Genel

رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟

رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟

  جاۋاپ: شۇنداق، رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بار. بەزى ئىنسانلار پەقەتلا يىيىش ۋە ئىچىشنى تاشلاپ رۇزا تۇتىدۇ. بەزى كىشىلەر يەپ ئىچىشنى تەرك قىلىش بىلەن بىرگە، يامان ئىشلارغا ۋە يىرگىنىشلىك سۆزلەرگە قارشى رۇزا تۇتىدۇ. بۇ خىل شەكىلدە تۇتۇلغان رۇزا، ئالدىنقى رۇزىدىن تېخىمۇ ئۈستۈندۇر.

  ناھايتى تاللانغان بىر گۇرۇپمۇ باردۇركى، بۇلار يىمەيدۇئىچمەيدۇ، يامان ئىشلارنى قىلمايدۇ، يامان سۆزلەرنى سۆزلىمەيدۇ، قەلبىنى ۋە كۆڭۈل دۇنياسى بىلەنمۇ رۇزا تۇتىدۇ. بۇ رۇزا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدۇر.
  ئىمامى غازالى رەھىمەھۇللاھ رۇزىنى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىغاندۇر:
  1. ھەركىشىنىڭ تۇتقان رۇزىسى. بۇ، يىيىش ئىچىش ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ئارزۇسىغا تۇسقۇن بۇلۇش سۈرىتى بىلەن تۇتۇلغان رۇزىدۇر.

  2. ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ تۇتقان رۇزىسى. بۇ يەپ ئىچىشنى تاشلاش بىلەن بىرگە كۆزىنى، قۇلىقىنى، تىلىنى، پۇتىنى ۋە باشقا ئورگانلىرىنى گۇناھتىن ئالا قويۇش بىلەن تۇتۇلغان رۇزىدۇر.
  3.بەك ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ تۇتقان رۇزىسى. شۇ رۇزا، قەلبىنى كەلسە كەلمەس ئويپىكىرلەردىن ۋە دۇنياغا ئائىت چۈشەنچىلەردىن تازلاپ، تاكى باشقا ھېچبىر نەرسىگە قەلىپتىن ئورۇن بەرمەستىن تۇتۇلغان رۇزىدۇر.

  ئۇشبۇ مەۋزۇ ئۇزۇن چۈشەندۈرۈشلەر ئارقىلىق ئىمامى غازالىنىڭ ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن ئىسىملىق ئەسىرىدە چۈشەندۈرۈلگەن.

  رۇزىنڭ سىرلىرى ۋە باتىنى شەرىتلىرى:

  رۇزا ئۈچ دەرىجە بولۇپ:

ئا) ئاۋامنىڭ رۇزىسى؛

ب) ھاۋاس يەنى يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ رۇزىسى؛

س) ئەھاسسۇل ھاۋاس يەنى ئىمتىيازلىق يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ رۇزىسى؛

  ئاۋامنىڭ رۇزىسى: بۇ رۇزا، ئاشقازان ۋە جىنسى ئەزاسىنى شەھۋەتلىرىدىن توسۇشتۇر. يەنى، يىيىش، ئىچىش ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىشتۇر.

  ھاۋاس يەنى يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ رۇزىسى: قۇلاق، كۆز، تىل، قول، پۇت ۋە باشقا ئەزالارنى گۇناھلاردىن ئۇزاق تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.

  ئەھاسسۇل ھاۋاس يەنى ئىمتىيازلىق يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ رۇزىسى: قەلبىنى، دۇنياۋى ئويچۈشەنچىلەردىن پۈتۈنلەي تازلاپ، ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسىنى قەلىپتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشتۇر. مۇشۇنداق بىر رۇزا، ئاللاھ ۋە قىيامەت كۈنىدىن باشقا بىر نەرسىنى چۈشەنسە بۇزۇلىدۇ. دىن ئۈچۈن ئويلانمىغان بولسا، دۇنيانى ئويلىنىشمۇ بۇ رۇزىنى بۇزىدۇ. پەقەتلا دىن ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان دۇنيا، ئاخىرەتنىڭ ئوزۇقتۈلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيالىق بولۇشتىن چىقىدۇ ۋە شۇنداق قىلىپ بۇ رۇزىنىڭ بۇزىلىشىغا سەۋەپ تەشكىل قىلىنمىغان بولىدۇ. ھەتتا قەلىپ ئەھلى، ئاقشاملىققا ئىپتاردا يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلەرنى ئويلىنىپ پىكىر يۈرگۈزگەن كىشىنىڭ خاتا قىلىدىغان ئىكەنلىكىنى قەيىت قىلشقان. چۈنكى، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىگە ئىشەنمەسلىك، ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەدە قىلىنغان رىزىققا دەل ئىشەنمەسلىك دېگەنلىكتۇر. بۇ مەرتىۋەپەيغەمبەرلەرنىڭ، سىددىق ۋە مۇقەررەپيېقىنلىرىنىڭ مەرتىۋىسىدۇر. بۇ مەرتىۋىنىڭ سۆز بىلەن چۈشەندۈرىلىشى مۈمكىن ئەمەستۇر. بۇنىڭ ھەقىقى تەتبىق قىلىنىشى پەقەتلا ئەمەل جەھەتتىن مۈمكىندۇر. چۈنكى بۇ، ھىممەتغەيرىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلەندۈرىلىشى ۋە ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسىنى بىر تەرەپكە ئىتتىرىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئەھۋال شۇ ئايەت بىلەن نىمىدىگەن گۈزەل ئىپادە قىلىنغان

 قُلِ اللَّهُ ثُمَّ ذَرْهُمْ فِي خَوْضِهِمْ يَلْعَبُونَ

ئاللاھ دە! ئاندىن،ئۇلارنى تەرك ئەتكىنكى، ئۇلار باتىللىرىدا (يەنى قالايمىقان سۆزغەيۋەتلىرىدە) ئويناپ يۈرسۇن(ئەنئام:91) ‘‘