Kategori: تاللانغان ماقالىلەر

  • ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلە-دىققەت لازىم

    ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلە-دىققەت لازىم

    ئون ئۈچىنچى نوتا: ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلىدۇر.   بىرىنچىسى: ھەق يولدا تېرىشقان ۋە كۆرەش قىلغانلار، پەقەت ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئويلاش لازىم تۇرسا، جانابى ھەققە (ﷲقا) ئائىت ۋەزىپىلەرنى ئويلىۋېلىپ، ھەرىكەتلىرىنى ئەشۇ پىكىرگە بىنائەن ئېلىپ بېرىپ خاتالىشىدۇ. «ئەدەبۇددىن ۋەددۇنيا» رىسالىسىدە باردۇركى، بىر چاغدا شەيتان ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئېتىراز قىلىپ دەپتۇكى: «ئەجەل ۋە ھەر ئىش ﷲنىڭ تەقدىرى بىلەن […]

  • !بىلەمسىز-بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر

    !بىلەمسىز-بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر

      ئالتىنچى نۇكتە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى: كُلُّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ وَكُلُّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّارِ يەنى: ﴿اَلْيَوْمَ اَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ﴾(مائىدە:3) سىرى بىلەن پارلاق شەرىئىتىمىزنىڭ قائىدىلىرى ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ دەستۇرلىرى تامامەن تولۇق ھالدا ئەڭ كامالەتتە تۇرسىمۇ، يېڭى ئىجادلار بىلەن ئۇ دەستۇرلارنى ياقتۇرماسلىق ۋەياكى ھاشا ۋە كەللا، قۇسۇرلۇق كۆرۈش ھېسسىنى بەرگەن بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر.   […]

  • بۇ ساۋاپنى مەن قازىناي، بۇ كىشىلەرگە مەن يولباشچى بولاي، ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىسۇن

    بۇ ساۋاپنى مەن قازىناي، بۇ كىشىلەرگە مەن يولباشچى بولاي، ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىسۇن

    ئۈستۈنلۈك ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپلىگى بىلەن ئەمەس، بەلكى ﷲنىڭ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بولىدۇ. ئۈچىنچى سەۋەب:  ئەھلى ھەقىقەتنىڭ ئىختىلاپلىشىش ھامىيەتسىزلىكتىن ۋە پەسكەشلىكتىن كەلمىگىنىدەك، ئازغۇنلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشمۇ يۈكسەك ھامىيەتدارلىقتىن (تۆھپىكارلىقتىن) كەلگەن ئەمەس. بەلكى ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئىختىلاپى يۈكسەك ھامىيەتدارلىقنىڭ سۇيئىستىمال قىلىنىشىدىن، ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقى بولسا ھامىيەتسىزلىك نەتىجىسىدىكى ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكتىندۇر. ئەھلى ھىدايەتنى يۈكسەك ھامىيەتدارلىقنى سۇيئىستىمال قىلىشقا، نەتىجىدە ئىختىلاپ ۋە رىقابەتكە ئۈندەيدىغان نەرسە، ئاخىرەت نۇقتىنەزىرىدە […]

  • مەلائىكەلەر(پەرىشتىلەر)گە ئىمان

    مەلائىكەلەر(پەرىشتىلەر)گە ئىمان

    ئون بىرىنچى مەسىلە   «مېۋە»نىڭ ئون بىرىنچى مەسىلىسىنىڭ بېشى، بىر مېۋىسى جەننەت، بىرى ئەبەدىي سائادەت ۋە بىرى رۇيەتۇللاھ (ﷲنى كۆرۈش) بولغان ئىماندىن ئىبارەت مۇقەددەس دەرەخنىڭ چەكسىزلىگەن چوڭ–كىچىك مېۋىلىرىدىن يۈزلەرچە نەمۇنىلىرى رىسالەئى نۇردا بايان ۋە ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپات قىلىنغانلىقتىن، ئىزاھىنى «سىراجۇننۇر»غا ھاۋالە قىلىپ، كۇللىي ئاساسلىرىدىن ئەمەس، بەلكى جۈزئىي ۋە كىچىك ئاساسلىرىنىڭ جۈزئىي (پارچە) ۋە خۇسۇسىي مېۋىلىرىدىن […]

  • رۇھى بىلەن بىللە بەدىنى يەنى جىسمى ۋە ئەزالىرى بىلەن قايتا تىرىلىش

    رۇھى بىلەن بىللە بەدىنى يەنى جىسمى ۋە ئەزالىرى بىلەن قايتا تىرىلىش

      ”تەجەللى قىلىش جەھەتىدىن قارالسا، يەتتە سۇبۇتى سۈپىتى– بولۇپمۇ ھايات سۈپىتى ۋە ھەييۇن ۋە مۇھيى ئىسىملىرى بولسا يۈكسەك بىر ماقامدۇر. جانابى ھەق، ھەشىر تاڭ ساباھىدا، ئۇ ماقامدىن تەجەللى قىلغاندا، زۈرۈرى ھالدا جىسمانىي ھەشىر( رۇھى بىلەن بىللە بەدىنى يەنى جىسمى ۋە ئەزالىرى بىلەن قايتا تىرىلىش) ھەقىقىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مادەمكى كائىناتتىكى ئەسەرلىرىنىڭ شاھىتلىقى بىلەن، بۇ ئالەمدە تەسەررۇپ […]

  • سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟

    سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟

    سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟   ئىمانسىزلار-ھۆررىيەتى ۋىجدان* دەستۇرىدىن پايدىلىنپ كېتىۋاتىدۇ. شەيتاندىن دەرىس ئېلىپ داۋاملىق تۈردە ئىمان ئەھلىگە ھېچ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ، ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ زور كۆلەملىك قارار بىرىشى ۋە كۆپچىلىك مىللەتنىڭ ئارزۇسى، ئەھلى ئىماننىڭ تېنچ ئامانلىقىغا ۋەسىلە بولىدۇ. بىر نۇرنىڭ، بىر ھەقىقەتنىڭ ھامىسى، قوغدىغۇچىسى ۋە مۇھاپىزەتچىسى اللە دەپ ئېتىقات قىلىنغان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن يەنە نىمىنى […]

  • ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن ئۈستۈن قلماڭلار

    ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن ئۈستۈن قلماڭلار

    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَرْفَعُوا أَصْوَاتَكُمْ فَوْقَ صَوْتِ النَّبِيِّ وَلَا تَجْهَرُوا لَهُ بِالْقَوْلِ كَجَهْرِ بَعْضِكُمْ لِبَعْضٍ أَن تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنتُمْ لَا تَشْعُرُونَ﴿٢﴾ (ھۇجۇرات سۈرىسى،49:2)   ئەي مۇئمىنلەر! ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن ئۈستۈن قلماڭلار، رەسۇلۇللاھقا سۆز سۆزلىگەندە بەزىڭلار بەزىڭلارغا سۆزلىگەندەك قاتتىق سۆزلىمەڭلاركى ئەمەللىرىڭلار باتىل بولۇپ قالمىسۇن. قاتتىق سۆزلىگەن تەقدىردە ئەمىلىڭلار باتىل بولىدۇ. ھالبۇكى سىز باتىل بولغانلىقىنى […]

  • !ئەي سەبىرسىز بىمار

    !ئەي سەبىرسىز بىمار

    ئىككىنچى داۋا:   ئەي سەبىرسىز بىمار! سەبىر قىل، ھەتتا شۈكۈر قىل! سېنىڭ بۇ كېسىلىڭ، كېسەللىك مىنۇتلىرىنى، سائەتلەرچە قىلىنغان ئىبادەتلەرگە ئايلاندۇرىشى مۇمكىن. چۈنكى ئىبادەت ئىككى قىسىمدۇر. بىرى، مۇسبەت ئىبادەت بولۇپ، ناماز ۋە دۇئاغا ئوخشاش مەلۇم ئىبادەتلەردۇر. يەنە بىر قىسمى مەنفىي ئىبادەتلەر بولۇپ، كېسەللىكلەر ۋە بالالار ۋاستىسى بىلەن كىشى ئاجىزلىقىنى ۋە كۈچسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ. رەھىملىك بولغان ياراتقۇچىغا […]

  • ئۆتكەن ئۆمرۈڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ باق

    ئۆتكەن ئۆمرۈڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ باق

    ئالتىنچى داۋا:   ئەي ئەلەمدىن شىكايەت قىلغان بىمار! ئۆتكەن ئۆمرۈڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ باق، ئۇ ئۆمۈردە ئۆتكەن لەززەتلىك، راھەتلىك كۈنلىرىڭنى ۋە ئەلەملىك، بالالىق ۋاقىتلىرىڭنى ئويلىساڭ، ئەلۋەتتە يا «ئۇھ» ۋەيا «ئاھ» دەيسەن. يەنى قەلبىڭ ياكى تىلىڭ يا «ئەلھەمدۇلىللاھ شۈكۈر»، ياكى بولمىسا ھەي ئىسىت دەيدۇ. ساڭا «ئۇھ، ئەلھەمدۇلىللاھ شۈكۈر» دېگۈزىۋاتقان نەرسە، سېنىڭ بېشىڭدىن ئۆتكەن ئەلەملەر ۋە قىيىنچىلىقلار بولۇپ، […]

  • توغرا پىكر ساغلام ئېتىقاد خەيىرلىك ھايات

    توغرا پىكر ساغلام ئېتىقاد خەيىرلىك ھايات

    ئىلمى مۇكاشەفە(كەشىپ ئىلمى)   رىسالەئى نۇر–ساھابىلەرنىڭ مەسلەك(يولى)ھېساپلىنىدۇ. كەشىپ ۋە كارامەتكە ئەھمىيەت بەرمەستىن، تالىپ بولغۇچىنى– توغرىدىن توغرا زاھىردىن ھەقىقەتكە يول ئاچتۇرىدۇ ۋە ئىرىشتۈرىدۇ. رىسالەئى نۇر– ساھابىلەرگە ئوخشاش چۈشىنىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى جانلاندۇرىدۇ.   ساھابەئى كىرام –قۇرئانى كەرىم ئوقۇغاندا ۋە ئاڭلىغان ۋاقىتتا، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە سۇنغان ۋە بەخىش ئەتكەن ئىلاھىي ئەسەرلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزەتتى ۋە ئىلاھىي ئىسىملار […]