Kategori: رىسالەئى نۇر ھەققىدە

  • قانداق قىلغاندا جازاغا ئۇچىرىماستىن جەننەتكە كىرگىلى بولىدۇ؟

    قانداق قىلغاندا جازاغا ئۇچىرىماستىن جەننەتكە كىرگىلى بولىدۇ؟

    جازا چەكمەستىن جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن تۆت نەرسە ئاساستۇر:   بىرىنچىسى: ئىمان.  ئىككىنچىسى: ئىسلام.  ئۈچىنچىسى: ئەمەلى سالىھ. ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ تەرىپىگە كۆرە ئەمەلى سالھ: ”ئەمىر دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىش ۋە خەيرات–ساۋاپ قازىنىشتۇر.“ ”ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپتىن قول ھەققىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق بىلەن بىرگە، ھوقۇقۇللاھ يەنى ئاللاھنىڭ ھوقۇقىغىمۇ ھەقىقى تۈردە رىئايە قىلىپ بەدەل ئۆتەشتىن ئىبارەتتۇر.“  تۆتىنچىسى: تەقۋادۇر. تەقۋا بولسا […]

  • رىسالەئى نۇر ھەقىقەتلىرى، نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە دەل مەنىسى بىلەن يەرلىشەلمەيۋاتىدۇ؟

    رىسالەئى نۇر ھەقىقەتلىرى، نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە دەل مەنىسى بىلەن يەرلىشەلمەيۋاتىدۇ؟

    رىسالەئى نۇر ھەقىقەتلىرى، نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە دەل مەنىسى بىلەن يەرلىشەلمەيۋاتىدۇ؟   ئەلھەمدۇلىللاھ. بىزلەر پەيغەمبىرمىز زىشان ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئىمان ئېيىتتۇق. بۇ ئىمانىمىز سەۋەبى بىلەن ئۇ زاتى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا تەبائييەت كۆرسىتىپ–بۇيسۇنۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە، زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسى بولمىغاچقا، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇ زاتى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن مەنىۋى جەھەتتە بىللە تۇرىۋاتىمىز ۋە گۇناھلارىمىزدىن […]

  • رىسالەئى نۇر تەپسىرى قانداق ئوقۇلىشى كېرەك؟

    رىسالەئى نۇر تەپسىرى قانداق ئوقۇلىشى كېرەك؟   رىسالەئى نۇردىكى بارلىق ئىمانى ۋە ئىسلامى مەسىلىلەر توغرىدىن– توغرا قۇرئاننىڭ ۋە قۇرئاننىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇپەسسىرى بولغان ھەدىسنىڭ مېلىدۇر. بۇ سەۋەپتىن،ئىمانغا ۋە ئىسلامغا ئائىت بىر مەسىلە ئوقۇلغان ۋاقىتتا مەنبەدىكى مۇقەددەسلىك سەۋەبىدىن ئۇ مەسىلە ئىچىدە قۇرئان ۋە ھەدىسنى تىپىش لازىمدۇر. ھەم قۇرئانغا ئائىت بىر مەسىلە چۈشەندۈرۈلگەن ۋاقىتتا نەزەرلەر ئەۋۋەل بىۋاستە […]

  • مەشھۇر بىر ھەدىس-بەرىكەت مۆجىزىسى

    مەشھۇر بىر ھەدىس-بەرىكەت مۆجىزىسى

      ئون ئالتىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، سەھىھ كىتابلار (قەتئىي نەقىل بىلەن) بايان قىلىدۇكى: ھەزرەتى ئەبۇ ھۇرەيرە شۇنداق دەيدۇ: قورسىقىم ئېچىپ كەتكەنىدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، ئۇنىڭ مۇبارەك ئۆيىگە كەلدۇق. ئۇ يەردە ھەدىيەلىك كەلتۈرۈلگەن بىر تاۋاق سۈتنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ئەھلى سۇففەنى چاقىرىپ كەل!» دەپ بۇيرىدى. مەن قەلبىمدە: «بۇ سۈتنىڭ ھەممىنى […]

  • ئابدۇللاھ ئىسىملىك مەشھۇر يەتتە ساھابىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ھەزرەتلىرى

    ئابدۇللاھ ئىسىملىك مەشھۇر يەتتە ساھابىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ھەزرەتلىرى

      ئالتىنچى نۇقتا: ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېخىللىقنىڭ كۆپ پەرقى بار. مەسىلەن: كىچىك پېئىللىق، ناچار ئەخلاق بولغان خوشامەتچىلىكتىن مەنە جەھەتتىن ئايرىم، بىراق كۆرۈنۈشتە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر گۈزەل خىسلەتتۇر. ۋە يەنە تەمكىنلىك، يامان خىسلەتلەردىن بولغان تەكەببۇرلۇق بىلەن مەنە جەھەتتىن پەرقلىق، ئەمما كۆرۈنۈشتە ئوخشىشىپ كېتىدىغان گۈزەل خىسلەتتۇر. شۇنىڭدەكلا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالىي ئەخلاقىدىن بولغان ۋە بەلكى ﷲنىڭ كائىناتتىكى ھىكمەت نىزاملىرىنى كۆرسىتىدىغان […]

