجامال، ئىنسانغا قۇرئاندىن تەلىم بەردى. قۇرئان بولسا، باشتا تەۋھىد ۋە ھاشىر جىسمانى بىلەن بىرلكتە باشقا ئىماننىڭ رۈكۈنلىرىنى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ ئاساسلىرىنى، كائىناتنىڭ ئىلاھى ئىسىملارغا قانداق ئەينەك بولىدىغانلىقىنى، كائىنات تىلىسىم–سىرلىرىدىن ۋە ئالەملەرنىڭ يارىتىلىش مۇئامما–مەخپىيەتلىكلىرىدىن بولغان: « كائىنات ۋە ئىنسان دېگەن نېمە؟ قەيەردى كىلىپ قەيەرگە كىتىپ بارىدۇ؟ ۋەزىپىسى نېمە؟» دېگەندەك سۇئاللارنىڭ […]