Kategori: رىسالەئى نۇر ھەققىدە

  • ئىنساننىڭ ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى بار، بىلەمسىز؟

    ئىنساننىڭ ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى بار، بىلەمسىز؟

    ئىنساننىڭ ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى:   بىرىنچىسى: كائىناتتا يېيىلغان پۈتۈن نىمەت تۈرلىرىنى ئىنسان ئارقىلىق تەرتىپكە قويۇپ، ئىنساننىڭ مەنپەئەتلىنىش يىپى بىلەن تەسبىھ دانىلىرىدەك ئىنتىزامغا سالىدۇ، نىمەتلەرنىڭ يىپلىرىنىڭ ئۇچلىرىنى ئىنساننىڭ بېشىغا باغلايدۇ، رەھمەت خەزىنىلىرىنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىگە ئىنساننى بىر تىزىملىك ھۆكمىگە كەلتۈرگەندۇر.   ئىككىنچى ۋەزىپىسى: ھەييۇل قەييۇم بولغان زاتنىڭ خىتابلىرىغا مۇجەسسەملىك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئەڭ مۇكەممەل مۇخاتاب (خىتاپ قىلىنغۇچى) بولۇش، […]

  • ناماز ئوقۇش ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلماسلىق ھەققىدە

    ناماز ئوقۇش ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلماسلىق ھەققىدە

    بەشىنچى سۆز بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم ﴿اِنَّ اللّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ﴾*   ناماز ئوقۇش ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلماسلىق ئىنساننىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە ھەقىقى ۋەزىپىسى، ھەمدە ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى نەقەدەر مۇناسىپ ۋە تەبىئى نەتىجە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلى ھېكايىنى ئاڭلا:   ئۇرۇش مەزگىلىدە، بىر ھەربى قىسىمدا، بىرى بىلىملىك ۋە ۋەزىپەپەرۋەر، يەنە بىرى نادان ۋە نەفسپەرۋەر ئىككى ئەسكەر […]

  • نامازنىڭ شۇ مۇئەييەن بەش ۋاقىتقا بۆلۈنگەنلىكىنىڭ ھىكمىتىنى بىلەمسىز؟

    نامازنىڭ شۇ مۇئەييەن بەش ۋاقىتقا بۆلۈنگەنلىكىنىڭ ھىكمىتىنى بىلەمسىز؟

    توققۇزىنچى سۆز بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم ﴿فَسُبْحَانَ اللّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ ❁ وَلَهُ الْحَمْدُ فِى السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُون﴾ سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە، كەچ ۋە پېشىندە ﷲقا تەسبىھ ئېيتىڭلار(ناماز ئوقۇڭلار)كى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەمدۇ–سانالارنىڭ ھەممىسى ﷲقا خاستۇر.(سۈرە رۇم: 17-18-ئايەت)   ئەي بۇرادەر! مەندىن نامازنىڭ شۇ مۇئەييەن بەش ۋاقىتقا بۆلۈنگەنلىكىنىڭ ھىكمىتىنى سوراۋاتىسەن. ناھايىتى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن […]

  • ئەھلى شېرىك ۋە ئەھلى كۇپۇر

    ئەھلى شېرىك ۋە ئەھلى كۇپۇر

      ئەھلى شېرىك ۋە ئەھلى كۇپۇر، بارلىق چارىلىرىنى قوللىنىپ قۇرئان نۇرىنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ(جەللە جەلالۇھۇ) نۇرىنى تاماملايدۇ. قۇرئاننىڭ ۋەدىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلار، پەيغەمبەرلىكنىڭ نۇرىنىڭ قارشىسىغا چىقالمايدۇ(قارشى كىلەلمەيدۇ.). ھەق دىن بولغان ئىسلام، پۈتۈن جاھانغا ھاكىم بولىدۇ.(تەۋبە:32-33، ساف:8-9) جانابى ھەق، ئەھلى شېرىك ۋە ئەھلى كۇپۇرغا قارشى رەسۇلىنى مۇھاپىزەت قىلغىنىدەك، كىتاپ ۋە سۈننەتكە ئەگەشكۈچىلەرنىمۇ مۇھاپىزەت قىلىدۇ.(مائىدە:67، ھىجىر:9)

  • سىزگە بىرى ناماز قىلىش ياخشى ئەمما ھەر كۈن بەش ۋاخ نامازقىلىۋىرىش زېرىكىشلىك بېرىۋاتىدۇ…دېگەندۇ؟

    سىزگە بىرى ناماز قىلىش ياخشى ئەمما ھەر كۈن بەش ۋاخ نامازقىلىۋىرىش زېرىكىشلىك بېرىۋاتىدۇ…دېگەندۇ؟

    يىگىرمە بىرىنچى سۆز بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم ﴿اِنَّ الصَّلاَةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا﴾   بىر ۋاقىت يېشى، تەقى–تۇرقى، دەرىجىسى چوڭ بىر ئادەم ماڭا: «ناماز ھەقىقەتەن ياخشىدۇر، ئەمما ھەر كۈنى بەش ۋاخ ناماز جىق كېلىپ زېرىكىش بېرىۋاتىدۇ» دېدى.   شۇ كىشىنىڭ سۆزىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن نەفسىمنى تىڭشاپ باقتىم. شۇ كىشى ئېيتقان ئەشۇ سۆزلەرنى سۆزلەۋاتاتتى. […]