  • وَمَا رَمَيْتَ اِذْ رَمَيْتَ وَلكِنَّ اللّهَ رَمَى پۈتۈن ئەھلى ھەدىسنىڭ خەۋىرى بىلەن، بۇ ئايەت خەۋەر بېرىدۇكى

    وَمَا رَمَيْتَ اِذْ رَمَيْتَ وَلكِنَّ اللّهَ رَمَى پۈتۈن ئەھلى ھەدىسنىڭ خەۋىرى بىلەن، بۇ ئايەت خەۋەر بېرىدۇكى

    ئون ئىككىنچى ئىشارەت:   ئون بىرىنچى ئىشارەت بىلەن ئالاقىدار بولغان ئۈچ مىسالدۇر، ئەمما ناھايىتى مۇھىم مىساللاردۇر.   بىرىنچى مىسال: ﴿وَمَا رَمَيْتَ اِذْ رَمَيْتَ وَلكِنَّ اللّهَ رَمَى﴾ ئايىتىنىڭ قەتئىيلىكى بىلەن ۋە پۈتۈن مۇفەسسىرلەرنىڭ تەھقىقى بىلەن، ھەمدە پۈتۈن ئەھلى ھەدىسنىڭ خەۋىرى بىلەن، بۇ ئايەت خەۋەر بېرىدۇكى، بەدىر غازىتىدا رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىر ئوچۇم تۇپراق بىلەن كىچىك […]

  • بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە سۈيقەسىت قىلىشى

    بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە سۈيقەسىت قىلىشى

      ئىككىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار خەۋەر بېرىدۇكى، خەيبەر غازىتىدا بىر يەھۇدىي ئايال بىر ئۆچكىنى كاۋاپ قىلىپ، ناھايىتى تەسىرلىك بىر زەھەر بىلەن زەھەرلەپ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئەۋەتتى. ساھابىلەر يېيىشكە باشلىدى. بىردىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدى: «اِرْفَعُوا اَيْدِيَكُمْ اِنَّهَا اَخْبَرَتْنِى اَنَّهَا مَسْمُومَةٌ يەنى: پىشۇرۇلغان ئۆچكە ماڭا ‹مەن زەھەرلىكمەن› دېدى.» شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قولىنى تارتتى. […]

  • مۇقەددىمە

    مۇقەددىمە

    “…. ساھىلى سالامەت بولغان دارۇسسالامغا (جەننەتكە) ئۈممەتى مۇھەممەدىيەنى (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) چىقارغان بىر رەببانىي كېمىدە ئىشلەۋاتقان خادىملارمىز.” بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى بِسْمِ اللٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ اَلْحَمْدُ لِلٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ وَ الصَّلاَةُ وَ السَّلاَمُ عَلَى سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ وَ عَلَى آلِهِ وَ صَحْبِهِ اَجْمَعِينَ مۇقەددىمە   بىز شەرىھ قىلغان بۇ ’’ئون بىرىنچى سۆز‘‘، شەمىس سۈرىسىنىڭ 1–دىن10–ئايىتى كەرىمىلىرىنىڭ تەپسىرىدۇر. رىسالەئى […]

  • پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۈۋرۈك مۆجىزىسى

    پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۈۋرۈك مۆجىزىسى

      مۇھىم بىر نۇكتە: ئەگەر دېيىلسە، نېمىشقا خەندەك غازىتىدا تۆت ئوچۇم تائام بىلەن مىڭ ئادەمنى تويغۇزغان تائام مۆجىزىسى ۋە بارماقلىرىدىن ئاققان سۇ بىلەن مىڭ بەش يۈز كىشىگە سۇنى قانغۇچە ئىچۈرگەن سۇ مۆجىزىسى شۇ تۈۋرۈك مۆجىزىسىدەك داغدۇغا بىلەن كۆپ يوللاردىن رىۋايەت قىلىنمىغان؟ ھالبۇكى، ئۇ ئىككىسى بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ جامائەت ئىچىدە مەيدانغا كەلگەنىدى.   جاۋاب: مەيدانغا كەلگەن […]

  • رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى-دەرەخلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەمرىنى ئاڭلىشى

    رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى-دەرەخلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەمرىنى ئاڭلىشى

    توققۇزىنچى ئىشارەت:   رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ يەنە بىر تۈرى، دەرەخلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئەمرىنى ئاڭلىشى ۋە ئورنىدىن قوزغىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىدۇركى، بۇ دەرەخ مۆجىزىسى، بارماقلىرىدىن سۇنىڭ ئېقىشىغا ئوخشاشلا مەنەن مۇتەۋاتىردۇر. خىلمۇ–خىل شەكىللىرى بار ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن كەلگەندۇر. شۇنداق، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئەمرى ئۈچۈن دەرەخ ئورنىدىن قوزغىلىپ يېنىغا كېلىشىنى ئوچۇق شەكىلدە مۇتەۋاتىر دېگىلى […]