Kategori: تاللانغان ماقالىلەر

  • !ئەي شىكايەتچى بىتاپ

    !ئەي شىكايەتچى بىتاپ

    تۆتىنچى داۋا:   ئەي شىكايەتچى بىتاپ! سېنىڭ ھەققىڭ شىكايەت ئەمەس، بەلكى شۈكۈردۇر، سەبىردۇر. چۈنكى سېنىڭ تېنىڭ، ئەزا ۋە تۇيغۇلىرىڭ سېنىڭ مۈلكۈڭ ئەمەس، ئۇلارنى سەن ياسىمىغان ياكى ماگىزىندىن سېتىۋالمىغان، دېمەك باشقىسىنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىگىسى ئۆز مۈلكىدە خالىغىنىدەك ئىجرائىيەت يۈرگۈزىدۇ. يىگىرمە ئالتىنچى سۆزدە دېيىلگىنىدەك، مەسىلەن: ناھايىتى باي ۋە بەكمۇ ماھىر بىر سەنئەتكار گۈزەل ھۈنەر–سەنئەتلىرىنى ۋە قىممەتلىك بايلىقلىرىنى […]

  • … ئەي بىچارە بىمار! كېسىلىڭنى ئويلاپ غەم قىلما

    … ئەي بىچارە بىمار! كېسىلىڭنى ئويلاپ غەم قىلما

    يىگىرمە بەشىنچى لەمئا (يىگىرمە بەش داۋادىن ئىبارەت) (بىمارلار ئۈچۈن بىر داۋا، بىر تەسەللى، بىر مەنىۋى رېتسىپ بولۇپ كېسەل سوراش ۋە ساقىيىپ كېتىشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يېزىلدى.) ئەسكەرتىش:   بۇ مەنىۋىي رېتسىپ، باشقا بارلىق رىسالىلەرگە نىسبەتەن ئۆزگىچە ھالدا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يېزىلدى. ھەمدە باشقىلىرىغا ئوخشىمىغان ئاساستا، كۆڭۈل بۆلۈپ قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشقىمۇ ۋاقىت بولماي ناھايىتى تېز ھالدا […]

  • ناماز- ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە مۇھىم

    ناماز- ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە مۇھىم

    تۆتىنچى سۆز بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم اَلصَّلاَةُ عِمَادُ الدِّينِ   ناماز ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن نەقەدەر يەڭگىل ۋە ئاز بىر سەرمايە كېتىدىغانلىقىنى، ھەم نامازسىز ئادەم نەقەدەر ئەخمەق ۋە بەكمۇ ھەسرەتتە قالغۇچى بولىدىغانلىقىنى، ئىككى كەررە ئىككى تۆت بولۇش دەرىجىسىدە ئېنىق چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلىي ھېكايىگە قارا، كۆر:   بىر زامان بىر بۈيۈك ھاكىم، […]

  • قايغۇ-غەم قىلىش

    قايغۇ-غەم قىلىش

    قَالَ إِبْرَاهِيمُ بْنُ أَدْهَمَ : الْحُزْنُ حُزْنَانِ ، فَحُزْنٌ لَكَ ، وَحُزْنٌ عَلَيْكَ فَالْحُزْنُ الَّذِي هُوَ لَكَ حُزْنُكَ عَلَى الآخِرَةِ ، وَخَيْرِهَا ، وَالْحُزْنُ الَّذِي هُوَ عَلَيْكَ حُزْنُكَ عَلَى الدُّنْيَا وَزِينَتِهَا ئىبراھىم ئىبن ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەنىكەن:   ”قايغۇ بولسا ئىككىدۇر. بىرى سەن تەرەپتە، يەنە بىرىسى سېنىڭ قارشى تەرىپىڭدىدۇر. سەن تەرەپتە بولغان قايغۇ، سېنىڭ ئاخىرىتىڭ […]

  • يوقتىن ھېچ نەرسە بار بولمايدۇ ۋە ھېچ بىر بار نەرسە يوق بولمايدۇ” دېيىشىدۇ. بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟”

    يوقتىن ھېچ نەرسە بار بولمايدۇ ۋە ھېچ بىر بار نەرسە يوق بولمايدۇ” دېيىشىدۇ. بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟”

      ئۈچىنچى سوئال: بۇرۇن دۈشمەن، ھازىر دوست بولغان ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن كىشى دەيدۇكى: شۇ زاماندا ناھايىتى راۋاج تاپقان پەيلاسوپلار «يوقتىن ھېچ نەرسە بار بولمايدۇ ۋە ھېچ بىر بار نەرسە يوق بولمايدۇ. پەقەت بېرىكىش ۋە پارچىلىنىشلارلا كائىنات زاۋۇتىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ» دېيىشىدۇ. بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟   جاۋاب: مەۋجۇداتقا قۇرئان نۇرى بىلەن قارىمىغان پەيلاسوپلارنىڭ ئەڭ راۋاج تاپقانلىرى، تەبىئەت […]

