Kategori: تاللانغان ماقالىلەر

  • قىيامەتلىك ھەمشىرىلەر: ئاسىمە، فاتىمە، لەمان، ئائىشە، نائىلە

    قىيامەتلىك ھەمشىرىلەر: ئاسىمە، فاتىمە، لەمان، ئائىشە، نائىلە

    بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ   ئەي قەلبىمىزدە ئىپادىلىگۈسىز چەكسىز مۇھەببەتلىرىمىز بولغان بەكمۇ مۆھتىرەم، بەكمۇ ئەزىز، بەكمۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!   كىرىشكە مۇشەررەپ بولغان رامىزانى شەرىفىڭىزنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. قۇسۇرلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىپ، بىز بىچارىلەرنى نۇر تالىپلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز.   ئەي روھىمىزنىڭ ئوزۇقى ۋە قەلبىمىزنىڭ ئەبەدىي ئۆچمەس مەشئىلى، ماددىي ۋە مەنىۋىي دەرتلىرىمىزنىڭ دەرمانى! ئەي قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ بۈيۈك، […]

  • جىھاد ھەقتۇر، كىم بىلەن قىلىشقا قارا

    جىھاد ھەقتۇر، كىم بىلەن قىلىشقا قارا

    ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا ماددى ۋە مەنىۋى كۈچى يوقمۇ؟ جاۋاب: 1)…7)گىچە قىسقارىلدى.  8) ئايەتى كەرىمىسىگە[1] مەزكۇز مەنا–چۈشەنچىلەرنى بېرىۋاتقان كىشىلەر دەيدۇكى:   ”شۇنداق، يېقىندىن بېرى بىر تۈركۈم قۇتىرىتىشلارغا ئۇچىراپ كەتكەن مۇسلىمان قېرىنداشلىرىمىز، كۈچلىرىنى ئۆلچەپ–دەڭسىمەي، تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرمەستىنلا ۋە كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلالايدىغان ماددى ۋە مەنېۋى كۈچ–قۇۋۋەتنى ئۆزىدە تەق قىلالماي تۇرۇپلا، ھاپىلا–شاپلا قوزغىلىپ، ئىسلام دۈشمەنلىرى […]

  • !ئاياللار ۋە ئاخىرزامان فىتنىسى

    !ئاياللار ۋە ئاخىرزامان فىتنىسى

    ئۇستازىمىزنىڭ «ياشلىق رەھبىرى» گە قوشۇلۇپ يېزىلىشى كېرەك بولغان بىر بايانىدۇر   مەرسىندىن كەلگەن «رەھبەر»نىڭ باش تەرىپىدىكى «مۇھىم مەسىلە» نامىدىكى يىگىرمە ئۈچ ۋە يىگىرمە تۆتىنچى بەتلەرنىڭ چىقىرىلىشىنى ئۇيغۇن كۆردۈم. چۈنكى«نۇر»دىكى مۇھىم بىر مەسلەك شەپقەت بولغانلىقتىن(ئەرلەردىن كۆپرەك) ئاياللار ھەم سەمىمىي، ھەم ئىخلاسلىق ھالدا «نۇرلار» بىلەن ھەقىقىي ھالدا ئالاقىدار بولىشىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى بەتتىكى قاتتىق تەبىرلەردىن، شەپقەت قەھرىمانلىرى بولغان ئۇ […]

  • ۋۇجۇت ھەققىدە

    ۋۇجۇت ھەققىدە

    ۋۇجۇتنىڭ ئۈچ قىسمىدىن ” ۋاجىبۇل ۋۇجۇت“، ”مۇمتەنىئۇل ۋۇجۇت“ ۋە ”مۇمكىنۇل ۋۇجۇت“ نىمە دىگەنلىكتۇر؟ ” تەقسىمى ئەقىل بىلەن ۋۇجۇت ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىدۇ: 1. ۋاجىبۇل ۋۇجۇت: بارلىقى ئەقلى جەھەتتىن زۈرۈرىي بولغىدىنىدۇر.(ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئوخشاش.) 2. مۇمتەنىئۇل ۋۇجۇت: يوقلىقى ئەقلى جەھەتتىن زۈرۈرىي بولغىنىدۇر.(شېرىكى بارىغا ئوخشاش.) 3. مۇمكىنۇل ۋۇجۇت: بارلىقىدا ۋە يوقلىقىدا ئەقلى جەھەتتىن زۈرۈرىيەت بولمىغىنىدۇر.(قۇدرەتنىڭ تەئەللۇقىغا مەزھەر بولغان ئەۋۋەلقى […]

  • خانىم-قىزلار سەمىگە – ئىنتايىن ئەھەممىيەتلىك چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ

    خانىم-قىزلار سەمىگە – ئىنتايىن ئەھەممىيەتلىك چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ

    («خانىم–قىزلار رەھبىرى»دە ئىككى–ئۈچ قېتىم زىكىر قىلىنغان عَلَيْكُمْ بِدِينِ الْعَجَائِزِ ھەدىسى شەرىفىنىڭ سىرىنى بايان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، «ياشانغانلار رىسالىسى»دىن «يەتتە رىجا» ئۇنىڭغا ئىلاۋە قىلىندى.)    بىرىنچى رىجا:   ئەي ياشىنىپ قالغان مۆھتەرەم قېرىنداشلار ۋە ھەمشىرىلەر! مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ياشانغان ئادەممەن. قېرىلىق زامانىمدا بەزىدە بايقىغان رىجالارنى ۋە ئۇ رىجالاردىكى تەسەللى نۇرىغا سىلەرنىمۇ ئىشتىراك قىلىش ئارزۇسى بىلەن بېشىمدىن […]