  • قىيامەتلىك ھەمشىرىلەر: ئاسىمە، فاتىمە، لەمان، ئائىشە، نائىلە

    قىيامەتلىك ھەمشىرىلەر: ئاسىمە، فاتىمە، لەمان، ئائىشە، نائىلە

    بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ   ئەي قەلبىمىزدە ئىپادىلىگۈسىز چەكسىز مۇھەببەتلىرىمىز بولغان بەكمۇ مۆھتىرەم، بەكمۇ ئەزىز، بەكمۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!   كىرىشكە مۇشەررەپ بولغان رامىزانى شەرىفىڭىزنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. قۇسۇرلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىپ، بىز بىچارىلەرنى نۇر تالىپلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز.   ئەي روھىمىزنىڭ ئوزۇقى ۋە قەلبىمىزنىڭ ئەبەدىي ئۆچمەس مەشئىلى، ماددىي ۋە مەنىۋىي دەرتلىرىمىزنىڭ دەرمانى! ئەي قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ بۈيۈك، […]

  • مەنىدار بىر ئەسلىمە

    مەنىدار بىر ئەسلىمە

    ئەمىرتاغنىڭ مەنىدار بىر ئەسلىمىسى   بەش يىلدىن بېرى ھاۋالىنىش ئۈچۈن ئەمىرتېغىنىڭ ئەتراپىدا ئات ھارۋىسى بىلەن كېزەتتىم. كۆپ قېتىم ھارۋىدا كېتىۋاتقىنىمدا، ئاجايىپ بىر تەرزدە، بىر ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان ئۇششاق بالىلار، ئاتا–ئانىسىغا قارىتا كۆرسەتكەن يېقىنلىقتىنمۇ زىيادە بىر ئىشتىياق بىلەن ھارۋامغا ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ قولۇمغا ئېسىلىۋالاتتى. ھەتتا بىر قېتىم ھارۋىنىڭ ئاستىغا يىقىلىپ چۈشۈشكەن تۇرۇپ، ھەيران قالارلىق بىر تەرزدە […]

  • ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى نىمە؟

    ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى نىمە؟

    تۆتىنچى نۇقتا:   ئىمان ئىنساننى ئىنسان قىلىدۇ، ھەتتا ئىنساننى سۇلتان قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ئىمان ۋە دۇئادۇر. كۇفۇر ئىنساننى ناھايىتى ئاجىز بىر يىرتقۇچ ھايۋان قىلىدۇ.   شۇ مەسىلىنىڭ مىڭلارچە دەلىللىرىدىن پەقەت ھايۋان ۋە ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى پەرقلەر ئۇ مەسىلىگە ئوچۇق ۋە قەتئىي دەلىلدۇر.   شۇنداق، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمان بىلەن ئىنسانىيەت بولىدىغانلىقىنى ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ دۇنياغا […]

  • !ئاياللار ۋە ئاخىرزامان فىتنىسى

    !ئاياللار ۋە ئاخىرزامان فىتنىسى

    ئۇستازىمىزنىڭ «ياشلىق رەھبىرى» گە قوشۇلۇپ يېزىلىشى كېرەك بولغان بىر بايانىدۇر   مەرسىندىن كەلگەن «رەھبەر»نىڭ باش تەرىپىدىكى «مۇھىم مەسىلە» نامىدىكى يىگىرمە ئۈچ ۋە يىگىرمە تۆتىنچى بەتلەرنىڭ چىقىرىلىشىنى ئۇيغۇن كۆردۈم. چۈنكى«نۇر»دىكى مۇھىم بىر مەسلەك شەپقەت بولغانلىقتىن(ئەرلەردىن كۆپرەك) ئاياللار ھەم سەمىمىي، ھەم ئىخلاسلىق ھالدا «نۇرلار» بىلەن ھەقىقىي ھالدا ئالاقىدار بولىشىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى بەتتىكى قاتتىق تەبىرلەردىن، شەپقەت قەھرىمانلىرى بولغان ئۇ […]

  • خانىم-قىزلار سەمىگە – ئىنتايىن ئەھەممىيەتلىك چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ

    خانىم-قىزلار سەمىگە – ئىنتايىن ئەھەممىيەتلىك چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ

    («خانىم–قىزلار رەھبىرى»دە ئىككى–ئۈچ قېتىم زىكىر قىلىنغان عَلَيْكُمْ بِدِينِ الْعَجَائِزِ ھەدىسى شەرىفىنىڭ سىرىنى بايان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، «ياشانغانلار رىسالىسى»دىن «يەتتە رىجا» ئۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىندى.)    بىرىنچى رىجا:   ئەي ياشىنىپ قالغان مۆھتەرەم قېرىنداشلار ۋە ھەمشىرىلەر! مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ياشانغان ئادەممەن. قېرىلىق زامانىمدا بەزىدە بايقىغان رىجالارنى ۋە ئۇ رىجالاردىكى تەسەللى نۇرىغا سىلەرنىمۇ ئىشتىراك قىلىش ئارزۇسى بىلەن بېشىمدىن […]