!ئەي سەبىرسىز بىمار

!ئەي سەبىرسىز بىمار

ئىككىنچى داۋا:

  ئەي سەبىرسىز بىمار! سەبىر قىل، ھەتتا شۈكۈر قىل! سېنىڭ بۇ كېسىلىڭ، كېسەللىك مىنۇتلىرىنى، سائەتلەرچە قىلىنغان ئىبادەتلەرگە ئايلاندۇرىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىبادەت ئىككى قىسىمدۇر. بىرى، مۇسبەت ئىبادەت بولۇپ، ناماز ۋە دۇئاغا ئوخشاش مەلۇم ئىبادەتلەردۇر. يەنە بىر قىسمى مەنفىي ئىبادەتلەر بولۇپ، كېسەللىكلەر ۋە بالالار ۋاستىسى بىلەن كىشى ئاجىزلىقىنى ۋە كۈچسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ. رەھىملىك بولغان ياراتقۇچىغا ئىلتىجا قىلىدۇ، يالۋۇرىدۇ. خالىس، رىياسىز بىر مەنىۋى ئىبادەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. شۇنداق، كېسەللىك بىلەن ئۆتكەن بىر ئۆمۈر ﷲتىن شىكايەت قىلماسلىق(ئاغرىنماسلىق) شەرتى بىلەن مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبادەت ھېساپلىنىدىغانلىقىغا دائىر ئېنىق ھەدىسلەر بار. ھەتتا سەبىر ۋە شۈكۈر قىلغان بەزى بىمارلارنىڭ بىر مىنۇتلۇق كېسەللىكى بىر سائەتلىك ئىبادەتكە باراۋەر بولىدىغانلىقىنى، بەزى كامىل ئىنسانلارنىڭ بىر مىنۇتلۇق كېسەللىكى بىر كۈنلۈك ئىبادەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېنىق ھەدىسلەر ۋە ئىشەنچىلىك كەشفلەر ئوچۇق بىلدۈرىدۇ. سېنىڭ بىر مىنۇتلۇق ئۆمرۈڭنى مىڭ مىنۇت قىلىپ، سېنى ئۇزۇن بىر ئۆمۈرگە ئېگە قىلىدىغان كېسەللىكتىن شىكايەت(ئاغرىنىش) ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيت.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.