  • شەيتاننىڭ يوللىرىغا(ئىزىدىن) ئەگەشمەڭلار

    شەيتاننىڭ يوللىرىغا(ئىزىدىن) ئەگەشمەڭلار

    خۇتۇۋاتى سىتتە(ئالتە قەدەم) اَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ وَلاَ تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ (شەيتاننىڭ يوللىرىغا(ئىزىدىن) ئەگەشمەڭلار) سۈرە بەقەرە:168،208؛سۈرە ئەنئام:142   ھەر قانداق بىر زاماننىڭ ئىنسى بىر شەيتىنى باردۇر. ئەمدىلكتە بولسا ئىنسانيەتتە ئىنسان سۈرىتىدە شەيتاننىڭ ۋەكىلى بولغان غادايغان زالىم رۇھلۇقلار پىتنەكارلارچە سىياسىتى بىلەن جاھاننڭ ھەر تەرىپىگە ئوت تۇتاشتۇرغۇچى ئەلخەنناس بولغان شەيتان، ئالتە قەدەم ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىدا پىتنە–پاسات […]

  • سۈرە فەلەق ھەققىدە ئەھمىيەتلىك بىر ئەسكەرتىش

    سۈرە فەلەق ھەققىدە ئەھمىيەتلىك بىر ئەسكەرتىش

    خاتىمە (ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر مۆجىزە نۇكتەسىگە دائىر بىردىنلا، ئىختىيارسىز، شامدىن كېيىن قەلبكە ئەسكەرتىلگەن ۋە ﴿قُلْ اَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ﴾ نىڭ زاھىر بولغان بىر غەيبىي مۆجىزىسىنى كۆرسەتكەن ئۇزۇن بىر ھەقىقەتكە قىسقا بىر ئىشارەتتۇر.) بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم ﴿قُلْ اَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ ❀ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ ❀ وَمِنْ شَرِّ غَاسِقٍ اِذَا وَقَبَ ❀ وَمِنْ شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِى […]

  • ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارھەققىدە

    ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارھەققىدە

    سوئال: ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنى بىر–بىرىگە ئۇلاپ دېيىشنىڭ، كېرەكسىز يەردە، مەلۇم بىر ۋەقەدە «پالانچى پالانچىدىن، پالانچى پوكۇنچىدىن» دېيىشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟   جاۋاپ: پايدىلىرى كۆپتۇر. مەسىلەن بىر پايدىسى شۇدۇر: ئۇلاپ دېيىش ئارقىلىق، ئۇ زەنجىردە ئىسمى بولغان ساغلام، ھۆججەتلىك ۋە سادىق بولغان ئەھلى ھەدىسنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى ئۇ زەنجىر ۋە سەنەدتە (كىمدىن ئىكەنلىكىدە) ئىسمى ئۆتكەن ھەربىر […]

  • بۇ بىدئەتكە تەرەپدارلىق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟

    بۇ بىدئەتكە تەرەپدارلىق قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟

      قىزىقتۇرىدىغان ئۈچىنچى سوئال: بۇ يېقىندا ئېنگلىز ۋە ئىتالىيەگە ئوخشاش ئەجنەبىيلەرنىڭ بۇ ھۆكۈمەتكە چېقىلىشىغا قارشى، بۇرۇندىن بېرى بۇ ۋەتەندىكى ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي تايىنىش نۇقتىسى ۋە مەنىۋى قۇۋۋىتىنىڭ مەنبەسى بولغان ئىسلامىي ھامىيەتنىڭ(تۆھپىكارلىقنىڭ) راۋاجلاندۇرىلىشى ئىسلامىيەت شەئائىرلىرىنىڭ قىسمەن تىرىلىشىگە ۋە بىدئەتلەرنىڭ قىسمەن يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان تۇرسا، نېمىشقا شىددەت بىلەن ئۇرۇشقا قارشى چىقىپ، بۇ مەسىلىنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل بولىشىغا دۇئا […]

  • ئىبادەتنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە

    ئىبادەتنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە

    بۇ قەدەر ئاجىز ۋە زەئىپ، پېقىر ۋە موھتاج بولغان ئىنسان روھى ئۈچۈن تەۋھىد، تەسلىم تەۋەككۈل ۋە  ئىبادەتنىڭ نە قەدەر چوڭ بىر پايدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشنى خالامسىز؟ ئاخىرەت سائادىتىدەكلا، دۇنيا سائادىتىمۇ ئىبادەتتە ۋە اﷲقا ئەسكەر بولۇشتىدۇر. ئۈچىنچى سۆز بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ * يَا اَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا ( ئى ئىنسانلار!… ئىبادەت قىلىڭلار.سۇرە بەقەرە:21)   ئىبادەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك بىر تىجارەت ۋە […]