-
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا خىتاپ
«مېۋە رىسالىسى»دىن ئالتىنچى مەسىلە (بۇ دەرس رىسالەئى نۇرنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ئىزاھلىرى ۋە ئوچۇق دەلىللىرى بولغان «ﷲقا ئىمان» ئاساسىنىڭ مىڭلارچە ئومۇمىي دەلىللىرىدىن بىر دەلىلىگە قىسقىچە ئىشارەتتۇر.) قاستامونۇ شەھرىدە بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىمغا كېلىپ: «بىزگە ياراتقۇچىمىز توغرىسىدا دەرس بەرسىڭىز، مۇئەللىملىرىمىز ﷲ ھەققىدە بىر نەرسە سۆزلەپ بەرمەيدۇ» دېيىشتى. مەنمۇ دېدىمكى: سىلەر ئوقۇغان ھەربىر پەن ئۆزىگە مەخسۇس […]
-
ئەي مۆھتەرەم ياشىنىپ قالغانلار
سەككىزىنچى رىجا بېشىمغا قېرىلىق ئالامىتى بولغان ئاق چاچلار چۈشكەن زامانلاردا، ياشلىقنىڭ ئېغىر ئۇيقۇسىنى تېخىمۇ زىيادە قېلىنلاشتۇرغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرى، ئەسىرگە چۈشكەن چاغدىكى پاراكەندىچىلىكلەر، شۇنداقلا كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىنكى ماڭا ئائىت بولغان چوڭ بىر شان–شەرەپ ۋەزىيىتى، ھەتتا خەلىپىدىن، دىنىي رەئىستىن، باش قومانداندىن باشلاپ، مەدرىسە تالىپلىرىغا قەدەر ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ھەددىمدىن تولىمۇ يۈكسەك بولغان ھۆرمەت–ئىلتىپاتلىرى […]
-
تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل
(تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل ھەققىدە) ئەزىز، سىددىق قېرىنداشلىرىم! بۇ كۈنلەردە قۇرئانى ھەكىمنىڭ نەزىرىدە ئىماندىن قالسا ئەڭ مۇھىم ئاساس تۇتىلىدىغان تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل ئاساسلىرىنى ئويلاندىم. تەقۋا، چەكلەنگەنلەردىن ۋە گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتماقتۇر. سالىھ ئەمەل بولسا، ئىلاھىي ئەمىر دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلماق ۋە خەير(ساۋاپ) قازانماقتۇر. ھەر زامان يامانلىقنى دەپئى قىلىش پايدا قازىنىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئۈستۈن بولغىنىدەك، بۇ بۇزغۇنچىلىق، […]
-
ھەر كىشىگە پايدىسى بار
27–لەمئادىن: (بۇ پارچىنىڭ ھەر كىشىگە پايدىسى بار.) بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ ﴿اِنَّ النَّفْسَ َلاَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ﴾ (سۇرە يۇسۇف:53) مەنىسى: «نەفىس دائىم يامانلىققا باشلايدۇ» ئايىتىنىڭ، ھەمدە «سېنىڭ ئەڭ زىيانلىق دۈشمىنىڭ نەفسىڭدۇر» مەنىسىدىكى اَعْدَى عَدُوِّكَ نَفْسُكَ الَّتِى بَيْنَ جَنْبَيْكَ دېگەن ھەدىسنىڭ بىر سىرىدۇر. تەربىيەلەنمىگەن نەفسى ئەممارىسى بولۇش شەرتى بىلەن ئۆز نەفسىنى ياقتۇرغان ۋە سۆيگەن ئادەم باشقىلارنى سۆيمەيدۇ. ئەگەر […]
-
ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلە-دىققەت لازىم
ئون ئۈچىنچى نوتا: ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلىدۇر. بىرىنچىسى: ھەق يولدا تېرىشقان ۋە كۆرەش قىلغانلار، پەقەت ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئويلاش لازىم تۇرسا، جانابى ھەققە (ﷲقا) ئائىت ۋەزىپىلەرنى ئويلىۋېلىپ، ھەرىكەتلىرىنى ئەشۇ پىكىرگە بىنائەن ئېلىپ بېرىپ خاتالىشىدۇ. «ئەدەبۇددىن ۋەددۇنيا» رىسالىسىدە باردۇركى، بىر چاغدا شەيتان ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئېتىراز قىلىپ دەپتۇكى: «ئەجەل ۋە ھەر ئىش ﷲنىڭ تەقدىرى بىلەن […]
-
!بىلەمسىز-بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر
ئالتىنچى نۇكتە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى: كُلُّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ وَكُلُّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّارِ يەنى: ﴿اَلْيَوْمَ اَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ﴾(مائىدە:3) سىرى بىلەن پارلاق شەرىئىتىمىزنىڭ قائىدىلىرى ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ دەستۇرلىرى تامامەن تولۇق ھالدا ئەڭ كامالەتتە تۇرسىمۇ، يېڭى ئىجادلار بىلەن ئۇ دەستۇرلارنى ياقتۇرماسلىق ۋەياكى ھاشا ۋە كەللا، قۇسۇرلۇق كۆرۈش ھېسسىنى بەرگەن بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر. […]
-
بۇ ساۋاپنى مەن قازىناي، بۇ كىشىلەرگە مەن يولباشچى بولاي، ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىسۇن
ئۈستۈنلۈك ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپلىگى بىلەن ئەمەس، بەلكى ﷲنىڭ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بولىدۇ. ئۈچىنچى سەۋەب: ئەھلى ھەقىقەتنىڭ ئىختىلاپلىشىش ھامىيەتسىزلىكتىن ۋە پەسكەشلىكتىن كەلمىگىنىدەك، ئازغۇنلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشمۇ يۈكسەك ھامىيەتدارلىقتىن (تۆھپىكارلىقتىن) كەلگەن ئەمەس. بەلكى ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئىختىلاپى يۈكسەك ھامىيەتدارلىقنىڭ سۇيئىستىمال قىلىنىشىدىن، ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقى بولسا ھامىيەتسىزلىك نەتىجىسىدىكى ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكتىندۇر. ئەھلى ھىدايەتنى يۈكسەك ھامىيەتدارلىقنى سۇيئىستىمال قىلىشقا، نەتىجىدە ئىختىلاپ ۋە رىقابەتكە ئۈندەيدىغان نەرسە، ئاخىرەت نۇقتىنەزىرىدە […]
-
مەلائىكەلەر(پەرىشتىلەر)گە ئىمان
ئون بىرىنچى مەسىلە «مېۋە»نىڭ ئون بىرىنچى مەسىلىسىنىڭ بېشى، بىر مېۋىسى جەننەت، بىرى ئەبەدىي سائادەت ۋە بىرى رۇيەتۇللاھ (ﷲنى كۆرۈش) بولغان ئىماندىن ئىبارەت مۇقەددەس دەرەخنىڭ چەكسىزلىگەن چوڭ–كىچىك مېۋىلىرىدىن يۈزلەرچە نەمۇنىلىرى رىسالەئى نۇردا بايان ۋە ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپات قىلىنغانلىقتىن، ئىزاھىنى «سىراجۇننۇر»غا ھاۋالە قىلىپ، كۇللىي ئاساسلىرىدىن ئەمەس، بەلكى جۈزئىي ۋە كىچىك ئاساسلىرىنىڭ جۈزئىي (پارچە) ۋە خۇسۇسىي مېۋىلىرىدىن […]
-
رۇھى بىلەن بىللە بەدىنى يەنى جىسمى ۋە ئەزالىرى بىلەن قايتا تىرىلىش
”تەجەللى قىلىش جەھەتىدىن قارالسا، يەتتە سۇبۇتى سۈپىتى– بولۇپمۇ ھايات سۈپىتى ۋە ھەييۇن ۋە مۇھيى ئىسىملىرى بولسا يۈكسەك بىر ماقامدۇر. جانابى ھەق، ھەشىر تاڭ ساباھىدا، ئۇ ماقامدىن تەجەللى قىلغاندا، زۈرۈرى ھالدا جىسمانىي ھەشىر( رۇھى بىلەن بىللە بەدىنى يەنى جىسمى ۋە ئەزالىرى بىلەن قايتا تىرىلىش) ھەقىقىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مادەمكى كائىناتتىكى ئەسەرلىرىنىڭ شاھىتلىقى بىلەن، بۇ ئالەمدە تەسەررۇپ […]
-
سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟
سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟ ئىمانسىزلار-ھۆررىيەتى ۋىجدان* دەستۇرىدىن پايدىلىنپ كېتىۋاتىدۇ. شەيتاندىن دەرىس ئېلىپ داۋاملىق تۈردە ئىمان ئەھلىگە ھېچ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ، ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ زور كۆلەملىك قارار بىرىشى ۋە كۆپچىلىك مىللەتنىڭ ئارزۇسى، ئەھلى ئىماننىڭ تېنچ ئامانلىقىغا ۋەسىلە بولىدۇ. بىر نۇرنىڭ، بىر ھەقىقەتنىڭ ھامىسى، قوغدىغۇچىسى ۋە مۇھاپىزەتچىسى اللە دەپ ئېتىقات قىلىنغان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن يەنە نىمىنى […]