بەشىنچى داۋا:
ئەي كېسەلگە مۇپتىلا بىتاپ! بۇ زامانلاردا تەجرىبىلىرىم بىلەن قانائەت ھاسىل قىلدىمكى، كېسەللىك بەزىلەر ئۈچۈن ﷲنىڭ بىر ئېھسانىدۇر ۋە بىر مەرھەمەت ھەدىيەسىدۇر. بۇ سەككىز–توققۇز يىل ئىچىدە مېنىڭ بىر لاياقىتىم بولمىسىمۇ، بەزى ياشلار كېسەللىك مۇناسىۋىتى بىلەن دۇئا قىلىشىمنى ئۆتۈنۈشتى. دىققەت قىلدىمكى، قايسى كېسەلمەن ياشنى كۆرسەم، باشقا ياشلارغا نىسبەتەن ئاخىرەتنى ئويلىنىشقا باشلىغان، ياشلىق مەستلىكى يوق، غەپلەت ئىچىدىكى ھايۋانىي ھەۋەسلەردىن بىر ئاز ئۆزىنى قۇتقۇزىۋالغان ئىدى. مەنمۇ ئۇلارغا بەرداشلىق بېرەلەۋاتقان كېسەللىكلىرىنىڭ ﷲنىڭ بىر ئېھسانى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قوياتتىم ۋە دەيتتىم: «قېرىندىشىم، سېنىڭ بۇ كېسىلىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا ساڭا بىر شەپقەت ھېس قىلىپ ئىچ ئاغرىتالمايۋاتىمەن، كېسەللىك سېنى تامامەن ئوياتقانغا قەدەر سەبىر قىل. كېسەللىك ئۆز ۋەزىپىسى تۈگىگەندىن كېيىن رەھىملىك ياراتقۇچى ئىنشائاللاھ ساڭا شىپا بېرىدۇ.» يەنە دېگەن ئىدىم: «ساڭا ئوخشىغان بىر قىسىم ياشلار سالامەتلىك بالاسى ئارقىلىق غەپلەتكە چۈشۈپ نامازنى تاشلاپ، قەبىرنى ئويلانماي، ﷲنى ئۇنۇتۇپ، دۇنيا ھاياتىنىڭ بىر سائەتلىك كىچىككىنە كەيپى بىلەن چەكسىز ئەبەدىي ھاياتىنى زېدىلەيدۇ، ھەتتا خاراپ قىلىشىدۇ. سەن بولساڭ، كېسەللىك كۆزى ئارقىلىق ئەلۋەتتە بارىدىغان يېرىڭ بولغان قەبىرنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاخىرەتلىك يەرلىرىڭنى كۆرىسەن. ھەمدە ئۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىسەن. سەن ئۈچۈن كېسەللىك بىر سالامەتلىك، ساڭا ئوخشاش بىر قىسىملارنىڭ سالامەتلىكى بولسا بىر خىل كېسەللىكتۇر.»