رامىزانى مۇبارەكتىكى روزىنىڭ، ﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشقا قارىغان جەھەتىنى بىلەمسىز؟

رامىزانى مۇبارەكتىكى روزىنىڭ، ﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشقا قارىغان جەھەتىنى بىلەمسىز؟

ئىككىنچى نۇقتا: رامىزانى مۇبارەكتىكى روزىنىڭ، ﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى:

  بىرىنىچى سۆزدە دېيىلگەندەك، بىر پادىشاھنىڭ شاھانە ئاشخانىسىدىن بىر مۇلازىمەتچى ئېلىپ كەلگەن تائاملار بىر ھەق خالايدۇ. ئۇ مۇلازىمغا مىننەتدارلىق ھەدىيەسى بەرگەن تۇرۇغلۇق، ناھايىتى قىممەتلىك بولغان ئۇ نازۇنىئمەتلەرنى قىممەتسىز كۆرۈپ ئىنئام قىلغان پادىشاھنى تونىماسلىق چەكسىز دەرىجىدە بىر ئەخمەقلىق بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، جانابى ﷲ زېمىن يۈزىدە ھېساپسىز نىئمەتلىرىنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا جاۋابەن ئۇ نىئمەتلەرنىڭ ھەققى ھېسابىدا شۈكۈر خالايدۇ. ئۇ نىئمەتلەرنىڭ سىرتقى ئىگىلىرى ۋە سەۋەبلىرى ئۇ مۇلازىم ھۆكمىدىدۇر. ئۇ مۇلازىملارغا بىر ھەق بېرىمىز، مىننەتدار بولىمىز. ھەتتا لايىقلىق تەرىپى بولمىسىمۇ، كۆپلىگەن ئوشۇقچە ھۆرمەت ۋە رەھمەتلىرىمىزنى ئىپادىلەيمىز. ھالبۇكى ھەقىقىي نىئمەت بەرگۈچى () ئۇ نىئمەت ۋاستىسى بىلەن ئۇ سەۋەبلەردىن چەكسىز ھەسسە ئارتۇق شۈكۈر قىلىشقا لايىقتۇر. ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش بولسا، ئۇ نىئمەتلەرنىڭ توغرىدىنتوغرا ئۇنىڭدىن ئىكەنلىكىنى بىلىش، ئۇ نىئمەتلەرنىڭ قەدىرقىممىتىنى ئالقىشلاش ۋە نىئمەتلەرگە قارىتا ئۆز ئېھتىياجىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ.

  رامىزانى شەرىپتىكى روزا بولسا، ھەقىقى ۋە خالىس، يۈكسەك ۋە ئومۇمى بىر شۈكۈرنىڭ ئاچقۇچىدۇر. چۈنكى باشقا ۋاقىتلاردا زۆرۈرىيەت دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالمىغان ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى، ھەقىقى ئاچلىق ھېس قىلمۇغۇچە، كۆپلىگەن نىئمەتلەرنىڭ قەدىرقىممىتىنى ئىدراك قىلالمايدۇ. بىر پارچە قۇرۇق ناننىڭ قورسىقى توق ئادەملەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ باي بولسا ئۇنىڭدىكى نىئمەت دەرىجىسى چۈشىنىلمەيدۇ. ھالبۇكى بىر مۆئمىننىڭ نەزىرىدە، ئىفتار ۋاقتىدا ئۇ قۇرۇق ناننىڭ بەكمۇ قىممەتلىك بىر ئىلاھى نىئمەت ئىكەنلىكىگە تىلىدىكى تەم سېزىمى گۇۋاھ بولىدۇ. پادىشاھتىن باشلاپ، تا ئەڭ پېقىرلەرگىچە ھەركىم رامىزانى شەرىپتە ئۇ نىئمەتلەرنىڭ قەدىرقىممەتلىرىنى چۈشىنىش ئارقىلىق بىر خىل مەنىۋى شۈكۈرلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

  ھەمدە كۈندۈزى بىر نەرسە يىيىشتىن چەكلىنىشى جەھەتى بويىچە «ئۇ نىئمەتلەر مېنىڭ مۈلكۈم ئەمەس، مەن بۇلارنى ئىستىمال قىلىشتا ئەركىن ئەمەسمەن. دېمەك باشقا بىرىسىنىڭ مۈلكى ۋە ئىنئامىدۇر. ئۇنىڭ ئەمرىنى كۈتىمەن»، دەپ نىئمەتنى نىئمەت دەپ تونۇيدۇ، بىر مەنىۋى شۈكۈر قىلىدۇ. مانا بۇ خىل شەكىلدە، روزا كۆپ جەھەتتە ئىنساننىڭ ھەقىقى ۋەزىپىسى بولغان شۈكۈرنىڭ ئاچقۇچى ھۆكمىگە ئۆتىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.