-
شەپقەت كاچاتلىرى
ئونىنچى لەمئا شەپقەت كاچاتلىرى رىسالىسى بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ ﴿يَوْمَ تَجِدُ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ مِنْ خَيْرٍ مُحْضَرًا وَمَا عَمِلَتْ مِنْ سُوءٍ تَوَدُّ لَوْ اَنَّ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُ اَمَدًا بَعِيدًا وَيُحَذِّرُكُمُ اللّٰهُ نَفْسَهُ وَاللّٰهُ رَؤُفٌ بِالْعِبَادِ﴾ (ئەل ئىمران:30) ئايىتىنىڭ بىر سىرىنى، قۇرئان خىزمىتىدىكى دوستلىرىمنىڭ ئىنسانلىقنىڭ تەقەززاسى يۈزسىدىن ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە يېگەن شەپقەت كاچاتلىرىنى بايان قىلىش […]
-
ئەزىمەت (تەقۋالىق) بىلەن ئەمەل قىلىشقا دائىر گۈزەل پەزىلەتلەر
ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سادىق شاگىرتلىرىنىڭ ئەزىمەت (تەقۋالىق) بىلەن ئەمەل قىلىشقا دائىر گۈزەل پەزىلەتلىرى. a.ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ۋە ئۇ ئالې–پەزىلەتلىك زاتلار، اِنْ اَجْرِىَ اِلَّا عَلَى اللّهِ (ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ) دەپ ھىچ كىمدىن ھەدىيە ئالمىغان؛ b.سىياسەتكە ئارلاشمىغان؛ c.ئىقتىساتچىللىق بىلەن ياشاپ، زۆرۇرىيەت مىقدارىدا يىگەن ۋە ئىچكەن؛ d.تەھەججۈد نامىزىنى تەرىك […]
-
ئىسمى ئەزەم – قۇددۇس
ئوتتۇزىنچى لەمئا (ئوتتۇز بىرىنچى مەكتۇپنىڭ ئوتتۇزىنچى لەمئاسى ۋە ئەسكىشەھىر تۈرمىسىنىڭ بىر مېۋىسى بولۇپ ئالتە نۇكتەدۇر.) دېڭىزلى مەدرەسەئى يۇسۇفىيەسىنىڭ* بىر يۈكسەك دەرسى «مېۋە رىسالىسى» ۋە ئافيون مەدرەسەئى يۇسۇفىيەسىنىڭ قىممەتلىك بىر مۇكەممەل دەرسى «ئەل ھۈججەتۇززەھرا» بولغىنىدەك، ئەسكىشەھىر مەدرەسەئى يۇسۇفىيەسىنىڭ غايەت قۇۋۋەتلىك بىر يۈكسەك دەرسىمۇ ئىسمى ئەزەمنى (ئەڭ بۈيۈك ئىسىمنى) ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئىسىمنىڭ ئالتە نۇكتەسىنى بايان […]
-
!پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كېچىدە
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَىٰ بِعَبْدِهِ لَيْلًا مِّنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الْأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آيَاتِنَا ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ [ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى […]
-
يا رەببىم دۇئالىرىمنى قوبۇل قىل
دۇئالارنىڭ رەت قىلىنمايدىغان بۇ مۇبارەك يېقىن بايرامنىڭ تاڭ ساباھىدا، قان ئاققان يۈرىگىمىزنى ۋە چارىسىز قالغان قوللىرىمىزنى يالغۇزلا ساڭا ئېچىپ يالۋۇرىمىز: يا رەببى! توپ–زەمبىرەكلىرى بىلەن، ئەسكەرلىرى بىلەن ۋە ھەر تۈرلۈك قۇرال ياراقلىرى بىلەن، سۈرىيەدە، پەلەستىندە، ئافغانىستاندا، چىچىنىستاندا، كەشمىردە، دىيارى شامدا، مىسىردا، شەرقىي تۈركىستاندا ۋە دۇنيانىڭ تېخمۇ كۆپ يەرلىرىدە: بالا–چاقا، ئەر–ئايال، قېرى–ياش دېمەستىن، مۇسۇلمان دىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ […]
-
ئجتىھاد ھەققىدە
تۆۋەندە ئەسرىمىزنىڭ بۈيۈك ئۆلىماسى بەدىئۇززامان سائىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ «ئىجتىھاد»قا ئائىت بەزى بايانلىرى يىگىرمە يەتتىنچى سۆز ئىجتىھاد رىسالىسى بۇ ئىجتىھاد رىسالىسى بەش–ئالتە يىل ئىلگىرى مەن ئەرەپچە بىر رىسالىدە يازغان ئىجتىھادقا دائىر بىر مەسىلە بولۇپ، ئۇ مەسىلە بويىچە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەددىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىككى قېرىندىشىمنىڭ ئارزۇسى بىلەن يەنە يېزىلدى. بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ وَلَوْ رَدُّوهُ اِلَى […]
-
سۈننەت يولى مۇھەببەت نۇرى
ئونىنچى نۇكتە: ﴿قُلْ اِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِى يُحْبِبْكُمُ اللّٰهُ﴾ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر اﷲ نى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [31] ئايىتىدە مۆجىزىلىك بىر بالاغەت باردۇر. چۈنكى، بۇ ئۈچ جۈملىنىڭ ئىچىدە كۆپ جۈملىلەر بار. يەنى، شۇ ئايەت دەيدۇكى: ﷲقا(جەللە […]
-
ياشلارغا خىتاپ
ئون ئۈچىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى ماقامى (جەلپ قىلارلىق فىتنە ئىچىدە بولغان ۋە تېخى ئەقلىنى يوقاتمىغان بەزى ياشلار بىلەن بولغان سۆھبەت) ھازىرقى ئالدامچى، جەلپ قىلارلىق كەيپ–ساپا ۋە فىتنىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن بىر قىسىم ياشلار «ئاخىرىتىمىزنى قانداق قۇتقۇزىمىز؟» دەپ، رىسالەئى نۇردىن ياردەم سوراشتى. مەنمۇ رىسالەئى نۇرنىڭ مەنىۋى شەخسى نامىدىن ئۇلارغا دېدىمكى: قەبىر بار. ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. خالىسىمۇ، […]
-
پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەت يولى
ئون بىرىنچى لەمئا سۈننەت دەرىجىلىرىنىڭ ئىزاھى ۋە بىدئەت كېسەللىكلىرىنىڭ تىرياقى* بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ ﴿لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ اَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَؤُفٌ رَحِيمٌ﴾ (تەۋبە:128) (ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئارا ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر [128] (بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى […]
-
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا خىتاپنىڭ داۋامى
يەنە مەسىلەن: شۇنداق بىر كىتابكى، ھەربىر قۇرى ئۈستىدىمۇ بىر كىتاب كىچىك ھەرىپلەر بىلەن يېزىلغان، ھەربىر سۆزىدە ئىنچىكە ھەرپ بىلەن بىر قۇرئان سۈرىسى يېزىلغان، ھەمدە بەكمۇ مەنىدار ۋە پۈتۈن مەسىلىلىرى بىر–بىرىگە قۇۋۋەت بېرىدىغان، شۇنداقلا يازغۇچىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ماھارەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن شۇنداق بىر ئاجايىپ كىتاب بولسا، شۈبھىسىزكى، كۈندۈزدەك ئوچۇق ھالدا ئاپتورىنى پۈتۈن كامالەتلىرى ۋە ھۈنەرلىرى […]