  • ئەنسىرەيمەن

    ئەنسىرەيمەن

    ” ماڭا ئىزدىراپ بەرگەن ئازاپلىغان نەرسە پەقەتلا ئىسلامنىڭ دۇچار بولغان خىيىم–خەتەر ۋە تەھلىكىلەردۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇن خەۋپ خەتەر تېشىدىن يەنى سىرىتتىن كىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇقاۋەمەت قىلىش يەنى قارشى چىقىش ۋە تاقابىل تۇرۇش قولاي ئىدى. ئەمدى بولسا خەۋپ–خەتەر ئىچىدىن يەنى ئىچىمىزدىن كىلىۋاتىدۇ. قۇرۇت بەدەننىڭ ئىچىگە كىردى. ئەمدىلىكتە بولسا تاقابىل تۇرۇش قىيىنلاشتى. قورقىدىغان يىرىم ۋە ئەنسىرەيدىغىنىم، جەمىيەتنىڭ ۋۇجۇدى ۋە […]

  • مەشھۇر بىر ھەدىس-بەرىكەت مۆجىزىسى

    مەشھۇر بىر ھەدىس-بەرىكەت مۆجىزىسى

      ئون ئالتىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، سەھىھ كىتابلار (قەتئىي نەقىل بىلەن) بايان قىلىدۇكى: ھەزرەتى ئەبۇ ھۇرەيرە شۇنداق دەيدۇ: قورسىقىم ئېچىپ كەتكەنىدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، ئۇنىڭ مۇبارەك ئۆيىگە كەلدۇق. ئۇ يەردە ھەدىيەلىك كەلتۈرۈلگەن بىر تاۋاق سۈتنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ئەھلى سۇففەنى چاقىرىپ كەل!» دەپ بۇيرىدى. مەن قەلبىمدە: «بۇ سۈتنىڭ ھەممىنى […]

  • ئابدۇللاھ ئىسىملىك مەشھۇر يەتتە ساھابىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ھەزرەتلىرى

    ئابدۇللاھ ئىسىملىك مەشھۇر يەتتە ساھابىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ھەزرەتلىرى

      ئالتىنچى نۇقتا: ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېخىللىقنىڭ كۆپ پەرقى بار. مەسىلەن: كىچىك پېئىللىق، ناچار ئەخلاق بولغان خوشامەتچىلىكتىن مەنە جەھەتتىن ئايرىم، بىراق كۆرۈنۈشتە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر گۈزەل خىسلەتتۇر. ۋە يەنە تەمكىنلىك، يامان خىسلەتلەردىن بولغان تەكەببۇرلۇق بىلەن مەنە جەھەتتىن پەرقلىق، ئەمما كۆرۈنۈشتە ئوخشىشىپ كېتىدىغان گۈزەل خىسلەتتۇر. شۇنىڭدەكلا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالىي ئەخلاقىدىن بولغان ۋە بەلكى ﷲنىڭ كائىناتتىكى ھىكمەت نىزاملىرىنى كۆرسىتىدىغان […]

  • وَمَا رَمَيْتَ اِذْ رَمَيْتَ وَلكِنَّ اللّهَ رَمَى پۈتۈن ئەھلى ھەدىسنىڭ خەۋىرى بىلەن، بۇ ئايەت خەۋەر بېرىدۇكى

    وَمَا رَمَيْتَ اِذْ رَمَيْتَ وَلكِنَّ اللّهَ رَمَى پۈتۈن ئەھلى ھەدىسنىڭ خەۋىرى بىلەن، بۇ ئايەت خەۋەر بېرىدۇكى

    ئون ئىككىنچى ئىشارەت:   ئون بىرىنچى ئىشارەت بىلەن ئالاقىدار بولغان ئۈچ مىسالدۇر، ئەمما ناھايىتى مۇھىم مىساللاردۇر.   بىرىنچى مىسال: ﴿وَمَا رَمَيْتَ اِذْ رَمَيْتَ وَلكِنَّ اللّهَ رَمَى﴾ ئايىتىنىڭ قەتئىيلىكى بىلەن ۋە پۈتۈن مۇفەسسىرلەرنىڭ تەھقىقى بىلەن، ھەمدە پۈتۈن ئەھلى ھەدىسنىڭ خەۋىرى بىلەن، بۇ ئايەت خەۋەر بېرىدۇكى، بەدىر غازىتىدا رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىر ئوچۇم تۇپراق بىلەن كىچىك […]

  • بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە سۈيقەسىت قىلىشى

    بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە سۈيقەسىت قىلىشى

      ئىككىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار خەۋەر بېرىدۇكى، خەيبەر غازىتىدا بىر يەھۇدىي ئايال بىر ئۆچكىنى كاۋاپ قىلىپ، ناھايىتى تەسىرلىك بىر زەھەر بىلەن زەھەرلەپ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئەۋەتتى. ساھابىلەر يېيىشكە باشلىدى. بىردىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدى: «اِرْفَعُوا اَيْدِيَكُمْ اِنَّهَا اَخْبَرَتْنِى اَنَّهَا مَسْمُومَةٌ يەنى: پىشۇرۇلغان ئۆچكە ماڭا ‹مەن زەھەرلىكمەن› دېدى.» شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قولىنى تارتتى. […]